ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

(3)شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىق

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-05-23 11:00:27 جەمئى 7589 قېتىم ئوقۇلغان.

تۈركىي خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدىغان خىتاي يولسىزلىقى...
شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىق

ئەھمەد فارۇق ئۈنسال

تەرجىمە: سابىرجان

 

 

 

تۈركىي خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدىغان خىتاي يولسىزلىقى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان 1884 ـ يىلى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، تارىخىي ئىسمىنىڭ قوللىنىشى چەكلىنىپ، خىتايچە “يېڭى مۇستەملىكە” دېگەن مەنىدىكى “شىنجاڭ”غا ئۆزگەرتىلىشى ئىدى.

 

 

شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت ئۇيغۇرلارلا ياشىمايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا خۇي (تۇڭگان) دەپ ئاتالغان مۇسۇلمان خىتايلارنىڭ نوپۇسىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار دىنداش بولسىمۇ، ئارىلىرىدىكى مۇناسىۋەت يوق دېيەرلىك ئىكەن. بىر تەرەپتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ (ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپ) دۆلەت ئورگانلىرىغا تۇڭگانلارنى تاللىشى، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلگەن نىسبىي ئەركىنلىككە قانائەت قىلغان تۇڭگانلارنىڭ ھەق ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بەرمەكتە. ھەقلىق كۈرەشلىرىدە يالغۇز قالغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ غەربىدىكى ئىرقداش دۆلەت خەلقلىرى بىلەن ئالاقە باغلىغان ھامان، بۇ ھەقلىق تەلەپلىرى “تاشقى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى” دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇڭگانلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى خالاپ ـ خالىماي قوبۇل قىلسىمۇ، نېگىزلىك مەسىلە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ يۇرتقا بۇددىست خىتايلارنى كۆچۈرۈپ چىقىپ ماكانلاشتۇرۇشى ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنى بىلىدىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۈركۈملەپ ئاققۇن كۆچۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق بۇ يۇرتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىشنى ئاساسىي نىشان قىلماقتا. بۈگۈنكى رەقەملەرگە ئاساسلانغاندا، كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر نوپۇسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. كۆچمەن خىتاي نوپۇسى ھەر يىل %8 ئېشىپ بارماقتا. 1980 ـ يىلى خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 26 ھەسسە ئاشقان بولۇپ، بۇ رەقەم ئىنسان ئەقلىنى لال قىلماي قالمايدۇ. نەتىجىدە، 1950 ـ يىللاردىن ئېتىبارەن باشلانغان ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىدىن بۇرۇنقى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %75نى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بۈگۈن تەڭ يېرىمىغا چۈشۈپ قالغان.

 

 

 

خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ يەنە بىر پارچىسى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئېرىغدىنىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ نەقىل قىلىنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇس تىزگىنىنى قولىغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە خىتاي نوپۇسىنى زىچلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلانماقتا. ئەنە شۇ ۋاسىتىلارنىڭ بىرى ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى “شىنجاڭ سىنىپى” نامى ئاستىدا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىۋېتىشكە تىرىشماقتا. ئۇنىڭ ئارقىدىنلا، 2003 ـ يىلىدىن ئېتىبارەن “ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى باشقا ئۆلكىلەرگە يۆتكەش” سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشىماقتا ۋە ئۇلارنى خىتاي چوڭ ئائىلىسىگە غەرق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنى قىزلار تەشكىل قىلماقتا ۋە ئۇلار يېڭى “ماكان”لىرىدا جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانۇنسىز يەرلەردە ئىشلەشكە مەجبۇرلانماقتا.

ئۇيغۇر ئاھالىسىغا ئەڭ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەققىدىن مەھرۇم قىلىدىغان، قەبىھ، رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ۋە ئىنسانىي جىنايەت ھېسابلىنىدىغان مەسىلىدىن بىرى مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە سىياسىتىدۇر. خىتايلار ئۈچۈن بىر، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئىككى پەرزەنت كۆرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چەكتىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرمەكچى بولغانلارنى سېزىپ قالسا، مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە بىلەن ھامىلىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىدۇ. “مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە” سىياسىتى ــ ھامىلدارلىق جەريانىدا جىنسىيىتى ئېنىقلانغان قىز بوۋاقلارنىڭ ئوپىراتسىيە بىلەن ئېلىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولماقتا ۋە ئەر ـ ئايال نوپۇس نىسبىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىغا يول ئاچماقتا. بۇ بۇزۇلۇش ئەلۋەتتە پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار پلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل خادىملارغا پارا بېرىش ئارقىلىق چەكلىمىدىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلىرىنى نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا تىرىشماقتا. نوپۇسقا ئالدۇرالمىغان بالىلىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا “يوق (قارا نوپۇس)” ھېسابلانماقتا. بۇ “يوق بالىلار” كەلگۈسىدە تېخىمۇ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نوپۇسقا ئېلىنمىغان كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنيادىكى تۇرمۇشىمۇ ئاسان ئەمەس ـ ئەلۋەتتە. “قارا نوپۇس بالىلار”نىڭ تەلىم ـ تەربىيە، سەھىيە ۋە خىزمەت جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندىن سىرت، ھەر قەدەمدە كىملىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ كىملىكى يوقلارنى دەرھال قاماققا ئېلىپ، ئىنساپسىزلارچە جازالاش قىلمىشىغا دۇچار بولۇشى تۇرغانلا گەپ.

خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئاسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ چىڭىيىپ كېتىشى ۋە ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتتىن كېلىپ چىققان ئەڭ ئاخىرقى ۋەقە، 2009 ـ يىل 6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى گۇاڭدوڭدىكى بىر فابرىكىدا خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ قاتىللىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ ئۈرۈمچىدە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنى قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسى ئىدى. بۇ ۋەقەدە خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى خىتاي خەلقىگە ئارقا تىرەك چىققان بولۇپ، ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى چەتئەل كىشىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي قوراللىق قىسمى مىڭلارچە ئۇيغۇرنى قەتلى قىلىۋەتكەن. قولىدا ھېچقانداق قورالى، ھەتتا ئۆزىنى قوغدىغۇدەك نەرسىسىمۇ بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىگە ئوق ياغدۇرۇلغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ نەچچە يۈز كىشىلىك خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ـ دەسسەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنلىكى ئېنىق ئىسپاتلاندى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ۋەقەدىن كېيىن، يەنە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋەتتى. خىتاي لەشكەرلىرى تەرىپىدىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلۈپ، ئاندىن باشلىرىنىڭ تاش بىلەن ئېزىۋېتىلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈنۈشى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئىبرەت بولغۇدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ئىدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار بىر ھەپتە نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ بەدىلىنى ئاممىۋىي قىرغىنچىلىق ۋە كوچا ـ كويلاردا بېشى ئېزىلىپ ئۆلۈش بىلەن تۆلىدى. مانا بۇ ۋەقەلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا قاراتقان مۇددىئاسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىگە قارشى چىققانلارغا، ھەر تۈرلۈك ئىش ـ پائالىيەتلەرگە ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئەڭ قەبىھ ۋاسىتىلارنى ئىشقا سالماقتا.

دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدىن تېپىلمايدىغان، پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئۇچرايدىغان يەنە بىر خىتاي ئۇسۇلى دەپسەندىچىلىك بولسا، مەسجىد ـ جامەلەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئېسىلغان تىزىملىك بولۇپ، بۇ تىزىملىككە بىنائەن 18 ياشقا توشمىغانلار، ئىشچى ـ مەمۇرلار، پېنسيونېرلار، ئىسپراپكا ئالغانلار، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرىشى چەكلەنگەن. ھالبۇكى، ئەينى زېمىندىكى بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىن ھېچبىرىنىڭ دەرۋازىسىغا ئۇنداق تىزىملىك ئېسىغلىق ئەمەس. ئەگەر بۇنىڭغا كوممۇنىست سىستېمىنىڭ دىنغا تۇتقان پوزىتسىيىسى سەۋەبچى بولغان بولسا ئىدى، بۇ چەكلىمە پەقەت مۇسۇلمانلارنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا دىنلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولاتتى. بۇنىڭدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارغا ھەم دىنىي ھەم ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلماقتا ۋە بۇنى ئوچۇق ـ ئاشكارا يۈرگۈزمەكتە.

ئىقتىسادتا ئەركىن رىقابەت تۈزۈمىنى يولغا قويغان خىتاي دۆلىتىدە ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھايات پۈتۈنلەي بېسىم ۋە كونترول ئاستىدا تۇتۇلماقتا. پارتىيە، ۋەخپە، جەمئىيەت قۇرۇش، شەخسىي نەشرىيات قۇرۇش پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. “تىجارەتتىن بەكرەك ئىدىئولوگىيىلىك خىزمەت قىلىدۇ” دەپ قارالغاچقا شەخسىي مەكتەپ ئېچىشقا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. شۇڭا دىنىي تەلىم تامامەن قانۇنسىز پائالىيەت شەكلىدە (يەنى مەخپىي) ئېلىپ بېرىلماقتا. قانۇنسىز دىنىي تەلىم ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاپ بېرىش، ئوقۇش ياكى ئوقۇتۇش ۋەياكى ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشنىڭ جازاسىنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

كۈتۈپخانىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئىلكىدە بولۇپ، مىڭلارچە جىلدلىق نادىر ئەسەرلەر خىتاي سىياسىتىگە زىت كەلگەنلىكى ئۈچۈن “مەدەنىيەت ئىنقىلابى”نىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كۆيدۈرۈپ تاشلاندى. 1950 ـ يىللاردىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەنلەر چەتكە قېقىلدى ۋە ئېغىر بېسىم ئاستىغا ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىنىش ۋە باشقا ئۆرپ ـ ئادەتلىرىگە قاراتقان كونتروللۇقىنى كۈنسېرى كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازارىتىنى چەكلەش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندا نەشر قىلىنغان ۋە باشقا يەرلەردىن ئېلىپ كېلىنگەن مۇزىكا لېنتىلىرىمۇ خىتاي مەدەنىيەت مېنىستىرلىقى ۋە ئاخبارات تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن فىلىملەرنىڭ قويۇلۇشىغا رۇخسەت ئېلىش ئۈچۈن ئارتىسلاردىن بىرى چوقۇم خىتاي بولۇشى ۋە فىلىمدە مۇھىم رول ئالغان بولۇشى كېرەك.

ئېنتېرنېتتە خەۋەرلىشىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن چەكلىمىلەر بار. بولۇپمۇ، 5 ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ھەم ئېنتېرنېت لىنىيىسى ئۈزۈۋېتىلگەن ھەم مۇستەقىل ئاخباراتچى ۋە كۆزەتكۈچىلەر شەرقىي تۈركىستانغا كىرگۈزۈلمىگەچكە، پۈتۈن دۇنيا خەلقى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالمىدى ۋە خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە زېدىلەندى. ۋەقە جەريانىدا ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئېنتېرنېتكە كىرىشى قەتئىي چەكلەندى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت قىلىشتەك ئەقەللىي ئەركىنلىكىمۇ ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرىماقتا. خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۆي ـ ماكانلىرىنى تۇيۇقسىز بېسىپ، سەۋەبسىز كىملىك تەكشۈرمەكتە ۋە بىگۇناھ كىشىلەرنى “جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغان” دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئالماقتا. قولغا ئېلىنغان مىڭلارچە كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مەلۇم ئەمەس. كۆپىنچىسى زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى، پارىخورلۇق ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن نامۇۋاپىق شەرتلەردە جىددىي سوراققا تارتىلىپ، ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا. تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە تۈرمە شارائىتلىرى بەكمۇ ناچار بولۇپ، قىيىن ـ قىستاق ۋە ئىسكەنجە خەۋەرلىرى ھەمىشە قۇلاققا يېتىپ تۇرىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھەر تۈرلۈك جىنايى قىلمىشنى تېرورىزمغا چېتىپ، جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلماقتا. ھالبۇكى، ئوخشاش جىنايەت خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئۆتكۈزۈلسە، جىنايەتچى جازا قانۇنىغا ئاساسەن سوتلىنىدۇ. ئۆلۈم جازالىرى، قولغا ئېلىش، تۈرمىدىكىلەرنى ئىسكەنجىگە ئېلىش قاتارلىقلار نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى “تېرورىزمغا قارشى كۈرەش”نى يوللۇق قىلىۋېلىپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى ئىمتىيازىغا تايىنىپ، دۇنيانىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقتا ۋە ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋېتىش ئىستراتېگىيىسىنى تىنىمسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ئەمما ئۆتكەن يىلقى ۋەقەدە كېلىپ چىققان پاجىئەلىك كۆرۈنۈشلەر سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا سەھنىگە چىقىپ قېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ، خەلقئارالىق مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن سىرت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى دۇنيا خەلقىنىڭ دىققەت نەزىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئاغدۇرۇشىغا ۋە دۇنيا مىقياسىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىشىشىگە سەۋەب بولدى.

 

 

نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن باشلاپ، ئىرقىي ۋە دىنىي ئايرىمىچىلىققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق سىياسەتلىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى؛ ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بولغان ئۆلۈم جازاسىنى توختىتىشى؛ دىنىي تەلىم ۋە ئىبادەتلەرگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى ئېلىپ تاشلىشى؛ جەمئىيەت، ۋەخپە ۋە سىياسىي پارتىيە قۇرۇشقا، خۇسۇسىي نەشىر ئىشلىرىغا رۇخسەت قىلىشى؛ ساياھەت ۋە ئۇچۇر ـ ئالاقە ئەركىنلىكىنى چەكلەشتىن ۋاز كېچىشى؛ تۈرمە ۋە قاماقخانىلارنىڭ شارائىتلىرىنى خەلقئارالىق ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھەققىنى تەمىنلىشى؛ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ كېتىش ۋە خىتاي نوپۇس كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇشتىن ۋاز كېچىشى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئوپىراتسىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىم. 

تۈگىدى

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ