ب ب س تورىنىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە «بەش كۆز ئىتتىپاقى»دىن پايدىلىنىپ، مال تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا زىيادە بېقىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىتتىپاققا ياپونىيەنىڭمۇ قوشۇلۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.
بەش كۆز ئىتتىپاقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ، كانادا ۋە يېڭى زېللاندىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتتىن تەركىب تاپقان ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، 1946-يىلى قۇرۇلغان. ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا ھەربىي ۋە ئاخبارات ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىدۇ. مەزكۇر ئىتتىپاق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاساسلىق سوۋېت ئىتتىپاقنى نىشان قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئاساسلىق دىققىتىنى تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىققا قاراتقان. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي بەش كۆز ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق دىققەت ئوبيېكتىغا ئايلانغان.
مۇھاپىزەتچى گېزىتىنىڭ چارشەنبىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بەش كۆز ئىتتىپاقى ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مېتال ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتىش، بۇ ئارقىلىق خىتايغا زىيادە بېقىنىپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ھەققىدە كېڭەشمەكتە ئىكەن.
بۇلاردىن سىرت ئۇلار يەنە ئىتتىپاقنى بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ، ياپونىيەنىمۇ قوشۇۋېلىشنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ھەقتىكى تەكلىپنى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى تارو كونو ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ ياپونىيەنىڭ بەش كۆز ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇۋېلىش تەكلىپىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ئەنگلىيە ياپونىيەنىڭ مەزكۇر ئىتتىپاققا قوشۇلۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.