ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(3) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-15 18:15:30 جەمئى 23124 قېتىم ئوقۇلغان.

(3) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە

(3) يۇشۇرۇن ئىرقىي قىرغىندىن ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنغىچە 

(9)شەرقىي تۈركستان خەلقى ئىچىدىكى ياشلار ۋە بالىلارنى  ئۆز يۇرتىدىن مەجبۇرى سۈرگۈن قىلىپ قىرغىن قىلىش ئەھۋاللىرى

خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ بېسىۋالغاندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن يوقۇتۇشقا  تىرىشىپ كەلدى. خىتاي يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلپ يوق قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر ياشلىرىنى مەجبۇرى يۆتكىدى. تەكرىىتاغ تورى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي رېجىمى 2018-يىلى يىل بېشىن باشلاپ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىگە قەدەر، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ۋە يېزا- كەنتلىرىدىن 98 مىڭ 364 ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامى بىلەن سۈرگۈن قىلىپ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەن. 
خىتاي خەلق تورى بەرگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي رېجىمى بۇ يىل 14- ماي خوتەن ۋوگزالىدىن 400 ئوغۇل – قىزنى خۇبېي ئۆلكىسىگە مەجبۇرى يولغا سالغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى بولغان تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 12-كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئسپاتلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن شەرقىي تۈركىسىتان خەلقىنى مەجبۇرى تارقاقلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن. 
–2017يىلى 4–ئايدا خىتاينڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى بولغان ئاپتونوم رايون دائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ قىرىپ تۈگىتىش  ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىن 100 مىڭ كىشىنى مەجبۇرى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. 2017- يىلى 4–ئاينىڭ 24–كۈنى، تۇنجى تۈركۈمدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتى كۆيدۈرگۈچى ئىشقار سېخىغا مەجبۇرى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرغان.
شۇنداق قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017–يىلى بىر يىل ئىچىدە قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىن 47 مىڭ كىشنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىگە يۆتكىگەن.
تەڭرىتاغ تورى ئۇچۇردا 2018- يىلنىڭ بېشىدا يەنە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايون دائىرلىرى قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن مەجبۇرى يۆتكەش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. خىتاي ئككىنچى قەدەمدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى يۆتكەشنى باشلىغان. ئۈچ يىللىق پىلان دائىرىسى ئىچىدە، 22 ناھىيىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرىدىن يىڭى يىل كىرگەندىن بويان 40 مىڭ كىشىنى يۆتكىگەن.
خىتاي دائىرلىرى مەزكۇر پىلان دائىرە ئىچىدە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسى ئارال كەنتىدىن بۇ يىل 5–ئاينىڭ 15–كۈنى 20 ئادەمنى خىتاي ئىگىلىكىدىكى‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھى ‹‹خۇاتەي›› شىركىتىگە يۆتكىگەن. 
دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر، يېزىلاردىن 2500 نەچچە كىشىنى ‹‹جۇڭتەي›› گۇرۇھىغا يۆتكىگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 62 مىڭ 33 كىشىنى يۈرتلىرىدىن مەجبۇرى سۇرگۈن قىلغان.

2018-يىكى 8- ئۆكتەبىر china Aid تورى بىلەن داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلاردىن 300 مىڭ تۇتقۇننى خىتاينىڭ گەنسۇ بىلەن شەرقىي شىمالىي رايونىغا يۆتكەپ بولغانلىقى ئاشكارىلانغان.

(10)خىتاي يولغا قويغان «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى   

خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى 1997- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى 1- تۈرمىدە سىياسى مەھبۇسلار بىر پىكىرگە كىلىۋىلىپ ئۇلارنى ئۆنۈملۇك باشقۇرالمىغان بىر مەزگىللەردە « قوشماق توغقان » نامى بىلەن ئەمەس « ئۆز ئارا نازارەت گورۇپپىسى » نامىدا سىياسى مەھبۇسلارنى ئۆنۈملۈك كونتىرول قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان قائىدە ئىدى. خىتاي مەھبۇسلارنى ئوزى نىمە دىسە شۇنى قىلىېدىغان قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، سىياسى مەھبۇسلارنىڭ ئارسىغا خىتاي، تۇڭگان ۋە خىتايغا سېتلىپ كەتكەن ئويغۇر ئىجتىمائىي مەھبۇسلاردىن ھەر بىر كامىرغا تۆت ياكى بەشتىن ئارىلاشتۇرۇپ سولىدى. ئارىلاشتۇرۇپ سولانغان ھەر بىر كۆز- قولاققا تۆتتىن سىياسى مەھبۇسنى چېتىپ سىياسى مەھبۇسلارنىڭ ئارىسىغا قوشۇپ قويغان . كۆز- قولاقلارنىڭ سىياسى مەھبۇسلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن « بىرگە يېتپ قوپوش، بىرگە ئەمگەك قىلىش ، بىرگە تاماق يېيىش، ئۆز ئار كۆزىتىش، ئۆز- ئارا ئىلگىرى سۈرۈش » دەپ قائىدە چىقىرىپ، كۆز – قولاقلار سىياسى مەھبۇسلار ئىچىدە بىر يىل كۆز- قولاق بولۇپ ئۆتسە جازا مۇددىتىدىن بىر يىلىنى قىسقارتقان ئىدى . كۆز- قۇلاقلارغا كامىر ئىچىدىكى سىياسى مەھبۇلار ئىچىدە كىمنىڭ گېپى ئۆتىدۇ، كىم كامىردا باشقىلارنى خىتايغا قارىشى يېتەكلەپ مېڭىۋاتىدۇ، كىم يوشۇرۇن ناماز ئوقۇيدۇ، كىم باشقىلارنى ئەمگەكتە پاسسىپلىق قىلىشقا قوترىتىدۇ؟ قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگەللەش ۋەزىيپىسنى تاپشۇرغان. شۇ ئارقىلىق سىياسى مەھبۇسلار ئىچىدىكى گېپى ئۆتىدىغان، باشقىلارنى خىتايغا قارىشى يېتەكلەيدىغان كىشىلەرنى تارتىپ چىقىپ ئايرىپ سولاپ جازالاپ،باشقىلارنى ئۆزى كۆزلىگەن بويىچە باشقۇرۇش نىشانىغا يەتكەن ئىدى.

خىتاي 1997- يىلىدىن باشلاپ تۈرمىدە يولغا قويۇپ ئۆنۈمگە ئېرىشكەن « نازارەت گورۇپپا» قائىدىسىنى ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان » نامىغا ئۆزگەرتىپ 2017- يىل ئاخىردىن باشلاپ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە يولغا قويۇپ، ئائىلىلەردىكى خىتاي سىياسىتىگە قارشى كىشىلەرنى، دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك كىشلەرنى بايقاپ تۈرمىگە ياكى ئاتالمىش « تەرىيىلەش لاگېرى» سۇلاشقا باشلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان تۈرمىگە ئوخشىدى دىيىشنىڭ ئورنىغا تۈرمىگە ئۆزگەرتىلدى دىيىش كېرەك.

2018- يىلى 10- ماي ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر شاھىد داجىيۈەن تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي رېجىمى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان » نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگە  كىرگۈزۈلگەن كوممونىستلار ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى، يېقىندا ئائىلىلەردە كېچە- كۈندۈز يېتىپ قوپۇپ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ناماز ئوقۇش، كىملەر بىلەن ئالاقە قىلىش، قانداق گەپ- سۆزلەرنى قىلىش، ئىدىيە ئەھۋالى قانداق؟ دېگەندەك ھەرىكەت ۋە ھالەتلىرىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىم « قوشماق تۇغقان» نامىدا ئائىلىلەرگە كىرگەن كوممونىستلار بىر ئاي مۇقىم تۇرىدىغانلىقىنى، ئېچىنىشلىق يىرى ئائىلە ئىچىدە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ بىر- بىرلەپ ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى»غا نەزەربەنىت قىلىنغانلىقىنى، ئائىلىدە قالغانلار ئاشكارا ناماز ئوقۇيالماي  ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئىشارەت بىلەن ناماز ئوقۇپ بايقىلىپ قالغانلارمۇ ئوخشاشلا تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ھەتتا ئائىلىدە ئاللاھقا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش پۇرسىتىنىڭمۇ قولدىن كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

(11)«تەربىيىلەش لاگېرى» دىكى خورلۇقلار ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق

2018- يىلى -16ئاپرىل china aid تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېر» دىن قويۇۋېتىلگەن ئۈچ قازاقستان پۇقراسى پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلىقىنى يوقاتقان.
ئۇلارنى مۇخبىرلار زىيارەت قىلغان. زىيارەتتە مۇخبىرلار ئۇلاردىن بەزى ئەھۋاللارنى ئىگىلەشكە ئورۇنغان بولسىمۇ بىراق ئۇلار نە « تەربىيىلەش لاگېر»نىڭ ئىچكى ئەھۋالى، نە ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققدە سورالغان سوئاللارنىڭ ھەممىنى جاۋابسىز قويۇپ گاچا، ساراڭلاردەك ھاڭۋېقىپ تۇرىۋىلىپ ئەتراپتىكىلەرنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان

خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئاتالمىش « تەربىيلەش لاگېرى»غا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى ئۈچ مىليۇنغا يېتىدىغانلىقى ئېنىقلاندى. خىتاي ئاخبارات ئۇچۇرنى قاتتىق كونترو قىلىپ تۈرغان بىر پەيىتتە، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدىن ئۈلۈم خەۋىرى كىلىپ، چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى گۇۋالىق بەرگەنلارنىڭ سانى 30 كىشىدىن ئاشتى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، لاگېردا ئۇرۇپ خارلاپ تەن جازاسى بىرىش ئەھۋاللىرىنىڭ ھەر كۈنى بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، گۇندىپايلار ھەر ۋاقىت بىرەر ئىككى ئادەمنى سىرىتقا ئېلپ چىقىپ ئۇرۇپ خورلايدىغانلىقىنى، خورلۇققا چىدىماي ۋاقىرىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئازابلىنىدىغانلىقىنى، گۇندىپايلارنىڭ تۇتقۇنلارنى ئۇرۇپ ئۆز كۆڭلىنى ھۇزۇرلاندۇرۇش ئۇيغۇرلارنى قىزغىن قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسىدىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇم «تەربىيىلەش لاگېرى» نىڭ تازىلىق خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 

لاگېرغا سولانغانلارنىڭ پۇت-قولىدا ھەرقانداق ۋاقىت كويزا- ئىشكەل بارلىقىنى، قامالغانلارنى دوختۇرخانىغا ياكى باشقا جايغا يۆتكەشكە توغرا كەلسە بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ،  پۇت - قولىدىكى كويزىنىڭ ھەر ۋاقىت ئېلىنمايدىغانلىقىنى، ھەركۈنى لاگېردىكى مەھبۇسلار ھاراق ئىچىشكە مەجبۇر قىلىنىدىغانلىقىنى، ئاشكارىلىدى.   

 

CHINA AID تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، شەرقىي تۈركسىتاندىن كۆچۈپ قازاقىستاندا ئولتۇراقلاشقان كابىن بېكېناي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركستاندىكى ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامالغانلارغا نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇللارنى مەجبۇرى ئىشلەتكەنلىكىنى، قويۇپ بېرىلگەنلەر خاتىرىسى ۋە جىنسى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى، كابىن بېكېناينىڭ ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇيدىغان جىيەن ئوغلى جېنگېىس بېك بېردىبەك قىشلىق تەتىلدە شەرقىي تۈركىستانغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن بېرىپ خىتاي رىجىمى تەرىپىدىن ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامالغانلىقىنى، قامالغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇل ئىشلىتىشكە مەجبۇرلانغانلىقى، لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە ئېغىر بولغانلىرى خاتىرىسىنى يوقاتقانلىقىنى، يېنىك بولغانلىرى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكىنى، ئەرلەر جىنىسى ئىقتىدارنى يوقاتقانلىقىنى، ئاياللارنىڭ ھېيىز مۇددىتى قالايمىقان بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مۇخبىرلار ئىچكرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن يېقىندا خىتاي ج خ ئىدارسى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن ئاقلىغۇچى لىجۇيۈننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خىتاي تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى مەھبۇسلارغا نامەلۇم دورا ۋە ئوكۇلنى مەجبۇرى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، دورا ۋە ئوكۇل ئىشلىتىلگەن مەھبۇسلاردا مۇسكۇل بوشىشىپ

قولىنى كۆتۈرەلمەيدىغان، كۆزى قاتتىق ئاغرىپ كۆرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

2018- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنى ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە كېرىيە ناھىيىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئېلىپ كىتىلگەنلەردىن 242 كىشىنىڭ بانكىغا قەرزى بارلىقى، بۇلاردىن يەتتە نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن بانكىنىڭ ئۇلارنىڭ قەرزىنى كۆتۈرۈۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرلارنىڭ تېلېفونى باغلانغان يېڭىباغ يېزىلىق يېزا ئىگىلىك بانكا قەرز ئامانەت كوپىراتىپ مۇدىرى، تەربىيەلەشتىكىلەرگە بانكا تەرەپنىڭ قانداق ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋابەن، ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كوپىراتىپنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە تەربىيىلەشتە جان ئۈزگەن 7 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. يېڭىباغ يېزىسىدىن تەربىيەلەشكە ئەكىتىلگەنلەردىن 242 نەپىرىنىڭ بانكىغا قەرزى بار بولۇپ، بۇلاردىن 7 نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەن. لاگېردا ئۆلتۈرۈلگەن بۇ 7 كىشىنىڭ يېشىنىڭ 31 ياش بىلەن 42 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئاساسەن لاگېردىكى قىيىن – قىستاقلار سەۋەب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە يېڭىباغ يېزىسى كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىققا جايلاشقان، 12 كەنتتىن تەركىب تاپقان، نوپۇسى 10 مىڭغا بارمايدىغان كىچىك يېزىلاردىن بىرى. مانا مۇشۇنداق بىر كىچىك يېزىدىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىغا قەرزى بولغان 242 كىشىدىن 7 نەپىرى لاگېردا جان ئۈزگەن ئىكەن ئۇنداقتا يېزا ۋە ناھىيە بويىچە، ھەتتا ئاتالمىش ئاپتونوم رايون بويىچە قانچىلىك كىشىنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى خىتاينىڭ لاگېردىكى مۇسۇلمانلارنى نىشانلىق ئىرقىي قىرغىن قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى دىيىشكە بولىدۇ.

2018- يىلى 8- ئاينىڭ 23-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئاقسۇدىكى لاگېرلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ جام بازىرىدا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 7-8 كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدىن جەسىتى چىققانلىقى، ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ جام بازىرىنىڭ تۈمەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر پەرزەنتنىڭ ئانىسى، 31 ياشلىق ئانا ئامىنە قادىر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان. ساقچى خادىملىرىدىن بىرىمۇ ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ جام يېزىسىدىكى 31 ياشلىق بىر ئايالنىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي ئىلگىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە جام يېزىسىدىن لاگىرىغا

تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەن سەككىز كىشىنى شەرقي تۈركىستاندىكى بەش ئوبلاست، يەتتە ۋىلايەت، 68 ناھىيە، چوڭ- كىچىك 21 شەھەرگە  ئورتاقلاشتۇرساق لاگىردا كىشىنى چۆچۈتكىدەك كۆپ جاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز.

2017- يىلى 4- ئايدا لاگىرىغا تۇتقۇن قىلىنىپ، كېيىن بەختىگە يارىشا قۇيۇپ بېرىلگەن مېھرىگۈل تۇرسۈن خانىم ئۆزى تۈرغان كامىردا  ئۈچ ئاي ئىچىدە 9 ئايالنىڭ خىتاينىڭ قىيىن – قىستاقلىرى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردى. ئەگەر ئۈچ ئاي ئىچىدە بىر كامىردىن 9 ئايالنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالىنى شەرقي تۈركىستاندىكى بەش ئوبلاست، يەتتە ۋىلايەت، 68 ناھىيە، چوڭ- كىچىك 21 شەھەردىكى قاماقخانىغا تەۋە كامىرلارغا 5 دىن   ئورتاقلاشتۇرساق كىشىنى چۆچۈتكىدەك كۆپ جاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقالايمىز. مابۇ پاكىتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىزغىن قىلىش جىنايىتنىڭ مۇھىم ئىسپاتى.

(12)ئاتا-ئانىسى لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان بالىلار ياكى ئاتا -ئانىسى چەتئەللەردە قالغان پەرزەنتلەرنىڭ مىللى كىملىكى «خىتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملىنىپ ،يېتىمخانىلەرگە ئىلىپ كېتىلگەن.

2018-يىلى30- ئاۋغۇست ۋاشنگتون خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ش ئۇ ئا ر ( ش  ت ) سېكىرتارى چىن چۋەنگونىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سياسىتىنى قاراتمىلىق ھالدا پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى يوقىتىشنى نىشان قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم پاكىتىنى ئاشكارىلىدى: ئاتا-ئانىسى لاگىرلارغا سولانغان بالىلار، ئاتا -ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن بالىلار ، ياكى ئاتا -ئانىسى چەتئەللەردە قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ مىللى كىملىكى «خىتاي» كىملىكى بىلەن تىزىملىنىپ يېتىمخانىلەرگە ئېلىپ كېتىلمەكتە.

خىتاي دەپ تېزىمغا ئېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئاساسەن تولۇقسىزغا تېخى چىقمىغان 12 ياشتىن كىچىك بالىلار بولۇپ ،تەخمىنەن 300-500 مىڭغىچە ئۇيغۇر بالىسى لاگىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان. لاگېردىكى 3 مىليون ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى مىللى كىملىكىدىن مەجبۇرى تارتىپ ئېلىنىپ خىتاي مىللىتى ئىچىگە سىڭدۇرۇش سىياسىتىنىڭ نىشانى قىلىشقا باشلىغان.

«زىمىستان» ناملىق دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق تور ژۇرنىلىنىڭ يەرلىك ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردا، بورتالا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 200 دىن ئوشۇق

قارانچۇقسىز قالغان بالا يېتىمخانىلارغا يىغىۋېلىنغان  بۇ بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى تېخى ئەمدى 2 ياش ئىكەن.

2018  - يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دارىلئېتام بۇ يىل بېشىدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئورۇندىن تېلېفوننى ئالغان خادىم مەزكۇر ئورۇندا 300 دەك بالا بارلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دارىلئېتام قۇرۇش پىلانى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنى ئىزدەش داۋامىدا، «خەلق تورى» نىڭ 2016-يىلى 8-سېنتەبر ئېلان قىلغان خەۋىرىدىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جەمئىي 69 يېتىم-يېسىر پاراۋانلىق ئورنى، 39 دارىلئېتام، 4 ئائىلىۋى يېتىملەرنى بېقىش مەركىزى ۋە يەنە 26 يەردە مېيىپ بالىلارنى بېقىش ئورۇنلىرىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقى ئاشكارىلىغان. خىتاي بۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىي 370 مىليون يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان.

(13)خىتاي لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغانلىقى دەلىللەندى

2018- يىلى9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا غۇلجىدىكى لاگېردىكىلەردىن بىر تۈركۈمىنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتلاندى. مۇخبىرنىڭ يەنە ئىچكىرىلەپ ئېنىقلىشى داۋامىدا قەشقەردە لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلار ئۈستىدىنمۇ سوت ئېچىلىۋاتقانلىقى ۋە بىر تۈركۈم تۇتقۇننىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەخپىي ھالدا يۆتكىلىۋاتقانلىقى بىر ساقچى خادىمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن. سوتلانغانلارنىڭ ئاز دېگەندە 3 يىلدىن بەش يىلغىچە، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا 10 يىلدىن 15 يىلغىچە كېسىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

9- ئاينىڭ 28- كۈنى ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرلىرىنىڭ قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا قەشقەر توققۇزاق ناھىيىسىدە لاگېردىكىلەر ئۈستىدىن ئارقا-ئارقىدىن سوت ئېچىلىۋاتقانلىقى، كۈنىگە 50 چە كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقانلىقى، بۇلاردىن جازاسىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكىگە قاراپ، قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەھۋالدىن مەلۇمات بەرگەن ساقچى خادىمىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلاقسۇ ساقچىخانىسىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى نەجمىدىن بەدەلھاجى 20 كۈننىڭ ئالدىدا بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش خىزمىتى بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. بۇ خادىم يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكەش ئىشىنىڭ بۇ يىل باشلانغانلىقى، بۇنىڭغا قەشقەر تۈرمىلىرىغا تۇتقۇنلارنىڭ سىغمىغانلىقى مۇھىم سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئالدى. جازاسى نىسبەتەن ئېغىر بولغانلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇ يەنە خىتاي

ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكەش ئىشىغا توققۇزاق ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياسىن ئابلانىڭمۇ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
21- سىنتەبېر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ بارلىقنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغانلىقى ئاشكارا بولدى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇشقا باشلىغان بىر پەيىتتە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا قامىغان ئىككى مىليون تۇتقۇننى خىتاينىڭ ھەر قايسي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا قاتناشقان ساقچىلارنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئەھدىنامىسىغا قول قويۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاندى.
9 -ئاينىڭ 5- كۈنى مىڭخۇي تۇرىغا خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ساقچى ئۇچۇر بىرىپ، خىلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرىگە بىۋاسىتە قارشلىق تەيلەي ناھىيىسىدىكى بىر تۈرمىدە شىنجاڭدىن ( شەرقىي تۈركسىتان)دىن يۆتكەپ كېلىنگەن بەش مىڭدەك تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەسلىدە تەيلەي تۈرمىسىدە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ خىلوڭجىياڭ ئۆلكىسى ئىچىدىكى باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. 
مەزكۇر خەۋەرنى كۆرگەن تورداشلار ئۆزنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىپ زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ لاگىردىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشتا بىرى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، يەنە بىرى چەتئەللىك مۇخبىرلار لاگېرغا كىرىپ قالسا« لاگېر» دېگەن نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان دىيىشكەن.

(14)خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جىددى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى سېلىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىزغىن قىلىشنىڭ يەنە بىر بىشارىتى

2018- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى ئەركىن ئاىسىيا مۇخبىرىنىڭ قاراقاشتىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، مەزكۇر ناھىيەدە «دەپنە مۇراسىمى ئورنى» نامى ئاستىدا جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۇرچى قاتارلىق يېزىلاردا 4-5 كەنتتە بىردىن تەسىس قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە ئىچكىرىلەپ ئېنىقلىشى داۋامىدا، جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنىنىڭ قاراقاش بازار ئىچىدىكى چىنىۋاغ ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدە ھەر بىر كەنتتە بىردىن قۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلان. ساقچى خادىملىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ چىنباغ ساقچىخانىسىغا قاراشلىق 13 كەنت ۋە 2 ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھەممىسىدە بىردىن جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورنى تەسىس قىلىنغان.

بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاراقاشتىكى بۇ جەسەت بىر تەرەپ قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى 2017- يىلى 7-ئايدا باشلانغانلىقى يەنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى تەسىس قىلىنىپ 4 ئايدىن كېيىن قۇرۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خۇلاسە: دېمەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسى باستۇرۇش، سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈش، ئىلگىرىكى قوللۇق دەۋرىدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قائىدە تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، قەستەن جىسمانى ۋە روھى ساغلاملىقىنى بەربات قىلىپ يوقۇتۇش، ھەر خىل شەكىلدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق زىيانكەشلىك قىلىش، شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىش، بالاغەتكە يەتمىگەن پەرزەنتلىرىمىزنى لاگېرغا يېغىۋېلىپ، ھەممدىن مەھرۇم قىلىپ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىغا زىيانكەشلىك قىلىش، لاگېر ياكى تۈرمىلەرگە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشى، خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق تىزگىنلەپ تۇرغان بىر پەيىتتە لاگېر ۋە تۈرمىلەردىن ئارقا- ئارقىدىن ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ كىلىشى، كۆپلەپ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن سېلىنشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «زۇلۇم »، « ئىرقىي كەمسىتىش »، « ئاسسىمىلاتسىيە» ئەمەس بەلكى ب م ت دا 1948- يىلى بىكىتكەن ئىرقىي قىرغىن قىلش جىنايەت ئۆلچىمىگە چۈشىدۇ.

شۇڭا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلاردىكى داۋاچىلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلار، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە لىكىسيە سۆزلىگۈچىلەر ئىككىلەنمەستىن « داۋاگەر بوش قازى مۇتىھەم» بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن،«ئىرقىي قىرغىن» سۆزىنى كەڭ- كۆلەملىك ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى:

 ئابدۇخەبەر رەجەپنىياز


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ