ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تۇڭگان مۇسۇلمانلار خىتايغا قارشى بەددۇئا قىلىشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-01 16:50:36 جەمئى 2642 قېتىم ئوقۇلغان.

تۇڭگان مۇسۇلمانلار خىتايغا قارشى بەددۇئا قىلىشقا باشلىدى

 

تۇڭگان مۇسۇلمانلار خىتايغا قارشى بەددۇئا قىلىشقا باشلىدى

12-ئاينىڭ 29- كۈنى خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ئۈچ يېزىسىدىكى ئۈچ مەسچىت ختىاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن چېقىۋېتىلمەكچى بولۇپ، ئەسكەر ۋە ساقچى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان قالايمىقانچىلىق تېخىچە بېسىقمىدى.

ئىگەللىنىشىچە، دىنغا قارشى زەھەرلىك سۈيقەستلەرنى كۈچەيتىشكە باشلىغان خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى تۇڭگانلارنىڭ نارازىلىقى كۈچەيمەكتە.

تۇڭگانلار ئۈندىدار چەمبىرىكىدە دۇئا-تىلاۋەتلەرنى ئەۋەتىشىپ، «مەسجىدلىرىمىزنى جان تىكىپ قوغدايمىز» دەپ ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىتلەپ، نارازىلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئاشكارىلانغان سىنلىق كۆرۈنۈشكە كۆرە، مەلۇم بىر مەسچىتتىكى تۇڭگانلار توپلىشىپ دۇئا قىلىشتى. ئۇلار دۇئالىرىدا؛ ئى ئاللاھ كاپىرلارنى قاتتىق جازالىغىن، ئى ئاللاھ شەھەرلىرىمىزنى ۋە مەسجىتلىرىمىزنى قوغدىغىن دەپ تىلەشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ