<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئايرىمىچىلىق ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن بۇ رايوندا ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەرمەكتە....
سېيىت تۈمتۈرك

(دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى)

تەرجىمە: باتۇر  

 

 

  “5 – ئىيۇل قانلىق قەتلىئامى”دىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئايرىمىچىلىق ۋە شەرقىي تۈركىستاندا  ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن بۇ رايوندا ھەر خىل قارشىلىق ھەرىكىتى ۋە قالايمىقانچىلىقلار يۈز بەرمەكتە. 2009 - يىلى يۈز بەرگەن “5 - ئىيۇل قانلىق قەتلىئامى” بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رەسمىي باياناتلىرىغا كۆرە، 26 - ئىيۇندا خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا مەيدانغا كەلگەن بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان. لېكىن، بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدىكى سەۋەبلەر تۈرك ۋە ئامېرىكا خەلقى تەرىپىدىن بەس ـ مۇنازىرە قىلىنماقتا[1]. ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زاۋۇتتا يۈزبەرگەن قەتلىئامنى بىتەرەپ ھالدا ۋە ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتكەن. لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مىللىتى تەرىپىدە تۇرۇپ، ۋەقەنى باستۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭ بىلەن، قەشقەردىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ قېتىلىشى بىلەن بەش - ئون مىڭ كىشىلىك بىر ئۇيغۇر جامائىتى ئۈرۈمچىدە كوچىغا چىقىپ، ئويۇنچۇق زاۋۇتىدە يۈز بەرگەن قەتلىئام ۋە باسقۇنچىلىقنىڭ ھېسابىنى سوراش ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىپ نامايىش ئېلىپ باردى. ھېچقانداق قالايمىقانچىلىق چىقارماي، تېنچ يول بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ساقچى ۋە ئەسكەرلىرى بۇ ئاممىۋىي نامايىشقا قاتتىق قوللۇق بىلەن جاۋاب قايتۇردى. باشتا ئۇيغۇرلارنى قورقۇتۇش ۋە تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئىككى قىز، بىر ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى ۋە بۇ ئۈچ كىشىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن، چىققان قالايمىقانچىلىقتا ئاممىنى باستۇرۇشقا باشلىغان قوراللىق خىتاي ساقچىلىرى نەچچە ئون ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىلاندۇرۇپ كۆپچىلىكنى تارقىتىۋەتتى. يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مۇئامىلىسى يارا ئۈستىگە تۈز سەپكەندەك بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىگە يىغىلغان ئۇيغۇرلار شەھەر مەركىزىگە قاراپ ماڭدى. بۇ جەرياندا يول بويىدا ئۇچرىغان خىتايلار بىلەن جېدەللەشتى. ماشىنىلارنى ئۆرۈپ ئوت قويۇۋەتتى. بۇ جېدەللەردە خىتايلاردىن ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئۆلگەنلەر بولدى. بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتقاندا، ئامانلىقنى قوغداش كۈچلىرى شەھەرنىڭ ھەر كوچىسىدا بار بولسىمۇ، بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدىكى كوچا توقۇنۇشىغا ئارىلاشمىدى ۋە ۋەقەلەرنىڭ تېخىمۇ زورىيىپ كېتىشىگە كۆز يۇمدى.

ۋەقە ئەۋجىگە چىققاندا، قوراللىق كۈچلەر خالىغانچە ئوق چىقىرىشقا باشلىدى ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرنى كوچىلاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ قاتاردا قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە 2000غا يېقىن ئۇيغۇر بىر يەردىلا ئۆلتۈرۈلدى ۋە جەسەتلىرى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى، ئەخلەت توشۇش ماشىنىلىرى بېسىپ ئېلىپ كېتىلدى. كوچىلار ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى بىلەن يۇيۇلدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شاھىتلىرىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، كوچىلاردا بېشىغا ئوق تېگىپ ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتراپقا چېچىلغان مېڭىسى ۋە قاندىن ئەسەر قالمىدى، يەنى دەلىل ـ ئىسپات دەرھال يۇيۇپ تازىلىۋېتىلدى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، شەھەردە تېلېفون، ئېنتېرنېت ۋە توك ئۈزۈۋېتىلدى. كېچە سائەت 10دا توك قايتا بېرىلىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئۆيمۇ ئۆي بېسىپ ئاختۇرۇش باشلاندى. يۈزىنى يۆگىۋالغان خىتاي ئەسكەرلىرى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، چوڭ -  كىچىك، ئەر ـ ئايال ئايرىماي تۇتقۇن قىلدى. قارشىلىق قىلغانلار ئۆيىدە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. تۇتقۇندىن ئامان قالغانلار ئەتىسى سەھەردە ساقچىخانىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلغىنىدا، ئۆي باسقانلارنىڭ ساقچى ئەمەسلىكى، بۇ سەۋەبتىن تېرورلۇق ھەرىكەت قاتارىدا تىزىمغا ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلەر قاتارىدا تىزىملىنىدىغانلىقى جاۋابىنى ئالدى. ئۇ كېچە ئېلىپ كېتىلگەنلەردىن ھېلىغىچە ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنمىدى. بىر قىسمىنىڭ جەسىدى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلدى، قالغانلىرىنىڭ ئۆلىكىمۇ، تىرىكىمۇ ئىز ـ دېرەكسىز يوقاپ كەتتى. بىر كۈن كېيىن، خىتايلار خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. ئالدىدا خىتاي پۇقرالىرى، ئارقىسىدا ئۇلارنى قوغداۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئالىمان ئۇيغۇرلارنىڭ دۇككانلىرى، ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، تۇتۇۋالالىغان ئۇيغۇرنى كوچىدا ئۆلتۈردى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىر نۇقتا، خىتايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا خىتاي ساقچىلىرى ئىشلىتىدىغان كالتەك بار بولۇپ، ھەممىسىگە بىر خىل كالتەك تارقىتىلغانىدى.

خىتاي ساقچى تەشكىلاتىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ساقچىلاردىن بەزىلىرى شاھىتلىرىمىزغا يىغلاپ تۇرۇپ كۆرگەنلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن. خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلىنغان، ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن قىزلارنى قىپ ـ يالىڭاچلاپ، قايتا - قايتا باسقۇنچىلىق قىلغان. نەچچە كۈنلەپ ئاچ ۋە سۇسىز قالغان ئۇيغۇرلارغا يېمەك - ئىچمەك بېرىلمىگەن. ئۇزۇن مەزگىل ئاچ ۋە سۇسىز قالغاندىن كېيىن، ئۇلارغا تۇزلۇق سۇ بېرىلگەن. تۇزلۇق سۇ ئىچكەنسېرى ئۇسسىغان تۇتقۇنلار ئۆز سۈيدىكىنى ئىچكۈدەك دەرىجىدە ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويغان. مەھبۇسلار مىخلىق كالتەكلەر بىلەن قاتتىق ئۇرۇلغان. قىيىن - قىستاق داۋامىدا مەھبۇسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تاياق زەربىسى ۋە قان كۆپ چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. خىتاي ساقچىلىرى قىيىن - قىستاققا چىدىيالماي ۋارقىرىغان، يىغلىغانلاردىن بىزار بولغانلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىغان. تۈرمىلەردە يۈز بەرگەن ئەھۋاللار بۇلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس. بۇ قىيىن - قىستاقلاردا بىر كېچىدە 830 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ 830 كىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ، كۈللىرى ئەخلەتكە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئەخلەت مەيدانىغا تۆكۈۋېتىلگەن. بىر قىسىم جەسەتلەر ئائىلىرىگە “5 - ئىيۇل توقۇنۇشىدا ئۆلگەن”لىكىگە دائىر بىر ھۆججەتكە قول قويغۇزۇلغاندىن كېيىن، قايتۇرۇپ بېرىلگەن. بۇ ئۇسۇل بىلەن ساقچىلار قىيىن - قىستاقتا ئۆلمىگەنلىكى ھەققىدە ئۈزلىرى ئۈچۈن ئىسپات تەييارلىغان، ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىدا ئۆلگەنلەر قاتارىدا تىزىمغا ئالغان. قىيىن - قىستاقلار بۇلار بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بىر قىسىم تۇتقۇنلارنىڭ بېلىدىن گەردىنىگىچە بولغان قىسمى ھۆل لۆڭگە بىلەن يۆگىلىپ، لۆڭگە يۆگەلگەن كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇلغان. بۇنداق قىلغاندا، مەھبۇسنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق تاياق ئىزى قالمايدۇ، ئەمما ئىچكى ئورگانلار قاتتىق زەخمىلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىينالغان ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئىچكى ئورگانلىرى ئېغىر زەخمىلەنگەنلىكى ئۈچۈن بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە ئۆلۈشكە باشلىغان.  دوختۇرخانىلاردا بېرىلگەن ئۆلۈم سەۋەبى ئىسپات خەتلىرىگە تۇيۇقسىز يۈرەك سىقىلىش، يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇش دېگەندەك سەۋەبلەر يېزىلغان. مانا بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر ساقچى ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. ئۆز مىللىتىدىن بولغان ئۇيغۇرلارغا قىيىن - قىستاق ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر ساقچىلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. قىيىن - قىستاق ۋە سوراقلارنى ئۇيغۇر ۋە خىتاي ساقچىلار بىرلىكتە ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ساقچىلىرى تۇتقۇن ئۇيغۇرنى ئۇرۇپ، كىملەر بىلەن كۆرەشكەنلىكىنى، نامايىشنى كىملەرنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى، يېنىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى سورىغان. تۇتقۇن تاياققا بىر مۇددەت چىدىغاندىن كېيىن، يېنىدىكىلەرنى ئېيتىپ بېرىشكە باشلىغان. ئۇيغۇر ساقچى خىتاي ساقچىنىڭ ئالدىدا ئىقرار قىلماسلىقى ۋە باشقا تونۇشلىرىنى دەپ بەرمەسلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىغان. قاتتىق تاياق يېگەن تۇتقۇن ھەممەيلەننىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشكە باشلىغان. ئىسىملار ئېيتىلغانسېرى، ئۇيغۇر ساقچى يەنە كۆپ گەپ قىلمىسۇن دەپ ئۇيغۇر تۇتقۇننى ئۆلگۈدەك ئۇرغان. يەنە بىر ساقچىنىڭ ئېيتقانلىرى تېخىمۇ ۋەھشىيانە بولۇپ، ئانىسى بىلەن بىرگە تۇتقۇن قىلىنغان بىر قانچە ئايلىق بوۋاقلار ئانىلارنىڭ كۆزلىرى ئالدىدا بوينى قايرىلىپ، دەرياغا تاشلىۋېتىلگەن[2].

ۋەقەدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرمەكتە، ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىنىڭ قەيەردە ئىجرا قىلىنغانلىقى نامەلۇم. جەسەتلىرىنىڭ ئائىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس[3]. تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك ئانالىز مەركىزى (TÜRKSAM)نىڭ باشلىقى سىنان ئوگان، مۇنلارنى بايان قىلماقتا: «يېقىنقى مەزگىللەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان خىتاي، شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مەيدانغا كەلگەن مىللىي توقۇنۇش بىلەن دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كىردى.  شەرقىي تۈركىستاندا 2009 - يىل 5 – ئىيۇل كۈنى باشلانغان ۋە كېچە بويىچە داۋاملاشقان ۋەقەلەر ئەسلىدە نورمال بىر ئىش تالىشىش جېدىلىدىن باشلانغاندەك كۆرۈنمەكتە ياكى شۇنداق كۆرسىتىلمەكتە. لېكىن، ۋەقەنىڭ باشقا نېگىزلىك سەۋەبلىرى بار. دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ نوپۇسىغا ئىگە بولغان ۋە بىر قانچە دۆلەتكە تەھدىت بولۇپ تۇرىۋاتقان خىتاي، ئەسلىدە ئىچكى جەھەتتىن ئۇيۇشقان بىر دۆلەت ئەمەس. ئۇزۇندىن بېرى يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن تېنچلىقنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. شەرقىي تۈركىستانغا يېقىنقى مەزگىللەردە يەرلەشتۈرۈلگەن خىتاي نوپۇسى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇر تۈركلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت ناھايىتى ئۆتكۈر بولۇپ، توقۇنۇش كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى. بۇ توقۇنۇش سەۋەبلىرى ھەرخىل يوللار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىر ئاماللار بىلەن باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانىدى. بولۇپمۇ، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ  گۇانتانامودا “رادىكال ئىسلامچى تېرورىست” دەپ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئەسلىدە بېيجىڭ ھاكىمىيىتىگە تېپىلماس بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى ۋە ئاسىلىماتسىيە سىياسىتىگە قارشى چىققان بارلىق ئۇيغۇر “ئىسلامچى تېرورىست” نامى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ كەلدى»[4].

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بۇرۇنقى ئادىتىنىڭ دەل ئەكسىچە، مۇشۇنداق بىر ۋەقەدىن كېيىن بۇ خىل باياناتلار ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇۋاتىدۇ[5].

 تۈگىدى

[1] “Fatma Şebnem Ercan”, http://www.turksam.org/gencbakis/a1811.html

[2] “Urumçi’de “Çin İşkencesi”, http://www.timeturk.com/yazardetay.asp?Newsid=15441

[3] “çin - 196 uygur Türkünü kurşuna dizdi”, http://haber.nazlimcafe.com/etiket/uygur-turkleri/

 

[4] “Ogan: Çindeki Olaylar Türkiye Gündemini Değiştirebilir!”, http://www.nethabercilik.com/haber/ogan-cindeki-olaylar-turkiye-gundemini-degistirebilir.htm

[5] “Doğu Türkistan Sorunu Nedir?”, http://www.the.org.tr/2009/10/13/dogu-turkistan-sorunu-nedir”

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ