ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرى ئوغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-07 17:02:35 جەمئى 1564 قېتىم ئوقۇلغان.

F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرى ئوغرىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى

 

7- ئاۋغۇست ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئەنگىلىيە خان سارىيى ھاۋا ئارمىيسى F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىلىغا ئالاقىدار مەخپى ئۇچۇرلارنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  خەۋەردە، بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ قولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىراق ئوغرىلانغان ئۇچۇرلارنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەنلىكى، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «Daily Mail» گېزىتى خەۋەرىدە، ئەنگلىيەلىك بىر ئايال ئۇچقۇچى دوستلۇق پىروگراممىسى ئارقىلىق بىر كىشى بىلەن تونۇشقانلىقى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇچقۇچىنىڭ ئابونت ھېساباتى تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى، مەزكۇر ئادرېس ئارقىلىق ئەنگلىيەلىك ئۇچقۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورناتقان تور ھۇجۇمچىلىرىF-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئالاقىدار مەخپىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، ئايال ئۇچقۇچىنىڭ ئادرېسىنىڭ تور ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق بولۇپلا قالماي بەلكى ئايروپىلانلارغا دائىر مەخپىي ئۇچۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى، ئەنگلىيە خان سارىيى ھاۋا ئارمىيەسىمۇ F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئۈچىنچى تەرەپلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكى، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىروگراممىسى توغرىسىدا 9 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، جەمئىي 135 دانە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچى تۈركۈمى ئىيۇن ئېيىدا ئەنگلىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەكچى بولغانلىقى  بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ