چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا خىتاينىڭ تۆت ئاخبارات ئورگىنىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ تۆت ئاخبارات ئورگىنىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 22- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ،

ئامېرىكا دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە خىتاي ئاخبارات مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ ئاخبارات ئورگىنىنى«چەتئەللىك زىيارەت ئۆمىكى » تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى تىجارىتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە ، ئامېرىكا تەرىپىدىن يېڭىدىن «چەتئەللىك زىيارەتچىلەر » قىلىپ بېكىتىلگەن خىتاينىڭ تۆت ئاخبارات ئورگىنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ، خىتاي ئاخبارات مۇلازىمىتى ، خىتاي خەلق گېزىتى ۋە يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنى كۆرسىتىدىكەن . بۇ تۆت تاراتقۇ ئامېرىكىدا ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇشى ، ھەمدە ساقلانغان مال-مۈلۈكنى ئېلان قىلىشى كېرەك ئىكەن.  ئۇندىن باشقا بۇ خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بەزى مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرى ياردەمچىسى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ستىلۋېل بۇ ھەقتە «بۇ بىر تۈركۈم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەشۋىقات ئورگىنى،  گەرچە خىتاي كوممۇنىستلىرى بۇ تاراتقۇلاردا خىزمەت قىلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما مەزكۇر تاراتقۇلارنىڭ  خەۋەر ھەمدە دوكلاتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى  خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەتراپلىق تەھرىرلەپ سۈزۈپ چىقىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 118 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2020 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق