چاقماق خەۋەر

ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە راي سىناش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىدا خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە راي سىناش ئۆتكۈزۈلدى

شىمالىي كورىيە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىلۇمبېرگ ۋە FTI مەسلىھەت بېرىش شىركىتى 12-مايدىن 14-مايغىچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى ھەققىدە راي سىناش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان راي سىناشتا %40 ئامېرىكىلىق كەلگۈسىدە خىتاي ماللىرىنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جامائەت پىكىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، خىتاينىڭ ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقلارنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا %55 زىيارەت قىلىنغۇچى خىتاي 1-ئايدا ئامېرىكا بىلەن ئىمزالىغان بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئەمەل قىلمايدۇ، دەپ قارىغان.
بىلۇمبېرگنىڭ يەنە بىر نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىقلارنىڭ سودا سۈركىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئۆچمەنلىكى تەدرىجىي ئاجىزلىغان. تەخمىنەن %66 زىيارەت قىلىنغۇچى ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈشكە قارىغاندا ئىمپورت چەكلىمىسىنى ئاشۇرۇشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ فوكس قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا تىرامپ بىر قېتىم ئامېرىكا شىركەتلىرىگە: «راستىنى ئېيتسام، بىز خىتايغا موھتاج ئەمەس» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ باشقا ئامال ئىزدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 160 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2020 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق