چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قۇيدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قۇيدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،«پىرېزىدېنت ترامپ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلاردا مەسئۇلىيىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پومپېيو باياناتىدا «1984-يىلدىكى خىتاي -ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسىدىن كاپالەتلەندۈرۈلگەن خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى خوڭكوڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىگە مەسئۇل ئەمەلدارلىرىغا  ۋىزا چەكلىمىسىنى يولغا قويغانلىقىنى، بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ بۇ چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.خىتاي -ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتى »دا خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى » ۋەدىسى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. ھەمدە خوڭكوڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقى ، خىتاي -ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسىنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا بۇ ئەندىشىلەرگە قارىتا دائىرىلەرنى داۋاملىق كۆزىتىدۇ»دېگەن

خىتاي مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بىل بىشوپ تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ ، «ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش ، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە تۇغقانلىرى ساقلىغان ئامېرىكا يېشىل كارتىلىرىنى بىكار قىلىش بىلەن سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىر ۋە ئۈنۈملۈك زەربە»دېگەن

بۇ خەۋەر 207 قېتىم كۆرۈلدى
27/06/2020 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق