ئامېرىكا: دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە ياپونىيەنى تولۇق قوللايمىز

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي پاراخوتلىرى تالاش-تارتىشلىق رايون سېنكاكۇ ئارىلىغا كۆپ قېتىم بۆسۈپ كىرگەن بولۇپ، ياپونىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى كېۋىن شىنەيدىر ئامېرىكا تەرەپنىڭ ياپونىيەنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كېۋىن شىنەيدېر چارشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن تور ئاخبارات يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئالدىنقى يۈز كۈن ئىچىدە سېنكاكۇ ئارىلىغا سوقۇنۇپ كىرىش قېتىم سانىنىڭ بۇندىن بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆپ بولغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەگە ياردەملىشىپ، سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى خىتاي پاراخوتلىرىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە: «ئامېرىكا تەرەپ بۇ ۋەزىيەتكە قارىتا ياپونىيەگە قىلچە ئىككىلەنمەستىن %100 ياردەمدە بولىدۇ. بۇندىن بۇرۇن خىتاي پاراخوتلىرى ھەرئايدا سېنكاكۇ ئارىلىدا كۆپ قېتىم سوقۇنۇپ كىردى. ئەمدى بولسا خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ بۇ رايونغا توختىتىپ قويۇلۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن پۇت تېپىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە تەرەپ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدا ئۇدا 100 كۈن ئۈزۈلمەي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رايون مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 
بۇ خەۋەر 585 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2020 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق