ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ

ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ

 
29 - ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كۈزىتىش كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇ خىتايدىن كەلگەن ھەيئەت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىيى پارتىيە كونيا مىللەت ۋەكىلى فاخرەتتىن يوقۇش تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سۆز قىلدى ۋە خاقان چاۋۇشئوغلىنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە تىلغا ئالمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئۇ مەجلىستىكى سۆزىدە قولىدا «خىتاينىڭ پۇلى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلىدى» ماۋزۇلۇق ماقالە بېسىلغان «قارار» گېزىتىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۈكۈتىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىمەن دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن سۆزگە چىققان ئىيى پارتىيە ئادانا مىللەت ۋەكىلى ئىسمائىل كونجۇك ئالدى بىلەن فاخرەتتىن يوقۇشنىڭ سۆزلىرىنى تەقدىرلىدى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بىر تۈرك مىللەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى شۇنداقلا ئۇنى سەن مەجلىستە خىتاي - تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئەزاسىغۇ دېگەن سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن مىللەت ۋەكىللىرىگە جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ پارلامىنتتىكى خىتاي - تۈركىيە دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىشىدىكى سەۋەبنىڭ دەل ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
سۆزىنى داۋام قىلغان ئىسمائىل كونجوك ئۆزىنىڭ ۋە فاخرەتتىن يوقۇشنىڭ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە مەيداندا ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا كونسۇلخانىغا تاش ۋە تۇخۇم ئاتقانلار قاتارىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مەجلىستە ئۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ خىتايغا قارشى سورۇنلاردا بولۇپ باققان ياكى باقمىغانلىقىنى سورىدى.
ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا: مېنىڭ چوڭ دادام شەرقىي تۈركسىتاندىن كەلگەن، قەشقەردىن كەلگەن دېگەنلەرنى ئېيتىپ، ئىنسان ھەقلىرى كۈزىتىش كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايدىن كەلگەن ھەيئەت بىلەن كۆرۈشكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دېگەن سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇ يەرنىڭ ئىسمى شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان! سېنىڭ رەئىسىىڭ ئۇ يەرنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدۇ! دەپ قاتتىق سىلكىدى ۋە مەجلىستە ئالقىشقا ئېرىشتى.

بۇ خەۋەر 1200 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2019 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق