ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رامىزان نىئمىتى كىملەرگە خاس؟

                        رامىزان نىئمىتى كىملەرگە خاس؟

رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشچە، مۇسا ئەلەيھىسسالام:  ئې رەببىم! مىنى بارلىق  بەندىلىرىڭ ئىچىدىن تاللاپ كالامىڭنى ئاڭلاتتىڭ،  مىنى ھۆرمەتلىگەندەك بەندىلىرىڭ ئىچىدىن باشىقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ باقتىڭمۇ؟ دەپتۇ ئاللاھقا.

- ئې مۇسا!  مەن سىنى ئىنسانلار ئىچىدىن تاللاپ،  مىنىڭ كالامىم بىلەن پەيغەمبەر قىلدىم. بەرگىنىمنى ئال! بۇ نىئمەتلەرگە شۈكرى قىل! دەپتۇ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا.

- ئې رەببىم!  مىنى بەندىلىرىڭ ئىچىدىن تاللاپ كالامىڭنى ئاڭلاتتىڭ، مىنى ھۆرمەتلىگەندەك بەندىلىرىڭ ئىچىدىن باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ باقتىڭمۇ؟ دەپتۇ،  مۇسا ئەلەيھىسسالام يەنە قايتىلاپ.

 ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بىرىپ:

ئې مۇسا!  مىنىڭ ئاخىرقى زاماندا بىر تۈركۈم بەندىلىرىم  بولىدۇ.  ئۇلار رامىزان ئېيى بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ. ئەنە شۇ بەندىلىرىمگە مەن ئىنتايىن  يېقىن.  مەن سەن بىلەن سۆزلەشكەندە،  سەن بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرامدا 70 مىڭ پەردە توسۇق بار ئىدى. ئاخىرقى زاماندا كىلىدىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى رامىزان ئېيىدا مەن ئۈچۈن خالىس روزا تۇتۇپ،  ئاچلىقتىن لەۋلىرى قۇرۇپ ، چىرايى ئۆڭۈپ كېتىدۇ. ئىپتار ۋاقتى بولغاندا 70 مىڭ پەردە توسۇقنى ئېلىۋىتىمەن.

ئاللاھ يەنە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:

ئې مۇسا! مەن ئۈچۈن ئۇسساپ چاڭقىغان، قورساقلىرى ئاچقان بەندىلىرىمگە خۇش موبارەك بولسۇن! ئۇلارغا  ئۆزۈم بىلەن ئۇچىرىششتىن ئىبارەت ئەڭ يۈكسەك مۇكاپات  بىرىمەن. ئۇلارنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى  مىنىڭ دەرگاھىمدا  ئىپاردىنمۇ خۇش پۇراق. قايسى بەندەم رامىزان ئېيىدا مىنىڭ رازىلىقىم ئۈچۈن بىر كۈن روزا تۇتسا، ئۇنىڭغا كۆز كۆرۈپ باقمىغان، قولاق ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كىچىپمۇ باقمىغان  ئەجرىگە لايىق بولىدۇ.

مۇسا ئەلەيھسسالام:

ئې ئاللاھ ! مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنى رامىزان ئېيىدا ھۆرمەتلىگىنىڭدەك مىنىمۇ ھۆرمەتلىگەن بولساڭ! دىگەندە:

رامىزان ئارقىلىق ھۆرمەتلىنىش پەقەت مۇھەممەت ئەلەيھسسالامىنىڭ ئۇممىتىگە خاس، دەپتۇ ئاللاھ

ئىنسانىي ھۆرمىتىمىز، ئىسلامىي ئىززىتىمىز تاجاۋۇزچىلىققا ئوچرىغان، قېرىنداش، جان- جىگەرلىرىمىزدىن ئايرىلغان بىر پەيىىتتە زامىزا كىچىلىرى ئوخلىماي ئاللاھقا دەردىڭىزنى ئېيتىىشقا قانداق تەييارلىق قىلىدىڭىز!  

قېرىنداشلار ئاللاھقا يېقىنلىشىشتا مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئېشىپ كېتىشنى خالامسىلەر!

رامىزان تەييارلىقى پىتتىمۇ؟ 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ