ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

مۇتەخىسسلەر ، ئىنسان تەرلىگەندە سۇغۇق سۇ ۋە ياكى مۇز سۈنىينى يۈزگە سەپكەندە ياكى تۆكەندە يۈزنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قيغان.

  مۇتەخىسسلەر ، ئىنسان تەرلىگەندە سۇغۇق سۇ ۋە ياكى مۇز سۈيىنى يۈزگە سەپكەندە ياكى تۆكەندە يۈزنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويغان.

قۇلاق بۇرۇن ۋە بۇغاز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسىسى جەمدەت ئىزمىرلى، قاتتىق ئىسسىق بولۇپ كەتكەن كۈنلەردە بەدەننىڭ نورمال تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تەرلەش نورمال ئىشتۇر، دەيدۇ.  

باش ۋە يۈز پىشانە تەرلىگەندە ، سالقىنداش ئۈچۈن تۆكۈلگەن سوغۇق سۇنىڭ يۈزنى پالەچ قېلىپ قويىشى مۆمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن دوختۇر: بۇنداق خاتالىقنىڭ بازارلاردا ۋە كوچىلاردا پات- پات ئۇچراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. تەرلىگەن ئىنسانلار سالقىنداش ئۈچۈن سوغۇق سۇ ياكى مۇز سۇنى يۈزلىرىگە تۆكۈدۇ. بۇ ئىنتايىن چوڭ بىر خاتالىقتۇر. تويۇقسىز تېپمىراتۇرا ئالمىشىشى يۈزنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە  ئۈست نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.

تەرلەش ۋە قىززىق ھاۋانىڭ تەسىرىنى ئازلىتىش ئۈچۈن بېشىغا بۆك ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى كېيىش ۋە ياكى ئوچۇق رەڭلىك كۈنلۈك ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دوختۇر، ئىلمىي ئۇسۇلدا كىيىنىشنىڭمۇ ئىسسىقتىن ساقلىنىشتا توغرا بىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىسسىق ھاۋادا بەك تەرلەپ ، بىزارلىق تۇيغۇغا كېلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تەر سۈمۈرىدىغان ۋە ھاۋا ئالمىشىدىغان پاختا رەختلىك كىيىملەرنى ۋە سالقىن تۇتىدىغان كەندىر يېپىدىن توقۇلغان كىيىملەرنى كىيىشنى  تەۋسىيە قىلدى.

ھاۋا تەڭشىگۈچ 24 گىرادۇستا ئىشلىتىلىشى لازىم

تەرلەپ تۇرغان ھالدا ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئورۇنلارغا كىرىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىدىن ئاگاھلاندۇرغان دوختۇر ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئورۇنلارغا كىرىشتىن بۇرۇن تەرىمىزنى ئېرتىۋېتىشىمىز، كىيىملىرىمىز تەردىن ھۆل ھالەتتە كىرمەسلىكىمىزلازىم. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋاسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. يازدا ھاۋا تازا ئىسسىپ كەتكەندە ئەڭ تۈۋەن بولغاندا 17 گىرادۇستىن 19 گىرادۇسقىچە چۈشۈرۈپ ئىشلىتىدىغانلار بار. بۇ توغرا ئەمەس. ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ئەڭ مۇناسىپ دەرىجىسى 24 گىرادۇس بولۇشى ئەڭ ئىسسىق يازدا ئەڭ مۇۋاپىق بولغىنىدۇر. بۇ گىرادۇس بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىنساننى كېسەل قىلمايدىغان باھار ھاۋاسىدەك بىر سالقىنلىق بېرىدۇ.  ئىنساننىڭ ئىچ ۋە تېشى گىرادۇسى شۇنداقلا ئۆي ئىچى بىلەن تېشىنىڭ ھاۋاسى ئارىسىدا چوڭ پەرقلىق بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

مەنبە: ساغلىقلىق ھايات تىن ئېلىندى  

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ