ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

30 يىل بۇرۇن مەدرىستە قۇرئان ئوقۇغانلار لاگېرغا قامالدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-09 16:11:31 جەمئى 1345 قېتىم ئوقۇلغان.

30 يىل بۇرۇن مەدرىستە قۇرئان ئوقۇغانلار لاگېرغا قامالدى.

30 يىل بۇرۇن مەدرىستە قۇرئان ئوقۇغانلار لاگېرغا قامالدى.
9- ئاۋغۇست BITTER WINTER تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پىچان ناھىيىسىدە 30 يىل ئىلگىرى مەسچىت ئىمامىنىڭ ئۆيىدە بىر ئاي قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگەنگىنىنى جىنايەت ھېساپلاپ « تەربىيىلەش لاگېرى»غا سۇلىغان.
خەۋەردە گۈلنۇرنىڭ يولدىشى «تەربىيىلەش لاگېرى» قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن پىچان ناھىيىلىك پاراۋانلىق ئورنىغا قامالغانلىقىنى، ئونىڭ يولدىشى 3000 خىتايچە خەتنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، يولدىشى بىلەن كۆرۈشۈشكە روخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، پەقەتلا ھەپتىدە بىر قېتىم يانڧۇن ئارقىلىق پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2018- يىلى يىل بېشىدا شەرقىي تۈركىستانغا بىر مىليون ئەتراپىدىكى كوممۇنىست ۋە ئاساسى قاتلاپ كادىرلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگىچە كىرىپ نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، گۈلنۇرنىڭ يولدىشىنىڭ قاچان چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ۋاقىت سۈرۈكى يوق ئىكەنلىكىنى، لاگېرغا سولانغان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ سولاقتىن قاچان چىقىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ