8-يانۋار ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار كۈچلۈك پاكىتلار بار» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، جازا لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى، بۇ جايلاردا كەم دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق تۇتقۇن بارلىقى بايان قىلىنغان ۋە شۇنىڭدەك مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى سىرتىدىمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دوكلات ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن 8-يانۋار ئەتىگەندە ئامېرىكا پارلامېنتى بىناسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار جازا لاگېرىغا سولانغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى تۇتقان ھالدا ئاخبارات يىغىنىغا قاتنىشىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.