ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىنغان سىنلار ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-13 12:53:08 جەمئى 1109 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىنغان سىنلار ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى

 شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىنغان سىنلار  ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى

12-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن، كۇچار، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە تارتىلغان سىنلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۇچار ناھىيەسى كۆرسىتىلگەن سىنغا ئاساسلانغاندا، يوللاردا، كوچىلاردا ئادەم ۋە ماشىنىلار ناھايىتى ئاز قالغان، كۈسەن قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ چۆلدەرەپ قالغان. غۇلجا شەھىرىدە تارتىلغان سىندا غۇلجا شەھىرى بويىچە ئاۋات ھېسابلىنىدىغان تاشكۆۋرۈك ئاياغ مەھەللىسىدىكى كوچىلىرىدا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان كىشىلەردىن ئازراقمۇ ئەسەر قالمىغانلىقى، شەھەر، مەھەللە، كەنتلەرنىڭمۇ ئادەمسىز رايونغا ئايلىنىپ قالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. قەدىمىي شەھەر يەكەن كۆرسىتىلگەن سىندا يەكەننىڭ ئالتۇن ئوردا دەرۋازا ئەتراپى ۋە ئالتۇن مەسجىدنىڭ ئالدى سىنغا ئېلىنغان. ئالتۇن ئوردا ئەتراپى يەكەن ناھىيەسى ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات جايلاردىن بولۇپ، ھەتتا يېرىم كېچىگىچە ئادەم ئۈزۈلمەيدىغان ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر سىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ئاۋات شەھەرلەرنى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سمۋوللۇق مەدەنىيەت سورۇنلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، خىتايچە تۈسكە ئۆزگەرتىپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

سىنغا ئېلىنغان بىر ئاۋات شەھەر ئىككى ناھىيەدىكى ئادەملارنىڭ يوق بولۇپ چۆلدەرەپ قىلىشى، بۇنڭدىن ئىلگىرىكى خەلقئارا مۇخبىرلىرى ئىگىلىگەن ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى  تۇتقۇن قىلغان خەلقنىڭ سانى بەش مىليۇندىن ئارتۇق دىيىشكە بولىدۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ