ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
ۋالكوچىسى ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى « بىخەتەرلىك قانۇنى خوڭكوڭ نۇسخىسى »غا مۇناسىۋەتلىك خىتاى ئەمەلدارلىرىنى جازالاش قانۇن لايىھەسىنى ئىككى پارتىيە ئىچىدە بىردەك ماقۇللىغان.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى بۇزىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ، شىركەتلىرى ۋە بانكىلارغا جازا يۈرگۈزىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ئىككى پارتىيە بىردەك ماقۇللىغان.
كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى قارشى تۇرسىلا ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن. شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كېۋىن كرامېر مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشىنى توسۇپ قالغان. سەۋەبى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى قايتا ئويلىنىشقا موھتاج دەپ قارايدىكەن. ئەمما تۈنۈگۈن ئىككى پارتىيە ئىچىدىن ھېچكىم بۇنىڭغا قارشى ئاۋاز بەرمىگەن بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى ئوڭۇشلۇق ماقۇللانغان.
بۇ قانۇن لايىھەسىنى مارىلاند ئىشتاتى دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىرىس ۋان خولېن ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى پات تومېي ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە خوكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.