ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(5)شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-04-07 10:16:42 جەمئى 7081 قېتىم ئوقۇلغان.

1878 ـ يىلى، خىتاي مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى قايتا ئىشغال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى.....

 

شەرقىي تۈركىستاندا جۇمھۇرىيەتلەر

 

  1878 ـ يىلى، خىتاي مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى قايتا ئىشغال قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالدى. بۇ، 1911 ـ يىلىغىچە مۇشۇنداق داۋاملاشتى. 1911 ـ يىلى، مانجۇ خاندانلىقى ئۆرۈپ تاشلىنىپ، ئورنىغا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باش ۋالىيلىرى بۇ قالايمىقانچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ئايرىم ئىمپېراتورلۇق قۇرۇش كويىدا مەركەز ھۆكۈمىتى بىلەن پات ـ پات توقۇنۇشقا باشلىدى. مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇمغا قارشى قوزغىلىپ، 1931 ـ يىلى قۇمۇلدا، 1932 ـ يىلى تۇرپاندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتەردى. نەتىجىدە، 1933 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، مىللىي ھۆكۈمەت تەشكىللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى ۋە خوجا نىياز ھاجى جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلاندى[1].

غەربىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ ياتقان سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ جۇمھۇرىيەتتىن قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ، 1934 ـ يىلى شەرقىي تۈركىستاننى قورشاۋغا ئالدى ۋە 2 ـ دۇنيا ئۇرۇشىغىچە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىپ، يەرلىك خەلقنى قاتتىق ئەزدى. كېيىن، سىتراتېگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىقمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالدى. رۇسلارنىڭ قوللىشىنى كۆزدە تۇتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى قايتا قوزغالدى ۋە 1944 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەلىخان تۆرە جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلاندى. بۇ يىللاردا، مىللەتچى خىتاي بىلەن كوممۇنىست خىتايلارنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى داۋاملىشىۋاتاتتى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ قوللاش خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكىگە ئوخشاش سىياسىي تاكتىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، 1949 ـ يىلى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقنى تولۇق قولغا كىرگۈزىۋالغان خىتاي كوممۇنىست ئەسكەرلىرى كۆپ ئۆتمەي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي دۆلىتىگە قوشۇۋالدى.

بۇ قېتىملىق ئىشغالىيەتتىن كېيىنمۇ خەلق توختىماي ئىسيان كۆتەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى مىڭلارچە خىتاي ئاققۇنىنى يۆتكەپ چىقىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاننى سىياسىي جەھەتتىن ئىسكەنجىگە ئالسا، ئىرقىي جەھەتتىن ئاسىمىلاتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە ۋە شۇ مەقسەتتە “شەرقىي تۈركىستان”نى “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى” دەپ ئاتاپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش، تىركىشىش ۋە قوراللىق كۈرەش ھەرىكەتلىرىمۇ بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشماقتا[2].

 

خاتىمە

 

قوشنا رايونلارنى ئۆزئارا بۆلۈشىۋالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئومۇمەن بىرىنىڭ يەنە بىرىگە مەلۇم مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى، كېيىنچە بۇ ھۆكۈمرانلىق ئالمىشىپ، يەنە بىرىنىڭ تەختكە چىققانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تۈركىستان، خىتاي، رۇسىيە ۋە مۇڭغۇلىيە ئارىسىدىكى بۇ تەخت ئالمىشىش ۋەقەلىرىمۇ ئىككى ـ ئۈچ مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا كۆپ يۈز بەرگەنىدى. مەلۇم مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان كۈچ تەشكىلىي جەھەتتىكى چىرىكلىك، بوشاڭلىق ۋە زالىملىق تۈپەيلىدىن گۇمران بولاتتى.

غەربىي تۈركىستان دۆلەتلىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئىشغالىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. خىتاينىڭ يەرشارىلىشىش يولىدا كۈنسېرى ئېشىپ بارغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى بۇ مۇستەملىكىنىڭ يەنە ئۇزۇن مەزگىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى نامايەن قىلماقتا. تارىخىي تەجرىبىلىرىگە تايانغان خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان كۆچمە نوپۇس سىياسىتىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، تۈركلەرنى قايتا باش كۆتۈرەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشنى پىلانلىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆچمەن سىياسىتىنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئىشسىزلىق ۋە نوپۇس زىچلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى شالاڭ بولۇشىغا باغلىماقتا. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياش قىز ـ يىگىتلىرىنى ئىش تېپىپ بېرىش باھانىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىۋاتماقتا. 2009 ـ يىلى يازدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېتىلگەن ئەنە شۇ “ئىشچى قىزلار”غا باسقۇنچىلىق قىلىش(لار) بىلەن باشلاندى.

ئىشغالىيەت دەۋرىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئىسمى بولغان ئەنگىلىيە گەرچە نۇرغۇن مەسىلىلەردە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن توقۇنۇشۇپ تۇرسىمۇ، شەرقىي ياكى غەربىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھېچقاچان قوللىمىدى، بەلكى بۇلارنىڭ خىتاي ۋە رۇس ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشىغا ھەمدەم بولدى. ھەم چار رۇسىيەنىڭ غەربىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشى، ھەم چار پادىشاھ دەۋرىدىن كېيىن چىققان ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە تۈركلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغاندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇسلارنىڭ تۈركىستاننى بېسىۋېلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدى. شۇنىڭدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشى ۋە مۇستەقىل بولماسلىقى ئۈچۈن ھەرقاچان باشلامچى سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. ھازىر خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تىجارەت شېرىكى بولغان ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىمۇ ناھايىتى گۇمانلىق دەپ قاراشقا بولىدۇ.

تارىخىي تەجرىبىلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مائارىپ، ھازارەت ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنى بېكىتكەندىن سىرت، ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان، شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى سىنىپ شەكىللەندۈرگەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن ئېلىشىغا تېگىشلىك تېخىمۇ مۇھىم تەجرىبە ـ ساۋاقلار بار. شۇنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەككى، زۇلۇم ھېچقاچان مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. بېسىم، ھەقسىزلىق، ئايرىمچىلىق ۋە زۇلۇمغا تايانغان ھاكىمىيەتنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئىچىدىن چىرىپ، چۆكۈپ كېتىدىغانلىقى مۇقەررەر بولۇپ، غەربىي تۈركىستاندىكى سابىق سوۋېت ھاكىمىيىتى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالىدۇر.

 (تۈگىدى)

پايدىلانغان ئەسەرلەر: 

Alptekin, İ.Y, Doğu Türkistan Davası, İstanbul, Marifet Yayınları, 1981.

-----. Esir Doğu Türkistan İçin: İsa Yusuf Alptekin`in Hatıraları, İstanbul, 1985.

B.O.A. İrâde Dâhiliye, 46753.

----. İrâde Hâriciye, 15524. 

-----. İrâde Dâhiliye, 16500.

-----. İrâde Dâhiliye, 49054.

Barthold, W., Türkistan, Entsiklopediçeskiy Slovar, Petersburg, 1902, V. 34, s. 174-204.

------. Turkestan Down to the Mongol Invasion, Londra, 1928.

Bayur, Y.H., Hindistan Tarihi, III, Ankara, 1950.

Bosshard, W., Politics and Trade in Central Asia, J.R.C.A.S., 16, 1929, ss. 432-457.

Boulger, D., The Life Yakoob Beg, Londra, 1878.

Buğra, M.E., Doğu Türkistan, İstanbul, Güven Basımevi, 1952.

Caroe, O., Soviet Empire, London, 1953.

Eraslan, Cezmi. II. Abdülhamid ve İslam Birliği, İstanbul, 1992.

F.O. 17/825.

-----. 65-871; Memorandum, Simpla, 18 Eylül 1869.

Forsyth Mission to Yarkand, Times, 31 Ağustos 1871.

Great Soviet Encyclopaedia, Third Edition, C. 26, s. 458.

Halaçoğlu, Y., Binbaşı İsmail Hakkı Bey`in Kaşgar`a Dâir Eseri, İ.Ü.E.F. Tarih Enstitüsü Dergisi, sayı 13, 1987 (Prof. Dr. İbrahim Kafesoğlu Özel Sayısı), ss. 521-550.

Hayit, B., Sovyetler Birliği ve Hür Dünya Açısından Türkistan`ın Stratejik Önemi, T.D.A.D., ss. 78-86.

-----. Türkistan Terimi Üzerine, TDAD, 53.

Henze, P., Kaşgariya`daki Büyük Oyun, Doğu Türkistan`ın Sesi, V-19, Sonbahar 1988; The Great Game in Kashgaria - British and Russian Missions to Yakub Beg, Central Asian Survey, vol. VIII, 2, 1989, 61-95.

Kurban, İ., Şarki Türkistan Cumhuriyeti, Ankara, 1992.

Lattimore, O., The Chinese as a Dominant Race, J.R.C.A.S., 15, 1928, ss. 278-300.

Mehmed, A., Kaşgar Tarihi, İstanbul, 1300.

Parliamentary Debates, III-225, 13 Temmuz 1875.

Report of a Mission to Yarkand in 1873 under Command of Sir T. D. Forsyth, Kalküta, 1875.

Saray, M., Doğu Türkistan Türkleri Tarihi, C.1, II. Baskı, İstanbul, Doğu Türkistan Vakfı, 1998.

Schuyler, E., Türkistan: Notes of Journey in Russian Turkistan, Kokand, Bukhara and Kuldja, New York, Frederick A. Praeger Publishers, 1966.

Showers, Central Asian Question ; F.O. 65-870; F.O. 65-868, 13 Ocak 1866.

Skrine, C.P., The Roads to Kashgar, J.R.C.A.S., XII, 1925, ss. 226-250.

Şükran, O., “Doğu Türkistan: Uygurların Bağımsızlık Mücadelesi”, Dünya Çatışma Bölgeleri, der.: Kemal İnat ve diğerleri, Ankara, Nobel, 2004, s.327-345

Togan, I., The Khojas of Eastern Turkistan, Islam as a Source of Identity, ed. Jo-Ann Gross (Durham and London, Duke University, 1992, ss. 134-148.

Togan, Z.V., Bugünkü Türkili (Türkistan) ve Yakın Tarihi, İstanbul, 1942.

Trotter, H., The Amir Yakokub Khan and Eastern Turkistan in Mid-Nineteenth Century, Journal of the Royal Central Asiatic Studies, vol. IV, 1917, ss. 94-112.

Yalçınkaya, A, Sömürgecilik Pan-İslamizm Işığında Türkistan, 1856`dan Günümüze, 2. Baskı, Ankara, Lalezar Kitabevi, 2006.

[1]  ئىيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن: «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى»، مەرىپەت نەشرىياتى، 1981 ـ يىل، ئىستانبۇل. 146 ـ 154 ـ بەتلەر.

[2]  ئونۇر شۈكران: «شەرقىي تۈركىستان: ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى»، “دۇنيادا توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلار”. كامال ئىنات قاتارلىقلار نەشىرگە سۇنغان. نوبېل نەشرىياتى، 2004 ـ يىل، ئەنقەرە. 327 ـ 345 ـ بەتلەر.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ