چاقماق خەۋەر

ئامېرىكا «خاككېرلىققا قارشى» كىۋانت ئىنتېرنېت پىلانىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا «خاككېرلىققا قارشى» كىۋانت ئىنتېرنېت پىلانىنى ئېلان قىلدى

   N t v  خەۋەرلىرىنىڭ 28 – ئىيۇل بىلدۈرۈلۈشىچە،  ئامېرىكا ئالىملىرى كىۋانت ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى ئاساسىدا «چاكارلىققا قارشى» تېخىمۇ بىخەتەر ئىنتېرنېت ئۈچۈن ئۇل ئەسلىھە خىزمىتىنى باشلىدى.

    ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى بۇ كىۋانت ئىنتېرنېت پىلانىنى «مەۋھۇم مۇھىتتا خاككېرلارنىڭ ئۇچۇر ئىگەللىشى ئىنتايىن قىيىن» دەپ ئېنىقلىما بەردى.

    ئەنگلىيەنىڭ «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» (Daily Mail) دىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈر دائىرىسىدە كىۋانت مېخانىكىسى ئارقىلىق ھازىرقى تورلاردىن تېخىمۇ بىخەتەر سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا «خاككارلىققا قارشى» كەڭ دائىرىلىك كىۋانت تورى قۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن : «ئامېرىكىدا ئالىملار كىۋانت ئىلمىي ۋە تېخنىكا ساھەسىدە، مەۋھۇم مۇھىتتا ئىككى ئورۇن ئارىسىدا ئۇچۇر يوللىغاندا خاككېرلارنىڭ ئۇچۇر ئىگەللىتىش ئىنتايىن قىيىن بولغان، تېخىمۇ ئىشەنچلىك تورلارنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق ئىشلىمەكتە».

    ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا بۇ پىلانىنى 10 يىل ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

بۇ ئامېرىكىدىكى «خاككارلىققا قارشى» ئىككىنچى قېتىملىق كىۋانت تورى بولۇپ، ئامېرىكا بۇنىڭدىن بۇرۇن چىكاگو شەھەر ئەتراپى رايونىدا 83 كىلومېتىرلىق خاككارلىققا قارشى «كىۋانت ھالقىسى» بەرپا قىلغان ئىكەن.

بۇ خەۋەر 126 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2020 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق