دوۋېي تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا بىر ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىشنى پىلانلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
گەرچە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا يەنىلا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈچىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەشكە باشلىغان.
مەزكۇر ئالاھىدە ئەترەت ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىلغار قوراللارنى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇقتىكى تۈرلۈك نىشانلارغا ھۇجۇم قىلالايدىكەن.
ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش مىنىستىرى راين مىكارسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ ئالاھىدە قىسىمنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى تەڭشىيەلەيدىغانلىقىنى، قىسىمنى تەيۋەن ۋە فىلىپپىننىڭ شەرقىدىكى ئاراللارغا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ۋاقتىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاساسلىق كۈچىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئالدىنقى ئايدا ئېيتقان سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە نىسبەتەن خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.