ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى تاموژنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسى 14-سېنتەبىر خىتاي ماللىرىغا قارىتا بەش تۈرلۈك ئىمپورت چەكلىمىسى بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا چەكلىمە قويۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
تاموژنا ۋە چېگرا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى مارك مورگان بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ: «بۈگۈنكى بۇ چەكلەش بۇيرۇقى خەلقئارا جەمئىيەتكە روشەن بىر ئۇچۇر بېرىدۇ. يەنى بىز ئامېرىكىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە قانۇنسىز، ئىنسانىيلىققا يات بولغان ۋە ئېكسپلاتاتسىيە تۈسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويالمايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىدىكى تاموژنا خادىملىرىغا تۆۋەندىكى ماللارنى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ماللار بولسا:
1. لوپ ناھىيەلىك 4-كەسپىي تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئەمگەكچىلەر ئىشلەپچىقارغان بارلىق مەھسۇلاتلار؛
2. لوپ ناھىيەلىك چاچ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مەيدانىدا ئىشلەنگەن چاچ مەھسۇلاتلىرى؛
3. ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى ۋە باۋدىڭ شەھىرى لۈيې شوزىداۋ سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كىيىم-كېچەكلەر؛
4. «شىنجاڭ» جۇڭغار پاختا-كەندىر شىركىتى پىششىقلاپ ئىشلىگەن پاختىلار؛
5. ئەنخۈي خېفېي باۋلوڭدا ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كومپيۇتېر زاپچاسلىرى.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ئەمەلدارى نۆۋەتتە تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىمپورت چەكلىمىسىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.