ئابدۇرېھىم غېنى خىتايلار تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىدى

ئابدۇرېھىم غېنى خىتايلار تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىدى
ئۆز خەۋىرىمىز: گوللاندىيەنىڭ ئامستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا 2018-يىلىدىن بۇيان خىتايغا قارشى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندىگە كېلىۋاتقان خىتاينىڭ تەھدىتلىرى يېقىندىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە ئىگىلىشىمىزچە، ئامستېردامدىكى تىنچ ئۇسۇلدىكى نامايىشىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى بىلەن خىتايلارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئۆچمەنلىكى ۋە تەھدىتلىرىمۇ كۈچىيىشكە باشلىغان. ھەتتا نامايىش جەريانىدا خىتايلار بىر نەچچە قېتىم ئۇنى ھاقارەتلىگەن، تۈكۈرگەن ۋە «سەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ساختا تەشۋىقات قىلىۋاتىسەن. بۇنى توختاتمىساڭ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دەپ تەھدىت سالغان.
ئابدۇرېھىم ئەپەندى بۇ ئەھۋاللارنى ساقچى ئىدارىسىغا مەلۇم قىلغان ۋە گوللاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە خەت يېزىپ، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ دام مەيدانىدىكى ھەر قېتىملىق نامايىش جەريانىدا ساقچىلار نامايىش ئاخىرلاشقۇچە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان.
نۆۋەتتە خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنيا مۇداپىئە ھالىتىگە كىرگەنلىكى ئۈچۈن، ئابدۇرېھىم ئەپەندىمۇ نامايىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، تور دۇنياسىدىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتكەن. ئەمما خىتايلارنىڭ تەھدىتى يەنىلا توختىمىغان.
6-ماي مەلۇم بىر خىتاي توردا «سەن يەنە خىتاي ۋىرۇسى دېسەڭ، سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ تەھدىت سالغان. يەنە بىر خىتاي «سەن بۆلگۈنچى، سەن چوقۇم ئۆلۈشكە تېگىشلىك» دەپ تەھدىت سېلىپ ئۇچۇر يازغان.
نۆۋەتتە ئابدۇرېھىم ئەپەندى بۇ ئەھۋاللارنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئۇنىڭغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملارنى چوقۇم تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 683 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2020 22:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق