ئامېرىكا خىتاينىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئازايتىشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتايدىن ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى زور كۆلەمدە ئازايتىشنى تەلەپ قىلماقچى ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ مەلۇم بىر ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئازايتىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ سانى بىلەن تەڭلەشتۈرۈشنى ئويلاشقان. مەزكۇر ئەمەلدار بۇنىڭ فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ (FBI) يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان جاسۇسلۇققا ئالاقىدار 5000 دىن ئارتۇق دېلونىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاي بىلەن ئالاقىدار ئىكەن.
يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، خىتايمۇ ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ئامېرىكىنىڭ چېڭدۇدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىۋەتكەن. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ نىسبىتىنى تەڭلەشتۈرۈش ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىغان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېنىق سانىنى بىلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا 250 كە يېقىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

 
بۇ خەۋەر 553 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2020 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق