ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(3)شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئەكس ئېتىشى ۋە تەتۈر تەشۋىقات مەسىلىسى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-04-11 11:02:28 جەمئى 7471 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەلەر بىلەن...
 

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جاۋابى

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، نۇر بەكرىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلدى. رابىيە قادىر خانىم يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش مەقسىتىدە تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. سۆزىنىڭ داۋامىدا، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق فابرىكىسىدا ئون مىڭلارچە خىتاي ئىشچىنىڭ يېرىم كېچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياتىقىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكىنى، بۇ باستۇرۇش نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ قاتىللارنىڭ تېپىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى❺. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، قانلىق باستۇرغانلىقىنى، كېيىنچە بۇ ۋەقەنىڭ ئىرقىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى: «بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق سىياسىتى سەۋەب بولدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە، يەنە نۇرغۇنلىغان خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كەلدى. بۇنى مەن قىلمىدىم، خىتاي ھۆكۈمىتى قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇر خەلقى ئىنسان ھەقلىرى، دېمۇكراتىيە ۋە دىنىي ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا، ئۆز ۋەتىنىدە ئىككىنچى سىنىپ پۇقراسى بولۇپ ياشىماقتا»❻.

ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش 6 ـ ئىيۇل كۈنى تېلېفون ئارقىلىق تۈرك تېلېۋىزىيە قاناللىرىغا ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ ئۇيغۇر ياش شەرقىي تۈركىستاندا تارقىتىش بېرىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى ئاڭلاتتى:

“مەنمۇ ۋەقەگە قاتناشتىم. ھازىر ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگە يېقىنلا بىر جايدا مۆكۈنۈپ ياتىمەن. ھەممە يەردە خىتاي ئەسكىرى بار. بىز 300گە يېقىن ئوقۇغۇچى 6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى گۇاڭدوڭنىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق فابرىكىسىدا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىلىنى تېپىپ بېرىش مەقسىتىدە تىنچلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنىدۇق. خىتاي ئەسكەرلىرى بىزنى باستۇرۇش ئۈچۈن راست ئوق ۋە بومبا ئىشلەتتى. مەن يەتتە كىشىنىڭ شۇ يەردە جان ئۈزگەنلىكىنى كۆردۈم. بىرمۇنچە ھەمراھىمىز قولغا ئېلىندى. شۇنىڭ بىلەن، تىنچلىق نامايىشى ئىرقىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىر ئۇيغۇرلار ئارقا كوچىلاردا كالتەك ـ توقماق تۇتقان ھالدا خىتاينىڭ قوراللىق ئەسكەرلىرى بىلەن توقۇنۇشىۋاتىدۇ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى”.

بۇ ياش ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ: “خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ رابىيە قادىر خانىم ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئالاقەڭلار بارمۇ؟” دېگەن سوئالىغا:

“ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق. بىز پەقەت رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىسمىنىلا ئاڭلىدۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتىمىزمۇ يوق. بىز پەقەت دۆلەتتىن ئويۇنچۇق فابرىكىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگەن قاتىللارنىڭ تېپىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغانىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى قوراللىق باستۇردى. ئېيتىپ بېقىڭ، دۇنيانىڭ نەرىدە مۇنداق ئىش بار؟ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بىزگە يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەتلىئام سىياسىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ۋەقەنى تاشقى كۈچلەرگە ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۆھمىتى پۈتۈنلەي يالغانچىلىقتىن ئىبارەت” دەپ جاۋاب بەردى.

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن بىرىنىڭ گراژدانلىقىغا ئۆتكەن بىر ئۇيغۇر ئايال 5 ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ سوئاللىرىغا ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھالدا مۇنداق جاۋاب بەردى❼:

“خىتايلار ۋەتىنىمىزنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا ھېچنېمە بەرمەيۋاتىدۇ، يۈزدىن بىرىنىمۇ بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىشسىز، خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ياشاش ھەققى بەرمەيۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇ يەردە خىتاي ئىشچىلارغا 3000 سۇم (430 دوللار) مائاش بەرسە، ئۇيغۇرلارغا 300 سۇم (43 دوللار) مائاش بېرىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار قانداق قىلسۇن؟ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىپ، ئوغۇل ـ قىز دېمەستىن نۇمۇسىغا تېگىۋاتىدۇ. نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى ئۇقتىڭىزمۇ؟ خىتايلار ئوغۇللارغىمۇ باسقۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ياشلار ئۇ يەرلەرگە ئۆزلىرى تەلەپ قىلىپ باردىمۇ؟ ياق. دادام بېشىغا شۇنداق ئىش كېلىپ، قېچىپ كەلگەن بىر قانچە ياشقا ياردەم قىلىپ خىزمەت تېپىپ بەردى. بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى راست، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم”.

خىتاي ئاخباراتى بولسا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ قېرىنداشلارچە خۇشال ـ خۇرام، راھەت ـ پاراغەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولۇپ، خەلقنى كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەتتا ھەددىدىن تېخىمۇ ئېشىپ، رابىيە قادىرنىڭ ئۆز ئىنىسى مۇھەممەد قادىرغا تېلېفون قىلىپ، 5 ـ ئىيۇل ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى يازدى.

خىتاي ئاخباراتى “ھەقىقىي ئەھۋالنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئەكس ئەتتۈرمەسلىك سىياسىتى”نى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قاتتىق ئىجرا قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1980 ـ يىللىرى يولغا قويۇلغان “(ئاخباراتتا) ئوچۇق ـ ئاشكارا بولۇش قارارى” سايىسىدا چەتئەللەرگە ئاشكارىلىنىپ قېلىشقا ۋە چەتئەل ئاخباراتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا، 1997 ـ يىل 2 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ۋەقە مىسال بولالايدۇ: قەدىر كېچىسىنى ئۆيىدە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلەر ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ساقچىخانىدا قىيىن ـ قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى ۋە جەسەتلىرى ئۆيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلق دەرغەزەپ بولۇپ، كوچىدا يىغىلىشقا باشلىدى. ئۆلتۈرۈلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە بىر توپ كىشى ئەرز قىلىش مەقسىتىدە ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ يول ئالدى. كىشىلەر توپى بارغانسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى. بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەرز قىلىشتىن باشقا غەرىزى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، ئايال ـ بالىلارنى توپنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ باردى. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى توپنىڭ ئالدىدىكى سەبىي، مەسۇم بالىلارغىمۇ پەرۋا قىلمىغان ھالدا توپنى ئوققا تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن، ۋەقە چوڭىيىپ، ئۆز ئارا توقۇنۇشقا ئايلاندى. قولىدا كالتەكتىن باشقا نەرسە بولمىغان ئۇيغۇر ياشلىرى رەھىمسىزلەرچە قەتلى قىلىندى❽. بۇنىڭ بىلەنلا قالمىغان خىتاي ساقچىلىرى پۈتۈن غۇلجا شەھىرىدە تېنىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئۆيمۇ ئۆي ئاختۇرۇپ، ۋەقەگە قاتناشقان ـ قاتناشمىغان ياشلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ، بەزىلىرىنى قەتلى قىلىپ، يەنە بەزىلىرىنى تۈرمىگە تاشلىدى، بەزىلىرىدىن تاكى ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئۇ كۈنلەردە تۈرمىلەر توشۇپ كەتكەچكە، مەكتەپلەر تۈرمىگە ئۆزگەرتىلدى. ئۇمۇ يەتمەي، نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىزنى توڭ ئىسكىلاتلىرىغا سولاپ، توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. قىيىن ـ قىستاق جەريانىدا يارىدار بولۇپ، يىقىلىپ چۈشكەن ياشلارنى نۆلدىن تۆۋەن 30 گرادۇس سوغۇققا قارىماي ئۈستىگە سوغۇق سۇ چېچىپ، توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. مانا بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قانخورلۇق يەتمىگەندەك، قوشنا دۆلەت قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ياشلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېتىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي مەلۇماتلارنىڭ چەتئەللەرگە بىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر ئالغان بولسىمۇ، كىملىكى نامەلۇم بىر كىشى بۇ كۆرۈنۈشلەرنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەككە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇ يىللىرى THY (تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى) بېشكەك شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئىلغار ئالپتېكىنگە سېتىپ بەرگەن. ئىلغار ئالپتېكىن بۇ سىن لېنتىسىنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپ، ATV دا قويۇلۇشى ئۈچۈن بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش تەشكىلاتى (ئاسىيادا) قاتارلىق خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تاكى بۈگۈنكىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا تۆت قېتىم تەپسىلىي دوكلات نەشر قىلدى. ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كەڭ كۆلەملىك ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى.

خىتاي ھاكىمىيىتى كۈچلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قاراتقان تەتۈر تەشۋىقات سىياسىتىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسىتى سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشسا، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ چەكلىك ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى تۇرۇشقا تىرىشماقتا. 

تۈگىدى

 

5 ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتاي ۋە خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئەكس ئېتىشى ۋە تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ رەسىملىك ئانالىزى

 

☚ خىتاي ئاخباراتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى

رەسىملىك ئانالىز

 

☚ خەلقئارا ئاخباراتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى

رەسىملىك ئانالىز

 

❶ Ankara Üniversitesi Dil ve Tarih-Coğrafya Fakültesi Çağdaş Türk Lehçeleri ve Edebiyatları Bölümü Öğretim Üyesi

❷乌鲁木齐打砸抢烧事件造成140人死亡,816人受伤.中新网(2009年7月6日).于2009年7月7日查阅.

❸ 参与打砸抢烧分子相当一部分来自喀什、和田等地.中国中央电视台(2009年7月11日).于2009年7月14日查阅.

❹ Şin (Yeni), Jiang (toprak), Şin Jiang  = yeni toprak anlamındadır.

❺ 新疆维吾尔自治区主席努尔·白克力谈乌市打砸抢烧严重暴力犯罪事件,央视网,2009年07月06日。

❻ www.rfa.org/uyghur, 08.07.2009

 ❼ www.rfa.org/uyghur,07.07.2009

❽ www.rfa.org/uyghur, 08.07.2009

❾.

İgemberi, Şerkiy Türkistan Türk Dünyasining Kanlik Yarası, Taklamekan Uygur Neşriyatı, İstanbul 2000, sayfa 134

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ