ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئاللاھمۇ، ئىنسانلارمۇ ياخشى كۆرۈدىغانلاردىن بولۇش ئۈچۈن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2013-09-26 14:44:21 جەمئى 2611 قېتىم ئوقۇلغان.

ئۇنى قىلسام، ئاللاھمۇ ، ئىنسانلارمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشنى دەپ بەرگىن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇنياغا بېرىلمە، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرۈدۇ. ئىنسانلاردىن كۈتمە ئىنسانلار سېنى ياخشى كۆرۈدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

 

بىر كۈنى بىر ساھابە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەن ماڭا شۇنداق بىر ئەمەلنى دەپ بەرگىنكى، ئۇنى قىلسام، ئاللاھمۇ ، ئىنسانلارمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغان بىر ئىشنى دەپ بەرگىن، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: دۇنياغا بېرىلمە، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرۈدۇ. ئىنسانلاردىن كۈتمە ئىنسانلار سېنى ياخشى كۆرۈدۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

ھازىرقى دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق مال دۇنيا ۋە راھەت پاراغەتنىڭ مېھرى مۇھابىتى شۇنچىلىك ئورنۇشۇپ كەتكەنكى، ئۆزىنى ئىنتايىن تەقۋا دەپ ھېساپلىغان بىر بەندىگە قارىساقمۇ ھېچ بولمىغاندا دۇنيالىقتىن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان نەرسىنى قولىنىڭ ئارقا بىلەن ئىتتىرىدىغان ئالى جاناپلىقنى ناھايىتى ئاز  قىلىدۇ. دۇنيا مېلىنى بىر ئىمتىھان دەپ بىلىشكە تېگىشلىك يەردە ئۇنى بىر ئىھسان دەپ قوبۇل قىلىش تەرەپدارى بولۇدى. باشقىلار قىلمىغان ياكى ئاز قىلغان بەزى ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن بەدىنىنى دەم ئالدۇرۇش باھانىسى بىلەن دەم ئېلىشنى ھەققىم دەپ بىلىدىغان ، ئېسىل غىزالىنىشنى بولسا " قۇۋۋەتلىنىش " دەپ پەتىۋا  بېرىپ ئۇنىڭغا  دائىم مايىل بولۇدىغان خائىش ئادەتكە ئايلانماقتا . دۇنيالىققا مۇھەببەت باغلىغانلىقىدىن خىجىل بولۇپ" ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈت بار دەپ ئەتە- يەنە لازىم بولۇپ قالار دېدۇق، دەپ توپلايدۇ. توپلىغان دۇنيالىق مېلىنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن بۇ تەقۋادارلىرىمىز تەقۋادارلىقنىڭ سۈپەتلىرىدىكى زاھىتلىقنىڭ ھەقىقى مەنىسى بىلەن ئۆلچىگەندە بۇ باھانىلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ساھابىلارنىڭ ھەقىقى زاھىتلىقى بىلەن ئوخشىمايدىلىغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ.

كىشىلەردىن تەمە قىلما ، دېگەن ئۆلچەمگە نۇرغۇنلىرىمىز توشمايمىز. چۈنكى، ئىشىمىزنىڭ ئىقىشى، بىزگە بىرەر ياردىمىنىڭ بولۇپ قېلىش ئىھتىمالى، ئىززەت ۋە غۇرۇرىمىزنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن بەزى ئادەملەرگە يېقىنلىق بىلدۈرسەك بەزىلەردىن بەزى نەرسىلەرنى ئۈمۈت قىلىمىز. بۇنى ھەمدە نورمال ئىشتەك قوبۇل قىلىمىز. ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ياردىمىدىن يېرى كەلگەندە پايدىلىنىش بۇ يەردە دېيىلمەكچى بولغان ئاساسلىق مەزمون دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. بۇ يەردە دېمەكچى چاندۇرۇماسلىققا تىرىشىلغان تەمە ھەققىدە توختالماقچىمىز.

بۇ بەزىدە ناھايىتى ئوچۇق ، ھەر ئادەم ئاڭلاپ كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە بولسا بەزىدە ئالاقىدار ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىگىلا مۇناسىۋەتلىك تەمەگەرلىك ئىشىدۇر.

خۇلاسىلەپ كەلسەك ئاللاھنىڭ رەسۇلى چەكلىگەن" دۇنيالىققا بېرىلمە ئەمرىگە بوي سۇنمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نارازىلىقىغا ، پەقەت ئاللاھتىنلا ئۈمۈد قىلىشنىڭ ئورنىغا بەندىلەردىن ئۈمۈت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماقتىمىز.

كۆرۈنۈشتە بۇ ئەھۋالىمىز بىزنى ھېچقانداق بىر زىيان خەتىرىگە ئېلىپ بارمىغاندەك قىلغان بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى نەزەردىن  چۈشۈپ كېتىۋاتقاقانلىقىمىز ئېنىق.  بۇنداق بولمىغان بولساق، ئۇنچىلىك دەرىجىدە مەھكۇملۇقتا قالمىغان بولاتتۇق. ئاللاھ ھەرگىزمۇ پەقەت ئۆزىگىلا قۇللۇق قىلغان بەندىسىنى مەخلۇقنىڭ خالىغانچە ئىزىشىگە تاشلاپ قويمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ مېڭىۋاتقانلىقىمىز ئېنىق. بۇنىڭ دەلىلى بىزنىڭ دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىشىمىز، باشقىلارنى ئەيىپلەشلىرىمىز ئىنسانلارنىڭ بىزگە بولغان ئىخلاسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئاشكارلىسا يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭ ئىنسانلاردىن كۈتىدىغانلىرىمىزنىڭمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ، ئەپسۇس كۈتكەنلىرىمىزگە نىسپەتەن ئېرىشكەنلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ئازلىقى ياكى بىزنىڭ رازى بولماسلىقلىرىمىزدۇر.

بۇ دۇنيانىڭ بىر ئۆتەڭ ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق ۋە" پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسان ۋە جىنلار بىرلىشىپ ساڭا بىرەر پايدا يەتكۈزمەكچى بولسا ئاللاھ ساڭا پۈتىۋەتكەندىن باشقىنى بېرەلمەيدۇ. پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلار بىرلىشىپ ساڭا بىرەر زىيان سالماقچى بولسا ئاللاھنىڭ ساڭا پۈتىۋەتكەندىن سىرت ھېچبىر زىيان سالالمايدۇ" دېگەن ھەدىس شەرىپكە ھەقىقى ئىمان كەلتۈرۈپ ياشاش ئاللاھ ۋە ئىنسانلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ بېشىدا كېلىدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ