ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان 100 ئادۋوكاتقا جاۋاب كەلدى
خەۋەر يەتتە تورىنىڭ 26-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە 100تۈرك ئادۋوكات تەرىپىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان مۇراجىئەتنامىگە تۇنجى بولۇپ، ب د ت تەرىپىدىن مۇراجىئەتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قاراپ چىقىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن.
قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشى ھەققىدە سۇنۇلغان ئىلتىماسىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغانلىقى، 26- ئيۇندىن باشلاپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەسمى قاراپ چىقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش جىنايەتلىرى ھەققىدە ب د ت غا يوللانغان مۇراجىئەتنامىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي ئىنسانىي دەپسەندىچىلىكلىرى 12 ماۋزۇغا بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەر بىر ماۋزۇدا بايان قىلىنغان خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دوكلاتلىرى بىلەن دەلىللىك قىلىپ ئىسپاتلاپ بېرىلگەن.
بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادۋوكات فارۇق قېلشتىمۈر: ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ب د ت غا قىلغان مۇراجىئەتنامە بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي قاراپ چىقىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن قىلغان شىكايىتىگە قارىشى خىتايدىن كەلگەن جىنايەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى خەلقئارا ئاخباراتلار ھەمدە كەڭ جامائەت بىلەن ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.