چاقماق خەۋەر

ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي سەپسەتىلىرىگە قارشى بايانات ئېلان قىلدى


9-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاينىڭ خەلقئارادا تارقىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان تەشۋىقاتلىرىغا كەسكىن رەددىيە بېرىپ، بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى نەچچە كۈندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىشنى كۈچەيتتى. خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە مىسىردا ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق تۆھمىتى بىلەن ئەيىبلىدى. مىسىر تېرروچىلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئەجەبا ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تېررورچىلارنى ئوقۇتامدۇ؟ خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە «تېررورچى» دېگەن تۆھمەتنى ئارتىش ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاينىڭ يالغانچىلىقلىرى ئۆزىنىڭ رەزىل سىياسىتىنى ئاقلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە» دېگەن سۆزى يالغان. خىتاينىڭ دېگىنى راست بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا قۇرئان كەرىم ئۆگەتكەن ئاتا-ئانىلار ئۈچ يىل، ھەتتا سەككىز-ئون يىل جازالىنىدۇ؟ ھەتتا ئون يىل ئالدىدىكى قۇرئان ساۋادىنى چىقارغان خەلق جازالىنىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندە خىرىستىيان مۇرىتلىرى جازالاندى. خىتاي مەسچىت ئەسلىھەلىرىنىڭ سەپلەنگەنلىكى، نۇرغۇنلىغان دىنىي سورۇنلارنىڭ بارلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتتى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرگە ئەسلىھە تولۇقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاۋۋال مەسچىت جاينامازلىرىنى يىغىۋالدى، نەچچە مىڭ مەسچىتنى چېقىۋەتتى. خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى بولسا خىتاي دائىرىلىرى خوتەش شەھىرىدىكى گۇجانباغ مەسچىتى، ئات بازىرى مەسچىتى، نۇرلۇق مەسچىتى قاتارلىق نۇرغۈن مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىدى.
خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى دىنىي ئېتىقادىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ، چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىسپاتلايدۇ.
خىتاي تەشۋىقاتىدا «خىتاي مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت مۇقىم» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيتى ئىسپاتلايدۇ. شەرقىي تۈركىستان مۇقىم بولسا، نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىپ، كوچىلاردا ئادەم قالمايدۇ؟
شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»، CCTV قانىلى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى بەرگەن باياناتلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە رەت قىلىمىز.

بۇ خەۋەر 120 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق