چاقماق خەۋەر

ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
7-دېكابىر سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇردى.
مۇھاكىمە يىغىنىغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشان-غايىسىنىڭ قانداق بولۇشى، غايىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەققىدە مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنىڭ خەلقئارادىكى تەرەققىياتى ۋە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەر ئۆزئارا مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 126 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق