ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ترامپ كاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتىنى شۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-10 14:12:43 جەمئى 2117 قېتىم ئوقۇلغان.

ترامپ كاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتىنى شۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى

 

10- ئۆكتەبىر تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان ژۇرنالىست جەمال كاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دونالد ترامپ ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال كاشىقچى توغرۇلۇق مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بىرىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىستنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى، ژۇرنالىست كاشىكچىنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە،  مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىسمۇ كاشىكچى ھەققدى توختۇلۇپ،«بۇ ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن خەۋەر كېلىشنى كۈتۈۋاتىمىز.» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئالدىنقى كۈنى بايانات بەرگەندە ئامېرىكانىڭ جەمال كاشىكچىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئىش توغرۇلۇق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى،  ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاكىمىيىتىنى ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى دېلوسىغا يېقىندىن ماسلىشىشقا چاقىرغانلىقىنى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق شەخسلىرىدىن بىرى بولغان گۈنېي كارولىنا ئالىي پالاتا ئەزاسى لىندسېي گىراھام، ژۇرنالىست جەمال كاشىكچىنىڭ ئاقىۋىتى توغرۇلۇق تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر يېزىپ، «ناۋادا سەئۇدى ھاكىمىيىتىنىڭ خاتا قىلغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلار توغرا چىقىپ قالسا، بۇ ئەھۋالنىڭ ئامېرىكا-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەم ئىقتىساد ھەمدە باشقا ساھەلەردە بۇنىڭ ئېغىر بەدىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەممىمىز بىردەك پىكىرگە ئىگىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلاھاتچىلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدىغان «ئەل-ۋەتەن»گېزىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزلۇق ژۇرنالىستلاردىن بولغان ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى جەمال كاشىكچى، 2-سېنتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن  كېيىن ئۇنىڭدىن قايتا خەۋەر ئالالمىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ