ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە كېڭەشتى

ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە كېڭەشتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە مىنىستىر دەرىجىلىك كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي تەھدىتىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشقا كېلىشكەن.

ئىككى تەرەپ يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ساھەلەردە ھەمكارلىق ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، خىتايغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا ۋەدىلەشكەنلىكىنى، ئورتاق ھەرىكەت قوللىنىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بايقاش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى كالې بىروۋېننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى موررىسوننىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئامېرىكىدىكى تارىخىي زىيارىتى ئاساسىدا، ئىككى تەرەپنىڭ كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ «ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەدىكى تەۋرەنمەس ۋەدىسى»نى قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىككى دۆلەت ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى قانداق قىلىپ خىتايغا قارشى تېخىمۇ ياخشى كۈرەش قىلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بىر قاتار مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ئىكەن.

ئىككى تەرەپ يەنە كەلگۈسىدىكى سەھىيە كىرىزىسى ۋە تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئۈچۈن دۇنياۋى كۈچنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تىلغا ئېلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىككى تەرەپلىك ساغلاملىق بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدىكى ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئىككى تەرەپ يەنە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرنىڭ تور قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 620 قېتىم كۆرۈلدى
30/07/2020 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق