ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

«- بولسۇن- بولسۇن، ۋەتىنىمىز بولسۇن، ۋەتىنىمىز بولمىسا دۇنيادا ياشاشنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن!؟»

نەنە خۇتۇن

(تەرجىمە ئەسەر) 

 

    نەنە خۇتۇن 1857- يىلى تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم ۋىلايىتىنىڭ چەپەرلى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. دادىسىنىڭ ئىسمى ھۈسەيىن، ئانىسىنىڭ ئىسمى زېلىخا، يولدىشىنىڭ ئىسمى مەھمەت ئەپەندى بولۇپ، نەنە خۇتۇننىڭ نازىم، يۈسۈپ، ئابدۇراخما، مۇسا ئىسىملىك 4 ئوغلى، ئاسىمە ۋە نەۋرىيە ئىسىملىك 2 قىزى بولۇپ جەمئى 6 پەرزەنتلىك بولغان.

    نەنە خۇتۇن تۈركىيە تارىخىدىكى داڭلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرىدىن بىرى. ئۇ 1877- يىلى چار رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن باتۇرلىقى بىلەن سىموۋۇلىشىپ، تارىخ سەھىپىسىگە ئىسمىنى ئالتۇن ھەرپ بىلەن يازدۇرغان بىر مىللى قەھرىمان.

    ئوسمان ئىمپېرىيىسى 1877- يىلى ، چار رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە ئىدى. ئەسلىدە ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقى ئۇرۇش سېپىنىڭ باش قوماندانى ئەھمەت مۇختار پاشا بىر ھۇجۇم بىلەن چار رۇسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇب قىلالايتتى. ئەمما ئۇرۇش ئەڭ كەسكىنلەشكەن ۋاقىتتا، ئوسمان ئىمپېرىيىسى زېمىنىدا ياشايدىغان رۇس پەرەس ئەرمەنى مىللىتىدىن بولغان باندىتلار ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە ۋە شەھەر، يېزىلاردا ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرى بۇ باندىتلارنى تازىلاش ئۈچۈن شەھەر، يېزىلارغا تارقىلىپ كېتىپ دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

    نەنە خۇتۇننىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇغ- تۇققانلىرى ئالدىنقى سەپتە بولۇپ، خېلە ۋاقىتتىن بېرى ئۇلاردىن خەۋەر ئالالمىغان ئىدى. 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئەسكەرلەر نەنە خۇتۇننىڭ كېسەكتىن سېلىنغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆيىگە نەنە خۇتۇننىڭ بىر قانچە يېرىدىن ئېغىر يارىلانغان بىر تاغىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ يارىدار كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي نەنە خۇتۇننىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەنە خۇتۇن شېھىتلەرگە يىغلىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولسىمۇ يەنىلا ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىدۇ. چۈنكى نەنە خۇتۇن قۇچىقىدا جان ئۈزگەن تاغىسى ئۈچۈن ئەمەس ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن غەم قىلىپ يىغلاۋاتاتتى.

    11- ئاينىڭ 8- كۈنىنى 9- كۈنىگە باغلىغان كېچىسى نەنە خۇتۇن تېخى ئەمدىلا 3 ئايلىق بولغان بالىسىنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرىتىپ مۈگدەپ ئولتۇرغان ئىدى. سىرتتىن دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكى خەۋىرى كېلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى دۈشمەن ئەسكەرلىرىنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تېخىمۇ يامان بولغىنى قورال- ياراغلىرىمۇ يېڭى ھەم ناھايىتى خىل ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئىشىكتىن تېخى ئەمدى كىرىپ تۇرغان نەنە خۇتۇننىڭ

يولدىشى مەھمەت ئەپەندى ئايالىغا قاراپ:

    - «رۇس ئەسكەرلىرى ۋە ئەرمەنى باندىتلىرى بىرلىكتە بىزنىڭ قارارگاھىمىزغا ھۇجۇم قىپتۇ، مەن ئۇلارغا قارشى ئالدىنقى سەپكە كېتىۋاتىمەن. مەن قايتىپ كېلەلمىسەم، ئەگەر دۈشمەنلەر شەھەرگىچە بېسىپ كىرسە قەتئى تەسلىم بولماڭلار! دۈشمەنلەر پەقەت جەسىدىمىزنى ئالسۇن» دېگەندىن كېيىن قورالىنى ئالغىنىچە تېزلىكتە ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ. نەنە خۇتۇن يولدىشىنىڭ مىجەزىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇ ھەر قانداق بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە ئاسانلىقچە بولدى قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى.

    كېچە ئەنسىزچىلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى. ئىزتىراپ ئىچىدە كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچقان نەنە خۇتۇن دۇئا كىتاۋىنى ئېلىپ، بۆشۈكنىڭ يېنىدا ئاللاھقا سىغىنىپ دۇئا ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئۇ داۋاملىق ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان دۇئاسىنى يەنە تەكرارلايدۇ:

- ئى ئاللاھ، دۈشمەنلىرىمىزنى سېنىڭ ئىرادەڭ ۋە قۇدرىتىڭگە ھاۋالە قىلىمىز، بىزنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلىغىن!

    كېچە يېرىمدىن ئۆتۈپ ناماز بامداتقا ئەزان ئوقۇيدىغان ۋاقىت يېقىنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما بۈگۈن ئەزان ئوقۇلمىدى، بىردىنلا نەنە خۇتۇننىڭ ۋۇجۇدى سىلكىنىپ كەتتى. يېزا مەسچىتىنىڭ پەشتىقىدىن مەزىننىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

    - ئەي جامائەت دۈشمەن قوشۇنى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئەسكەرلىرىمىزنى شېھىت قىلىپ، ئالدىنقى سەپ قارارگاھى بولغان ئەزىزىيە ھەربىي بازىمىزنى ئىشغال قىپتۇ. بۇ ۋەتەن بىزنىڭ...

    بۇ خەۋەردىن كېيىن پۈتۈن مەھەللىدە جانلىنىش كەيپىياتى بارلىققا كېلىدۇ. نەنە خۇتۇن مۇئەززىننىڭ چاقىرقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سوغاق قانلىق بىلەن دۇئا كىتاۋىنى قويۇپ، تاھارىتىنى يېڭىلايدۇ-دە  دەرھال كىيىم- كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ بولۇپ بالىسىنى پۇرايدۇ، مەڭزىگە سۈيىدۇ. كېيىن:- «نازىمىم، سېنى ماڭا ئاللاھ بەردى، مەنمۇ سېنى يەنە ئۇنىڭغا تاپشۇرىمەن» دەيدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر قولىغا پالتىنى يەنە بىر قولىغا تېخى تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ قۇچىقىدا شېھىت بولغان تاغىسىنىڭ مىلتىقىنى ئالىدۇ. ئۇ ئاخىرقى قېتىم بالىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن سالماقلىق بىلەن مېڭىپ، ئۆيىدىن چىقىپ ئەزىزىيە قارارگاھى- ئالدىنقى سەپكە قاراپ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتقان خەلق توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. مەزىننىڭ چاقىرقىدىن كېيىن پۈتۈن خەلق ئورنىدىن دەس تۇرۇشۇپ، قولىغا پالتا، پىچاق، ئارا، گۈرجەك دېگەندەك نەرسىلەردىن نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ ئۇرۇش مەيدانىغا ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ.

    بۇ چاغدا ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقى ئۇرۇش سېپىنى يىمىرىپ بېسىپ كىرگەن رۇس ئەسكەرلىرى ئەزىزىيە قارارگاھىنى ئۆزلىرىگە ئىستىھكام قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتتاتتى. ئەزىز ۋەتىنى ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن ئەر- ئايال، چوڭ- كىچىك خەلق توپى گويا ئېقىن سۇدەك كېلىپ رۇس ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۆزلىرىنى ئاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا رۇس ئەسكەرلىرى ئۆزلىرىگە قارشى پۈتۈن ئانادولۇ خەلقى بېسىپ كېلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ. چار رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى ئەسكەرلىرىگە كېلىۋاتقان خەلق توپىنى ئوققا تۇتۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. رۇس ئەسكەرلىرى بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ خەلق توپىنى غالجىرلىق بىلەن ئوققا تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئالدىنقى قاتاردىكى دۈشمەن سېپىگە قاراپ كېلىۋاتقان خەلق توپى خۇددى ئوغاق بىلەن ئوما ئورىغاندەك قىرىلىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ يىقىلىشى خەلق توپىنى قورقىتالمايدۇ. خەلق تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن خەلق توپى بىردەك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. بىرى شېھىت بولۇپ يىقىلسا يەنە بىرى ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا نەنە خۇتۇن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەن سېپىگە بۆسۈپ كىرىدۇ. بىرسىنى پالتا بىلەن چاپسا يەنە بىرسىنى مىلتىق بىلەن ئاتىدۇ. ئۇ ئاجايىپ باتۇرلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەن سېپىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ. ئۇ ئۇرۇش قىلىۋېتىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسى بايرىقىنىڭ يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. نەنە خۇتۇن باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ شېھىتنىڭ يېنىدىكى بايراقنى ئېلىپ ئاۋۋال سۈيىدۇ، ئارقىدىن پىشانىسىگە تەككۈزۈزگەندىن كېيىن، بىر قولىدا بايراق، بىر قولىدا پالتا ئەزىزىيە قارارگاھىغا قاراپ ئۆزىنى ئۇرىدۇ. ئۇنىڭ مۆرىسىدىن يارىلىنىدۇ. نەنە خۇتۇن ئاغرىق ئازاۋى ۋە قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي ئەزىزىيە قارارگاھىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇچرىغان دۈشمەننى پالتىسى بىلەن چاناپ يۈرۈپ چار رۇسىيىنىڭ بايرىقىنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇ پايراقنىڭ سېپىنى پالتىسى بىلەن چانىۋەتكەندىن كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ قولىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ بايرىقىنى لايىق بولغان يەرگە يەنى ئەزىزىيە قارارگاھىغا قادايدۇ. دۈشمەن قوشۇنى ئوسمان ئىمپېرىيىسى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.

    نەنە خۇتۇن لەپىلدەپ تۇرغان بايراقنىڭ يېنىدا مەردانىلارچە تۇرۇپ، يوقىرى ئاۋازدا:

    «- بولسۇن- بولسۇن، ۋەتىنىمىز بولسۇن، ۋەتىنىمىز بولمىسا دۇنيادا ياشاشنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن!؟» دەيدۇ.

    ئۇرۇش پەقەت بىر قانچە سائەت داۋام قىلىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بۇ شۇنداق بىر ئۇرۇش بولغانكى، قارشى سەپتىكى دۈشمەن چار رۇسىيىنىڭ كۈچەيتىلگەن دۆلەت ئارمىيىسى بولۇپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسى بولسا پالتا، پىچاقلار بىلەن قوراللانغان، تامامەن ئاددىي خەلقتىن تەركىب تاپقان ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا چار رۇسىيىنىڭ ئۈچ مىڭ ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن مىڭغا يېقىن خەلق شېھىت بولىدۇ.

    بۇ ئۇرۇشتا ئانادولۇ خەلقى ھەقىقى تۈردە ۋەتىنىگە بولغان چەكسىز ساداقىتىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئىسپاتلايدۇ. ئەرزۇرۇم خەلقىنىڭ تىللارغا داستان بولغان بۇ ئاجايىپ باتۇرلىقى پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭ غۇرۇرى ھەم ئىپتىخارى بولۇپ قالىدۇ.

    ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن نەنە خۇتۇن بىردىنلا دوختۇر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ يارىلانغانلىقىغا قارىماي كۆپلىگەن يارىدارلارنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ يارىلىرىنى يۇيۇپ تاڭىدۇ. ئۇ كۆپچىلىككە تاماق ئېتىدىغان ۋاقىتتا بىردىنلا قازان بېشىدا كۆرىلىدۇ. نەنە خۇتۇن بۇ ئۇرۇش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ پىداكارلىق بىلەن داۋاملىق ئاكتىپ خىزمەت قىلىدۇ.

    نەنە خۇتۇننىڭ قەھرىمانلىق ئىش- ئىزلىرى بۇنىڭ بىلەن تۈگۈمەيدۇ. 1914- يىلى 1- دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ. نەنە خۇتۇن بۇ ئۇرۇشقا ئارقا- ئارقىدىن ئوغۇللىرىنى ماڭدۇرىدۇ. بۇ ئۇرۇش جەريانىدا نەنە خۇتۇننىڭ چار رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش يىللىرىدا ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ماڭغان نازىم ئىسىملىك 3 ئايلىق ئوغلى بىلەن قوشۇلۇپ يەنە ئىككى ئوغلى شېھىت بولىدۇ.

    نەنە خۇتۇننىڭ كېيىنكى ھاياتى ئىنتايىن پېقىرلىق، مۇھتاجلىقىتا ئۆتىدۇ. 1943- يىلى نەنە

خۇتۇن 86 ياشقان كىرگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە قېرىپ، ئاجىزلاپ كەتكەن نەنە خۇتۇن ئامال بولماي، ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىر ئۇرۇش قەھرىمانى بولغان نامە خانىم دېگەن ئايال بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ياردەم سوراپ يازغان خېتىدە، ئۆزىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى، قېرىپ، ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئىشلەپ ئۆز تۈرمۇشىنى قامداشقا كۈچى يەتمىگەچكە يەيدىغان تامىقى، كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى، ئىقتىسادى بولمىغاچقا داۋالىنىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئېيتىپ دۆلىتىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى يېزىلغان.

    تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1952- يىلى ئەرزۇرۇمدىكى ئەزىزىيە قارارگاھىنىڭ ئورنىغا ئەزىزىيە خاتىرە مۇنارى ياسىماقچى بولىدۇ. بۇ مۇنارغا نەنە خۇتۇننىڭ ھەيكىلىنى ئورناتماقچى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە نەنە خۇتۇننىڭ ھېلىھەم ھايات ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن 9- قول ئوردا قوماندانى، كور گېنېرال رەفىق كورالتان ۋە باش شىتابى ئەرزۇرۇمدىكى 3- قىسىم ئارميىسىنىڭ قوماندانى نۇرېتتىن بارانسېل پاشا ۋە شۇ يىللاردىكى ئەرزۇرۇم ۋالىيسىنىڭ تىرىشىشى بىلەن نەنە خۇتۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى)نىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن. بۇ ۋاقىتتا نەنە خۇتۇن 95 ياشقا كىرگەن ئىدى. شۇ يىلى ئۇنىڭغا يەنە «3- ئارمىيىنىڭ نەنەسى» (3- ئارمىيىنىڭ بۈيۈك ئانىسى) دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. 1955- يىلى تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم ئانىلار كۈنى قۇتلۇقلانغاندا نەنە خۇتۇنغا «يىلنىڭ ئانىسى» دېگەن ئۇنۋاننى بەرگەن. نەنە خۇتۇننىڭ ئالدىغا تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركتىن تارتىپ كۆپلىگەن دۆلەت بۈيۈكلىرى ئالاھىدە ھال سوراپ بارغان.

    تارىخ بېتىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يازدۇرغان، تۈركىيەنىڭ تىللارغا داستان بولغان قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولغان نەنە خۇتۇن 1955- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى 98- يېشىدا ئەرزۇرۇمنىڭ نۇمۇنە دوختۇرخانىسىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ جىنازا نامىزى تۈركىيەنىڭ رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن چۈشۈرۈلۈپ ئەزىزىيە شېھىتلىكىگە دەپنە قىلىنغان.

    نەنە خۇتۇننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇ توغرىلىق نۇرغۇن ماقالىلار، رومانلار، ھۆججەتلىك ڧىلىملارۋە كىنولار ئىشلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ