چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگەن ئىران ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان خىتاي ئەشيا ئوبوروت شىركىتىگە جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەشيا ئوبوروت شىركىتى (شاڭخەي ساينت ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى) ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى ئاساسلىق مال سېتىش ۋاكالەتچىسى (GSA) خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا يۈك زاكاز قىلىش ۋە باشقا مۇلازىمەتلەر قىلغانلىقىنى، ئىران ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرى مۇقەددەس شەھەر ئارمىيىسى (IRGC-QF) نى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، خىتاي شىركىتىگە قويۇلىدىغان جازا بولسا، ئامېرىكىدىكى ئەشيا ئوبوروت شىركىتىگە تەۋە بارلىق مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو باياناتىدا، خىتاي ماھان ئاۋىئاتسىيەسىنى قارشى ئالىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى ، خىتاي بۇ ھەمكارلىقنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى،
خىتاي شىركىتىگە بېرىلىدىغان بۇ جازانىڭ كىشىلەرگە ھامان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىگە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ مەيلى خىتاي ياكى باشقا جايلاردا بولسۇن ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا يەنە ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ۋېنسۇئېلا مادۇرو ھاكىمىيىتىنى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. پومپېيو بۇ ھەقتە،« ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋېنېسۇئېلاغا مال يەتكۈزۈشكە قۇلايلىق يارىتىپ ، قانۇنسىز مادۇرو ھاكىمىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللاۋاتىدۇ. ئوخشاشلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى ، ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ۋېنېسۇئېلانىڭ ئالتۇنلىرىنى ئىرانغا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ ئارقىلىق ۋېنسۇئېلا خەلقىنى ئىقتىسادنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بايلىقلاردىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ »دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇچىن يەنە ، «ئىران ھاكىمىيىتى ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتىدىن پايدىلىنىپ ۋېنسۇئېلادىكى قانۇنسىز ۋە چىرىك ھاكىمىيەتنى قوللاۋاتىدۇ. بىز ئىككىلەنمەيلا ماھان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئورۇنلارنى جازالاش نىشانى قىلىمىز »دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 160 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2020 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق