ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي پەرزەنتلىرىمىزنى كۇڭزىغا تازىم قىلدۇردى

 

ئۆز خەۋىرىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسىمىلاتسىيە سۈرىتىنى كۈنسىرى تىزلەتمەكتە ۋە ھەددىدىن ئاشماقتا.

خىتاي 28 - سىنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيىسى 2 - باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ باغچىسىغا كۇڭزىنىڭ ھەيكىلىنى تىكىپ، پەرزەنتلىرىمىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرى تازىم قىلدۇردى. 

كۇڭزىنىڭ ھەيكىلى مەخسۇس مۇراسىم بىلەن ئېچىلغان بولۇپ، مەيداندىكى پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىزنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىز بولۇشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتايلاردىن بولۇشى، شۇنداقلا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنىڭ كەيدۈرۈلۈشى،  ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش» نامىدا خىتايچە خەت يېزىش پائالىيىتى قاتارلىقلار خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قىلىۋاتقان ئەشەددى  دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

ئىنكاسلاردا،  بۇلار ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى، بۇلار قەشقەرلى مەھمۇدنىڭ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەۋرىلىرى، ئەي مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىۋاتقانلار بىر قاراپ بېقىڭلار! مۇسۇلمان بۇتقا چوقۇنامدۇ؟ خىتاي بۇنى قېرىنداشلىرىڭلارغا مەجبۇرى قىلدۇرىۋاتىدۇ... دېگەنلەر تىلغا ئېلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ