چاقماق خەۋەر

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشتى

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشتى

10-دېكابىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدرىس ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى پائالىيەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.
ئۇلار 26-نويابىر ئاۋسترالىيەگە يېتىپ بېرىپ پائالىيىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد، پېرس، كامبرا ۋە سىدنىي قاتارلىق شەھەرلىرىدە پائالىيەت قىلغان. پائالىيەتتە مەزكۇر شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى، رادىئو مەركەزلىرى، ھەر دەرىجىلىك پالامېنت ئەزالىرى، سىياسەتچىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىش جىنايەتلىرىنى ئالاقىدار قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ جازالاش، ئاۋسترالىيەدىن شەرقىي تۈركىستانغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بارغاندا خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان 17گە يېقىن ئۇيغۇرغا ئىگە بولۇش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەت ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، گېزىت-ژۇرناللار ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلگەن.

بۇ خەۋەر 398 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2019 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق