ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىننىڭ قايتا ۋەزىپىگە چىققانلىقىنى تەبرىكلىگەن ئامېرىكا پارلامىنتىدىكى بىر قىسم مۇھىم شەخسلەر خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو كېڭەش پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى ۋە دىپلوماتىك بېسىمى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى كۆپ قېتىم ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ ، تەيۋەن ئەتراپىدا مەشىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاي تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مەركىزى سىزىقىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، 4-ئايدا يەنە، خىتاي ئاۋىئاماتكىسى لياۋنىڭمۇ تەيۋەن بوغۇزىدا پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماركو رۇبىئو يەنە، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىننىڭ قايتا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي تەيۋەننى قۇرال كۈچى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرىمىز دەيدىكەن ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى، خىتاي مەسىلىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىمىز دەيدىكەن بىۋاستە ئامېرىكا بىلەن توقۇنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوكلاخوما شىتاتىدىن كەلگەن ئىنخوفېر ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «مەن تەيۋەن ئامېرىكانىڭ ھىندى-تېنچ ئوكياندىكى ئەڭ يېقىن سىرداشلىرىنىڭ بىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىز تەيۋەن بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز »دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، سەي يىڭۋىننىڭ ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋىن بۈگۈن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بۇ يىللىق ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاددىي ئۆتكۈزگەن. ، ھېچقانداق چەتئەللىك مېھمان تەكلىپ قىلىنمىغان.