<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سۈرىيە، مىسىر، ئاراكان، شەرقىي تۈركىستان ، قىبرىس، پاتانى، كەشمىر، بوسنا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىزنى ئۇيغاندۇرماقتا. بىزنى تىرىلدۈرمەكتە.

ئىمتىھاننىڭ ئىمتاھانىمىزدۇر – ئەي ئەردۇغان!

«ئۇستىنىڭ ئىمتاھانى » ناملىق ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئۇستانىڭ ئىمتىھانى ۋە ئىسلام دۇنياسى ھەققىدە

رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننىڭ ئاساسلىق ئىمتىھانى ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇپ چىقىلىشىدۇر.

«ئۇستىنىڭ ئىمتىھانى» ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى ئا، مۇھسىن مەرىچ كىتابىدا تىلغا ئالغان " ئۇستا" دەل رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بولۇپ، تۈركىيە دۇچ كەلگەن ئىمتىھاننى ئۆزىگە مۇجەسەملەشتۈرگەن، ۋە بۇ جەھەتتە ھەم تۈركىيەگە ۋەكىلىك قىلغان باش مىنىستىر رەجەپ ئەردۇغان بولسا بۇ ئىمتىھاننىڭ تەسلىكىنى ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتكەن كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىمتىھاننىڭ تەسلىكى قانچىلىك دەرىجىدە ھەم بەھىر بولۇنسا ئىمتىھاندىن ئۈتۈشمۇ شۇنچىلىك دەرىجىدە ئوڭۇشلۇق ۋە نەتىجىلىك بولىدۇ.

ئىلمەك كىتاپ نەشىرياتىدىن بېسىلىپ چىققان «ئۇستانىڭ ئىمتىھانى» ناملىق كىتاپنىڭ يازغۇچىسى ئا، مۇھسىن مەرىچ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۇنى زىيارەت قىلغان مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىدە  باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى " ئۇستا"دەپ ئاتاشنى لايىق كۈرۈشنىڭ ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسىگە ئارقا- ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سېستىمىلىق ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، مىليونلارچە ئىنسانلارنىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى ياخشى كۆرۈشىنىڭ ھەقىقەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايەرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر 7 قانالىنىڭ مۇخبىرى ئۈمەر سۈت بىلەن سۇئال – جاۋاپ شەكلىدە  تۆۋەندىكىدەك سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

سۇئال: سىزچە ئاساسلىق مەسىلە زادى نېمە ؟

جاۋاپ: ئىمتىھاننىڭ ئاساسى ، ئۇلى ۋە ئۆزى تۈركىيەنىڭ ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىدۇر.

سۇئال: نېمىگە ئاساسەن؟

جاۋاپ: قەدىمقى مەدىنىيەت قىممىتىگە ئاساسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن جۇمھۇرىيەتنىڭ بارلىق "ھۇسۇللۇرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندە كامالىزىم ئىدىيەسىنىڭمۇ زەربىگە ئۇچرىغان، بۇزۇۋېتىلگەن تەرەپلىرىنى قايتىدىن بىر رەتكە سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. تارىخنى قايتىدىن ئوقۇش، كوللىكتىپنىڭ رايىنى ھەممىگە ئوموم بولغان ساغلام ئەقىل بىلەن قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىشىمىز لازىم بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى قورقۇلارىمىز بىلەن ھېساپلىشىشىمىز، جاراھەتلىرىمىزگە مەلھەم سۈرىشىمىز، روھىي جەھەتتىكى زەربىگە ئۇچرىغان ھالىمىزغا روھى جەھەتتىن ئوزۇق بېرىشىمىز لازىم بولىدۇ. بىر نەرسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئەلۋەتتە خۇددى گىلەم توقۇغاندەك سەۋرىچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. ھىممەت ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. بىر يىپتىن- بىر يىپتىن ، تەرتىپ ئىچىدە ئۈزىۋەتمەستىن، بۇزۇۋەتمەستىن توقۇش لازىم بولىدۇ. بۇ تەرەپتىن قارىغاندا ئىمتاھاننىڭ ئەڭ باشتا  تۈركىيەدىكى مائارىپ ئىشلىرىدىن كۇرت مەسىلىسىگىچە، ئىقتىساتتىن سىياسەتكىچە، ھەربىي ئىشلاردىن سوت مەھكىمىلىرىگىچە، دۆلەت ئىچى مۇقىملىقتىن تاشقى ئىشلار سىياسىتىگىچە بىرمۇنچە نوقتىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكى ۋە ھەرقايسى تەرەپتە ئىتايىن تەس ۋە مۇرەككەپ بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىزنى كۈتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز لازىم بولىدۇ.     

سۇئال : ئۇستىمىزنىڭ ئىمتىھانى بەكرەك بۇ نوقتىلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ كىتاپتا كۆپرەك ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدىڭىزمۇ؟

جاۋاپ؛ شۇنداق ، بۇ كىتاپتا ئىسلام دۇنياسى ھەققىدە مەزمونلار بار. چۈنكى بىز بىر ئۈممەتبىز. بىز بولساق بۇ چوڭ دۇنيانىڭ بىر پارچىسى ھېساپلىنىمىز. تارىختا بىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ بەزىدە بېشى، بەزىدە كۆزى، بەزىدە قولى بولۇپ كەلدۇق. بۈگۈنكى كۈندە بولسا بىز يەر يۈزىىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ دەرتلىرىنى تارتىشىپ بەرسەك  ئاندىن ھەقىقى ئەسلىمىزگە قايتقان بولىمىز. بۇ بولسا بىر بىنا قىلىش باسقۇچىدۇر. ئۈممەت كىملىكىنى قايتىدىن قولغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. سۈرىيە، مىسىر، ئاراكان، شەرقىي تۈركىستان ، قىبرىس، پاتانى، كەشمىر، بوسنا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىزنى ئۇيغاندۇرماقتا. بىزنى تىرىلدۈرمەكتە. ئىچىمىزدىكى ئېنىرگىيەمىزنى تۈگۈتىش ئەمەس بەلكى بارغانسېرى ئاشۇرۇپ ماڭماقتا. ئىسلام دۇنياسى بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن قولىدىن ئېلىنغان ئىرادىسىنى بۈگۈن قايتىدىن قولغا ئالماقچى بولىۋاتىدۇ. تۈركىيەدىكى بۇ قايتىش ھېكايىسىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكۈچى كۈچى، ئىمتاھاننىڭ ئېغىرلىشىپ بېرىشى دەل بۇ سەۋەپلەردىندۇر.

سوئال: خوش ئىسلام دۇنياسى قايەرگە قاراپ كېتىۋاتىدۇ؟

جاۋاپ: ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاخىرقى يۈز يىلى ئىسلام تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇلۇق مەزگىلىرىدىن بىرى، دېسەكمۇ بولىدۇ. ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ چۈشەنچە ۋە تۈزۈلمىلىرى چەتكە قېقىلغان، ئىسلام دۇنياسى پارچە- پارچە بولغان يۈز يىلدۇر. بۇ 1924- يىلى خەلىپىلىكنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن بېرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەمكارلاشما مېخانىزىمىلىرىنى ئىزدەش يولىغا چۈشتى. مەزلۇملارنى ھىمايە قىلغىدەك كۈچلۈك رەھبەرلەرگە دەرھال قۇچاق ئاچتى. ئەردۇغاندا كۆرۈلگەن سىر دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئىسلام دۇنياسى ئەردۇغانغا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مەيداندا تۇرغان مۇرسىغا يېڭى بىر سالاھىدىن ئەيۇبىگە قارىغان كۆز بىلەن قارىدى.

بىزنىڭ دۇنيايىمىزنىڭ كۈچلۈك، تىك تۇرغان، ئىرادىسى ساغلام بولغان ، ئامانەتكە خىلاپلىق قىلمايدىغان، ھىممىتى مىللەت ئۈچۈن بولغان، ئۈممەتچىلىككە ئاشىنا بولغان ،داۋاسى يولىدا ئۆزىنى پىدا قىلغان بىر رەھبەرگە بولغان تەشنالىقىمىز بار. ئەردۇغان بولسا ناھايىتى كەڭ دائىردە مۇشۇنداق بىرى دەپ قارالدى. بۇنداق قاراشقا ئېلىپ كېلىش ۋە بۇنى داۋام قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئەسلىدە بىر چوڭ ئىمتىھاندۇر. ئۇستادىن ئۇستۇلۇق تەلەپ قىلىدىغان باشقا بىر ئىمتاھانىمۇ ھەم بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.

سۇئال: بۇ بىر تەسىرى كۈچلۈك بولغان رەھبەرلىك دەپ قارالسا بولامدۇ؟

جاۋاپ: ئەسلىدە پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس. بولۇش ئىھتىمالىمۇ بىر ھەقىقەت. تەسىر قىلىش كۈچى دېگەن كەلىمىدە  ئازراق رىيال بولمىغان تەرەپمۇ بار. ئەردۇغان بولسا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى  ئۆزىگە ئوخشاش دەپ قارىغاچقا ئۇلارغا ئىگە چىقىۋاتىدۇ. بەلكى خارەكتىرى شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن يەنى ئۆزىنى باشقىلاردىن ئازراق بولسىمۇ ئالاھىدە دەپ قارىمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. قەلبلەر ئاللاھنىڭ ئېلكىدەدۇر. ئىنسانلار ئۇنىڭغا قارىتا مۇشۇنداق بىر ياخشى كۆرۈش ئىپادىلىگەن بولسا بۇنىڭغا ئەلۋەتتە سەل قارىماسلىق كېرەك. بىز بەزى ئىشلارنىڭ تاسادىبىي شۇنداق بولۇپ قالغاندۇ، دەيدىغانلاردىن ئەمەسمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاساسلىق مەسىلىگە بۇ نوقتىدىنمۇ باھا بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بىر ھەدىس شەرىپتە: « بىر بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى قىيمىتىنى بىلمەكچى بولساڭ ئۇنىڭ قانداق ئىشلاردا ئىشلىتىلگىنىگە قارىغىن. » دېيىلگەن. بۇ كۈنلەردە ئەردۇغانغا نېسىپ بولغان خىزمەتلەرگە ئىنساپ بىلەن قارىغىنىمىزدا بۇ ھەقىقەتنى كۆرۈشىمىز ۋە بۇنى ھەقىقەتەن ياخشىلىق تەرەپتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ھەتتا مۆمكىن بولسا بۇنى ئېغىزلىرىمىزدا سۆزلەشتە ھېچ ئىككىلەنمەسلىكىمىز لازىم. بۇمۇ بىر بىزنىڭ ئىمتىھانىمىزدۇر. شۇنىسى ئېنىقكى بۇ ھەقنى يەتكۈزۈشتە ئىنتايىن قاتتىق ئىمتىھاندۇر.

سۇئال: ئۇستىنىڭ ئىمتىھانىدىن سىز نېمىلەرنى ئۈمۈت قىلىسىز؟

ئەلۋەتتە ئىمتىھانلىرىمىزنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشىنى ئاللاھتىن ئۈمۈت قىلىمىز. بۇ يەردە بولسا ئۇستا بىر ۋەكىل  ۋە ئۆرنەكتۇر. ئىمتىھان بولسا ھەمىمىزنىڭ ئىمتىھانىدۇر. ھەقىقىي ئەركەك كىشى دېگەنلىكتىن يىقىلغان يەردىن تۇرۇپ كېتىدىغان كىشىگە قارىتىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنى بولغان تۈركىيەگە ئىگە چىقىشىمىز، بىز ئۈچۈن بېرىلگەن نېمەتلەرنىڭ قىممىتىنى بىلىشىمىز لازىم. ئاخىرقى يىللاردىكى سىياسىي مۇقىملىق ۋە يۇشۇرۇن كۈچلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن بىرلىكتە كەمچىلىكلىرىمىزنىمۇ ئوتتۇرغا چىقتى. بۇ كىتاپنى ئوقۇغانلار ھېچ بولمىسا بۇ نوقتىلارنى تونۇپ يەتسە بۇمۇ بىر چوڭ ئىش. بىزنىڭ ياشاۋاتقان رايۇنلىرىمىز ئوت ئۆرىكىگە ئېتىرىلىپ ، تۈركىيەنىڭ نورمالىشىشى ۋە چوڭۇيىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش قەستلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ھەممىمىز " ياق" دېيىشىمىز لازىم. بۇنداق دەيدىغانلارنىڭ سانى ئېشىشى ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدىدۇر.

ئۆزلەشتۈرۈپ سۇنغۇچى:  مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر    

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ