ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆز تىلىنى ئەمدى ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆز تىلىنى ئەمدى ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەردە چەكلىنىشىگە ئەگىشىپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم جايلاردا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىمۇ چەكلىنىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. يېقىندا قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىشەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىپ ۋەتەننى سۆيەيلى» تېمىسىدىكى خەۋەر مۇشۇ ئەھۋالنى ئەكس-ئەتتۈرىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 11-ئۆكتەبىردە ناھىيەلىك مائارىپ كومىتېتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى «مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش روھىنى ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دۆلەت تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش» قا چاقىرغان.

سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن كېيىن ھەرقايسى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر، شۇنىڭدەك يەسلىلەر بىردەك «‹ئائىلىۋى تەربىيە› نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. شۇنىڭغا ئۇلاپلا ھەممەيلەننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھەق-ناھەق مەسىلىلەرنى بىلىۋېلىشى، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن ساقلىنىشى كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.

خەۋەردە ئالاھىدە قىلىپ ناھىيەلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ «ئاتا-ئانىلارغا مەكتۇپ» نامىدا ئوچۇق خەت باستۇرۇپ تارقاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ. مەزكۇر ئوچۇق خەتتە «دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ۋەتەننى سۆيۈش» پائالىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى خىتايچە ئۆگىنىشكە، سۆزلەشكە ۋە قوللىنىشقا يېتەكلەش، شۇ ئارقىلىق «دۆلەت تىل-يېزىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە ئېلىپ كىرىش» دەۋەت قىلىنىدۇ.
قانىلىمىز تۇرپاندىن ئىگىللىگەن ئۇچۇرلارغا كۆرە، خىتاي دائىرىلىرى تۇرپاننىڭ ھەممە يېرىدە ھەتتا كوچا كويلاردا، ئۆيلەردە ئۇيغۇرچە گەپ قىلغانلارغىمۇ جازا يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر بىر ئېغىز ئۇيغۇرچە سۆزگە 1 سومدىن جەرىمانە ئېلىشقا باشلىغان.

ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق يۈكسىلىشى،» دەپ كۆرسەتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ