<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي روسىيەدىكى چوڭ ھەربي مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-11 15:55:45 جەمئى 1389 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي روسىيەدىكى چوڭ ھەربي مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان بولدى

 

 خىتاي روسىيەدىكى چوڭ ھەربي مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان بولدى

11- سىنەتەبېر مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، رۇسىيەنىڭ شەرقىي قۇرۇغلۇقىدا ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە 17  سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان «Vostok-2018» مانىۋېرىغا رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگونىڭ قوماندانلىق قىلىدىغانلىقى، مانىۋېرغا خىتاي ۋە مۇڭغۇلىيەمۇ قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا يەنە، مانىۋېرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، ھەربىي ئىدارە ئورگانلارنىڭ پىلانلاشتىكى تەييارلىق سەۋىيەسىنى بەلگىلەش، ئۇزۇن مۇساپىلەردە قىسىملارنىڭ قايتىدىن گۇرۇپلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قۇرۇغلۇق قىسىملىرى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنى رەتكە سېلىش، قوماندانلار بىلەن قىسىملارنىڭ تەييارلىق ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەر جەريانىدىكى قابىلىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، مانىۋېرنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، قىسىملارنى رۇسىيىنىڭ شەرقىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى، شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلاردىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقى، مانىۋېردا شەرقىي ۋە مەركىزىي ھەربىي رايوندىكى قىسىملار بىلەن شىمالدىكى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ئورۇن ئالىدىغانلىقى، تىسۇگول مەشق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانىۋېرغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە، «Vostok-2018» مانىۋېرىغا 300 مىڭغا يېقىن ئەسكەر، 1000 دىن ئارتۇق ئايروپىلان، تىك ئۇچار، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپىراتلىرى، 36 مىڭغا يېقىن تانكا، برونوۋېك ۋە باشقا ھەربىي تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىرگە 80 گە يېقىن پاراخوتمۇ قاتنىشىدىغانلىقى، «Vostok-2018» مانىۋېرى سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە 1981  يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «Zapad-81» مانىۋېرىدىن كېيىن، رۇسىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ ئەسكەر قاتناشقان ھەربىي مانىۋېرى بولۇپ قالىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ