تىرامپ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى تەستىقلىدى

تىرامپ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى تەستىقلىدى

28-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى رەسمىي تەستىقلىغان.
خەۋەردە تۈنۈگۈن تىرامپنىڭ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى رەسمىي تەستىقلىغانلىقى، مەزكۇر قانۇننىڭ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى»، «خوڭكوڭنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈپ، خوڭكوڭنىڭ خىتايدىن پەرقلىق ھالدا ئالاھىدە ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولغان-بولمىغانلىقىنى يىلدا بىر قېتىم ئامېرىكا پارلامېنتىغا دوكلات قىلىشى كېرەكلىكى، خىتايغا قارشىلىق كۆرسەتكەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىق خاتىرىسى تۈپەيلىدىن ۋېزىسىنى رەت قىلماسلىق كېرەكلىكى، خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيەسى ۋە قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان كىشىلەرنى ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ھېسابىنى توڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق جازالاش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قانۇن لاھىيەسى ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكەن، لايىھەنىڭ قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇشى تىرامپنىڭ تەستىقلىشىغا قاراشلىق بولۇپ قالغان ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈن بۇ ھەقتە چالۋاقاپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى جار سالغان.

بۇ خەۋەر 869 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2019 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق