چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى 13-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى پېرېۋوت نىسبىتىنى تىزگىنلىگۈچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارى 15-يانۋار ئىمزالىنىدىغان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىن خىتاينىڭ بۇندىن كېيىن سودىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى چاك شۇمېر بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى كونترول قىلدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا ئەندىزىسىگە يول قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
گەرچە خىتاي بۇ تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن بولسىمۇ، كېيىنكى قەدەمدە گېرمانىيە، مالايشىيا، ياپونىيە قاتارلىق ئون دۆلەتنىڭ قاتارىدا داۋاملىق كۆزىتىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 78 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق