<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋەھىي پەنجىرىسى 2 - پارە، 4 - سان (مىركامىلجان قەشقىرى)

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2012-11-18 11:01:08 جەمئى 6787 قېتىم ئوقۇلغان.

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى قۇدرەتلىك ئاللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا چەكسىز ھەمدۇ ـ سانالار شۇنداقلا يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھېساپسىز دۇرۇد ـ سالاملاردىن كېيىن، ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋە بەرە كاتەھۇ.

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

ئىككىنچى پارىدىن تۆتىنجى دەرس

 

 

ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى قۇدرەتلىك ئاللاھۇ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالاغا چەكسىز ھەمدۇ ـ سانالار شۇنداقلا يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھېساپسىز دۇرۇد ـ سالاملاردىن كېيىن، ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمىتۇللاھى ۋە بەرە كاتەھۇ. 

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئالدىنقى دەرسلىرىمىزدە سۈرە بەقەرەنىڭ ئىككىنچى پارىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مەزمۇنلارغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىققاندىن كېيىن قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىبادەتلەرنىڭ تاشقى شەكلى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق بۇ قېتىمقى دەرسىمىزدە ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنى باشلايمايمىز، قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار دەرسىمىزدە بولسۇن!

سَيَقُولُ السُّفَهَاء مِنَ النَّاسِ مَا وَلاَّهُمْ عَن قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُواْ عَلَيْهَا قُل لِّلّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ يَهْدِي مَن يَشَاء إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ﴿142﴾ وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُواْ شُهَدَاء عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنتَ عَلَيْهَا إِلاَّ لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَى عَقِبَيْهِ وَإِن كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلاَّ عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللّهُ وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ إِنَّ اللّهَ بِالنَّاسِ لَرَؤُوفٌ رَّحِيمٌ﴿143﴾

«نادانلار چوقۇم: «ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئىلگىرى (ناماز ئوقۇشتا) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندۇ؟» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «شەرىقمۇ  ۋە غەرىپمۇ، ھەممىسى اﷲنىڭدۇر، اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ.

شۇنىڭدەك بىز سىلەرنى دۇنيادىكى ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ، ئەڭ ياخشى (مۆتىدىل) ئۈممەت قىلدۇقكى، پەيغەمبەرمۇ سىلەرگە شاھىت بولسۇن. سەن ئىلگىرى يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى قىبلە قىلغانلىقىمىز كىمنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ يۈز ئۆرىگەنلىكىنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىدى. بۇ ئىش اﷲ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. اﷲ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. شۇبھىسىزكى، اﷲ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر» (سۈرە بەقەرە 142 ـ ۋە 143 ـ ئايەت)

 

 قۇرئان كەرىمنىڭ مەزمۇن تەرتىپى شۇنداقلا مەدەنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يەردىكى «ھاماقەتلەر» دېگەن سۆز، يەھۇدىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار خۇددىي بىز ئىلگىرى توختىىلىپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش مەدىنىدە قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئەڭ كۆپ غۇلغۇلا قوزغىغانلار ئىدى. ئايەتتىكى  «ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئىلگىرى (ناماز ئوقۇشتا) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇشقانلارمۇ دەل ئەشۇ يەھۇدىيلار ئىدى.

ھەزرەتى بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:ـ

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدەنىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىدا چوڭ دادىسىنىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ئەنسارلاردىن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە تەخمىنەن 16 ياكى 17 ئايغىچە بەيتۇل مۇقەددەسكە قاراپ ناماز قىلدى. ئەمما قەلبىدە كەبىگە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز قىلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. بىر كۈنى ئەسىر نامىزى ۋاقتىدا ئىلاھى ۋەھىي نازىل بولۇپ قىبلە ئۆزگەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزىنى كەبىگە يۈز كەلتۈرۈپ ئوقۇدى. باشقىلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ كەبىگە يۈز كەلتۈردى. بىر كىشى نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ سىرتقا چىققىنىدا يەنە بىر مەسچىتتە كىشىلەرنىڭ بەيتۇل مۇقەددەسكە قاراپ ناماز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. جامائەت شۇ چاغدا رۇكۇدا ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە: ـ ئاللاھ گۇۋاھكى، مەن تېخىي سەللا ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كەبىگە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز قىلدىم ـ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى رۇكۇدىكى ھالەتتىلا كەبە تەرەپكە بۇرۇلدى»

ئەسلىدە يەھۇدىلار مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇل مۇقەددەسكە يۈز كەلتۈرۈپ ناماز قىلغانلىقىدىن ناھايىتى خوشال بولۇشقان بولۇپ، كېيىن قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن ناھايىتى غەەپلىنىشكەن ئىدى. دەل شۇ چاغدا «بىز سېنىڭ پات ـ پات ئاسمانغا بېقىشلىرىڭنى كۆرۈپ تۇراۋاتىمىز....» دېگەن ئايەت نازىل بولدى. شۇنىڭ بىلەن نادانلار يەنى يەھۇدىيلار بۇنىڭغا قارىتا «ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئىلگىرى (ناماز ئوقۇشتا) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندۇ؟» دېيىشكە باشلىدى.

ئالدىمىزدىكى ئايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى چاغدا  ئىسلام سىپىدە ۋە بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە يۇقىرىقىدەك فىتنە چىقىرىش مەقسەت قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىكىدىكى ئورۇنسىز سوئاللار  چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىغان، شۇڭا قۇرئان كەرىم بۇ ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا داۋالاپ،  سوئال، ئېتىرازلارغا تەپسىلى جاۋاپ قايتۇرغان. بۇ نۇقتىنى قۇرئان كەرىمنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ يەردىكى «سَيَقُولُ السُّفَهَاء مِنَ النَّاسِ مَا وَلاَّهُمْ عَن قِبْلَتِهِمُ الَّتِي كَانُواْ عَلَيْهَا» «نادانلار چوقۇم: ئۇلارغا نېمە بولدى؟ ئىلگىرى (ناماز ئوقۇشتا) يۈزلىنىپ كېلىۋاتقان قىبلىسىدىن نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندۇ؟ دەيدۇ.» دېگەن ئايەت ئەسلىدە قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار كېلىش ئالدىدىكى ئايەتلەرگە نىسبەتەن مۇقەددىمە بولۇش رولىنى ئوينىماقتا.

بۇ يەردە سوئال ۋە جاۋاپ شەكلىدە سۆز قىلىنىۋاتقان بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلارنىڭ ئاشۇنداق سوئاللارنى سورايدىغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئالدىنئەلا ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ، قىبلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىر ئالاھىي ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلماقتا. ھەدىستىمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەشۇنداق ھەر خىل سوئاللارنى ياغدۇرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. شۇڭا ئاللاھ تائالا سۆز قىلىشتا كەلگۈسى زامان فېئىلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يەھۇدىيلانىڭ غەرەزلىك ۋە پىلانلىق بىر شەكىلدە ئاشۇنداق سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقى تەرەپكە ئىشارە قىلغان. ئۇلارنىڭ بۇ پىلانلىرىغا قايتۇرۇلىدىغان مۇئەييەن جاۋاپنىڭمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ھەم بۇ خىل ئورۇنسىز سوئاللارنىڭ تەسىرىنى داۋالىغان، ھەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارغا قويتۇرىدىغان جاۋاپنى تەلقىن قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇرۇنسىز سوئاللارنى رەت قىلغانغا ئوخشاش ھەقىقەتنىمۇ دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ھەقتىكى ئومۇمىي قاراشلارنى تۈزىتىش بىلەن بىرگە ئىسلام ھەرىكىتىگە بىر توغرا نۇقتى نەزەر ئاتا قىلغان.

«قُل لِّلّهِ الْمَشْرِقُ وَالْمَغْرِبُ يَهْدِي مَن يَشَاء إِلَى صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ» «ئېيتقىنكى، شەرىقمۇ  ۋە غەرىپمۇ، ھەممىسى اﷲنىڭدۇر اﷲ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ» 

يەنى، مەشرىقمۇ ئاللاھنىڭ ۋە مەغرىپمۇ شۇنداق. قاياققا بۇرۇلساڭ شۇ ياقتا ئاللاھ بار. قايسى تەرەپتە بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭغىلا يۈز كەلتۈرىلىدۇ. ھېچ قانداق تەرەپ ياكى جاينىڭ ئۆزلىگىدىن بىر پەزىلىتى بولمايدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ تاللىشى بىلەن بولىدۇ. ئۇلارغا بۇ خۇسۇسىيەتنى ۋە پەزىلەتنى بەخش ئەتكۈچى ئاللاھتۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن بىر تەرەپنى، بىر قىبلىنى تاللىغان بولسا، ئاندىن ئۇ جاي ھۆرمەتلىك ۋە پەزىلەتلىك بولغان بولىدۇ. ئىمان ئېيتقۇچىلار بولسا، ئەنە شۇ يولدىن سىراتەل مۇستەقىم (يەنى توپتۇغرا يول)گە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

دەرۋەقە يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئەشۇ بىرلا جۈملە سۆزدە ئىسلامنىڭ تەرەپ ۋە جايلارغا بولغان نۇقتى نەزىرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئىسانلارنىڭ يۈزلىنىشتە ئاساس قىلىشى كېرەكلىك نۇقتىلىق مەنبەسى  ھەققىدە  توغرا قاراش تىكلەپ بېرىلمەكتە. شۈبھىسىزكى ئەڭ ساغلام توغرا يۈزلىنىش ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. 

ئاندىن ئايەتنىڭ مەزمۇن يۆنىلىشى مۇسۇلمانلار تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كائىناتتا قانداق ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئىگە ئىكەنلىكى، يەر شارىدا قانداق پەرز، مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى لازىملىقى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئۇلارنىڭ قانداق پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ساھىپلىقى ھەمدە كىشىلەر ئارىسدا زادى قانداق روللارنى ئوينىشى كېرەكلىكى ئېيتىپ بېرىلىدۇ. دەل ئەنە شۇ ئۇلۇغ مەرتىۋە ـ ماقامنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئايرىم بىر قىبلىگە ئىگە بولۇشىنى شۇنداقلا ئۆزگىچە بىر كىشىلىك ئوبراز يارىتىشىنى تەققەززا قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

قېنى ئەمىسە، باشقا گەپلەرنى قويۇپ، مۆمىنلەرگە ئەشۇ ئۇلۇغۋار خىزمەت ۋە مەرتىۋىلەرنى ئاتا قىلغان قۇدرەتلىك رەببىمىزنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالايلى!

«وَكَذَلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا لِّتَكُونُواْ شُهَدَاء عَلَى النَّاسِ وَيَكُونَ الرَّسُولُ عَلَيْكُمْ شَهِيدًا» «شۇنىڭدەك بىز سىلەرنى دۇنيادىكى ئىنسانلارغا شاھىت بولسۇن دەپ، ئەڭ ياخشى )ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل ئۈممەت قىلدۇقكى، پەيغەمبەرمۇ سىلەرگە شاھىت بولسۇن»

شۇنداق، بۇ (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل بىر ئۈممەت. ئۇلار كىشىلەرگە گۇۋاھ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئىنساپ ـ ئادالەتنى بەرپا قىلىش، ئىنسانلارغا ھەققانىيەت ئۆلچىمى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى بەلگىلەپ بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار كىشىلەرگە ئاممىباپ قاراشلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ھەممەيلەن ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ نەزرىيەلىرى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرى ۋە مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ئەتراپلىق كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن،  ئاندىن ئۆزىنىڭ «بۇ ھەق، بۇ باتىل» دېگەن قارارىنى چىقىرىدۇ. ئۇلار قانداقتۇر نەزرىيە، قىممەت قاراش، ياخشى ياماننىڭ ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى باشقا قەۋملەردىن ھاسىل قىلىدىغان ئۈممەت ئەمەس، بەلكى ئۇلار كىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ، گويا بىر سودىيەلىك مەرتىۋېسىگە ئىگە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە گۇۋاھ بولغانغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارغا گۇۋاھ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۈممەتنىڭ قىممەت قاراشلىرى ۋە ھەق ـ ناھەق ئۆلچىمىنى ھەمدە ئەمەللىرى ۋە قائىدە پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سۆز ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ئاخىرقى قارارنىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام چىقىرىدۇ. شۇنىڭدىن بۇ ئۈممەتنىڭ ھەقىقى خاراكتېرى ۋە پەرز، مەسئۇلىيەتلىرى مەلۇم بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى ياخشى تۇنىشى لازىم. ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتى، قەدىر ـ قىممىتى ۋە دۇنيادىكى ئورۇن، مەنسەپلىرىنى شۇنداقلا ئوينايدىغان رولىنى ئوبدان بىلىشى ھەمدە مەسئۇلىيەتلىرىنى بىجانىدىل ئورۇنداش ئۈچۈن ئۆزىنى تولۇق تەييارلىشى لازىم، يەنى باشىقلارغا نىسبەتەن ئۇلار ھەققانىيەتنىڭ ئۆلچىمىگە ۋە ئۇلارغا نىسبەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققانىيەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغان بولۇشى لازىم.

شۇنداق، بۇ (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل بىر ئۈممەت. يەنى، « وَسَط»  دېگەن سۆزنىڭ پۈتۈن مەنىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان مۆتىدىل ئۈممەتتۇر. ھەم « وَسَط»  دېگەن سۆزنىڭ ئېسىل، پەزىلەتلىك دېگەن مەنىسى جەھەتتىنمۇ، ھەم مۆتىدىل، ئوتتۇراھال دېگەن مەنىسى جەھەتتىنمۇ شۇنداقلا مادددى ۋە روھانىي نۇقتىدىن ئوتتۇرا يول تۇتۇش مەنىسى جەھەتتىنمۇ مۆتىدىل ئۆممەت ھېسابلىنىدۇ.

بۇ مۆتىدىل ئۈممەت ئەقىدە ۋە نەزرىيە جەھەتتە ئوتتۇرا يول تۇتىدۇ، نە پەقەتلا ماددىغا بېرىلىپ كەتمەيدۇ نە پەقەتلا روھانىيەتكە چۆكۈپ كەتمەيدۇ. بەلكى تەبىئىيلىكنى ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئۇلار گويا جىسىمغا ئورالغان روھقا ۋە ياكى روھقا ئورالغان جىسىمغا ئوخشايدۇ. كۈچ ـ قۇۋۋەتلىرى بىر ـ بىرىگە ماسلاشقان بولۇپ، پۈتۈن ئەزالىرىنىڭ تولۇق ھەققىنى ئادا قىلىدۇ. ئۇلار ماددىي تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن تىرىشقانغا ئوخشاش مەنىۋىي ھاياتىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ بار كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. بۇ ئۈممەت ئىنساننىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى شۇنداقلا خۇسۇسىي ئىستېتىكىسى ۋە زوۋقىنى تەسكىنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۇن ئىفرات ـ تىفرىت (يەنى، ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋېتىش ياكى ھەددىدىن زىيادە چۈشۈررىۋىتىش)كە مۇبتىلا بولماستىن، ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، ماسلىشىشچان، ئادىل كەڭ كەتكەن پائالىيەت دائىرىسى بەلگىلەپ بېرىدۇ  ۋە بۇ دائىرە ئىچىدە تۇلۇق ئەركىنلىك بەخش ئېتىدۇ.

بۇ شۇنداق (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل بىر ئۈممەتتۇركى، ھېس ـ تۇيغۇ ۋە كۆز قاراش مەيدانلىرىدا، ئىگىلىگەن بىلىملىرى بىلەنلا قانائەتلىنىپ توڭلاپ قالمايدۇ، شۇنىڭدەك  تەجرىيە ۋە  ئىلىم ـ مەرىپەت ئىشىكىنىمۇ تاقىۋالمايدۇ ھەمدە ئويلاشماستىنلا ھەر بىر نەرە ـ چۇقاننىڭ ئارقىدىن يۈگۈرمىگەنگە ئوخشاش مايمۇندەك تەقلىدچىلىكنىمۇ ئەسلا قىلمايدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نەزرىيە، قائىدىلىرىنىڭ قوغدۇغۇچىسى بولىدۇ، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىدۇ. بىراق پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ پىكىرلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىغىمۇ ئىنچىكە نەزەر سالىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇستەھكەم پىرىنسىپى ھەدىستە دېيىلگىنىگە «الحقيقة ضالة المؤمن أين وجدها أخذها» «ھېكمەت مۇئمىنلەرنىڭ يوقۇتۇپ قويغان ئەڭگۇشتىرىدۇر، قەيەردىن تاپسا دەرھال ئالىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.

شۇنداق، ئۇلار ئىنتىزام ـ تۈزۈمدىمۇ (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل بىر ئۈممەتتۇر. ئۇلار نە ئىنسانلارنى ھاياتلىق مەيدانىدا پەقەتلا ۋىجداننىڭلا ئىنساپىغا تاشلاپ قويمايدۇ، نە قاتمال قوپال قانۇنلار بىلەن باغلاپ مەجبۇر ئىسلاھ قىلىدىغان يوللارغا سورەپ كىرمەيدۇ، بەلكى بىر تەرەپتىن تەربىيە بىلەن زىننەتلەش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىنى تېخىمۇ پارلىتىپ، جەمئىيەتتە ياخشىلىق ئېڭىنى بەرپا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قانۇن ـ ئىنتىزام ۋە جازالاش ئۇسۇللىرىنى ئىشقا سېلىپ، جەمئىيەتنى رەتكە سالىدۇ. بۇ ئۇممەت ھىدايەت ۋە تەربىيە، قانۇن ۋە جازا ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن گۈزەل ماسلىشىچانلىق پەيدا قىلىشنى خالايدۇ. ئىساننى دېكتاتورلارنىڭ قامچىسىغا تاشلاپ قويمىغانغا ئوخشاش چەكسىز ئەركىنلىككىمۇ ۋىجدانىنىڭ ئىلھامى بىلەنلا يالغۇز تاشلاپ قويمايدۇ.

بۇ ئۈممەت شۇنداق (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل ئۈممەتتۇركى، ئالاقە ـ مۇناسىۋەتتە نە بىراۋنىڭ كىشىلىكىنى كەم سۇندۇرمايدۇ، نە ئۇنىڭ كىشىلىكىنى جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ كىشىلىكى ئىچىدە ئېىرتىۋەتمەيدۇ. شۇنىڭدەك كىشىنىڭ ئۆزىدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان، شەخسىيەتچى، مەنپەئەتپەرەس بولۇپ قىلىشغىمۇ يول قويمايدۇ. بەلكى كىشىنىڭ خوسۇسىي تەلپۇنىشى ۋە ئىستېتىكىسىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، جەمئىيەتكە ھەرىكەت قاتىدىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تەرەپلىرىنى ئىلگىرى  سۈرىدۇ. بۇ ئۈممەت كىشىنىڭ ئۆزلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشلىكىنى شەكىللەندۈرىدىغان  خۇسۇسىەتلىرى ۋە تەلپۇنۇشلىرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىدۇ. بىر تەرەپتىن چېكىدىن ئاشۇرىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلش ئۈچۈن چەكلىمىلەرنى يولغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىش جەھەتتىن كىشىنىڭ ئارزۇسىنى ھەرىكەتكە سالىدىغان ئامىللارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئاندىن كىشىنى جەمئىيەتكە ياردەمچى قىلىدىغان ھەمدە دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىمۇ كىىشلەرنى ھىمايە قىلىدىغان قىلىش ئۈچۈن چارە ـ تەدبىرلەرنى يولغا قويىدۇ.

بۇ جۇغراپىيە جەھەتتىنمۇ شۇنداق (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل ئۈممەتتۇركى، ئۇلار يەر شارىنىڭ كىندىكىدە، زېمىننىڭ ئىنسانلار ئەڭ ئاۋات مەركىزىدە ياشايدۇ. يەر شارىدا بۇ ئۈممەتنىڭ تۇراقلىق يېرى، شەرق، غەرپ، جەنۇپ، شىمال ھەممىلا تەرەپنىڭ دەل ئوتتۇرىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۈتۈن ئىنسانىيەتكە شاھىت، ئىنسانىيەتمۇ ئۇلارغا شاھىت بولماقتا. ئۇلار ئىگە بولغان بايلىقلىرىنى ئايىماي يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنى بەھرىمان قىلماقتا.  روھىي ۋە پىكرى سەمەرىلىرىنى پۈتۈن يەر شارىغا نەشىر قىلماقتا. بۇ ھەرىكەتنى قىلىشتىمۇ ماددى ۋە مەنىۋىي ھەممىلا جەھەتتىن ماسلاشقان ئاساستا خىزمەت قىلماقتا.

بۇ ماكاندىن تاشقىرى زامان نۇقتىسدىنمۇ شۇنداق (ئوتتۇرا يول تۇتىدىغان) مۆتىدىل ئۈممەتتۇركى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىنسانىيەتنىڭ بالىلىق دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ ، ئەقىل ـ ئىرفان جەھەتتە بالاغەتكە يەتكەن بىر دەۋرىنى باشلايدۇ. ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋىردىن قالغان خۇراپاتلارغا مېلىنىپ يۈرگەن پەيتتە، بۇ مۆتىدىل ئۈممەت دەل ئوتتۇرا نۇقتىدا مەيدانغا چېقىپ، ئۇلارنى خۇراپاتلارنىڭ غەلدىغەشلىرىدىن تازىلايدۇ. ئۇلار يەنە بۇ بالاغەت دەۋرىدىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئۆز ـ ئۆزىگە ۋە ئەقىلگە چوقۇنۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پەيغەمبەر دەۋرىدىن قالغان روھىي مىراسلار بىلەن ئەقىل خەزىنىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسدىن توغرا توڭپۇڭلۇققا ئىگە بىر يولنى ئاچىدۇ. 

ئەجىبا بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئۈممەت ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان ئەشۇ ئۇلۇغ مەرتىۋە، ماقامىغا قايتىدىن كېلەلمەسمۇ؟ ئەلبەتتە كېلىلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا ئىگە بولۇشىغا ھېچ قانداق توسالغۇ يوق. ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇ ئۈممەت ئاللاھ ياختۇرۇپ بەلگىلەپ بەرگەن تۈزۈمدىن ئۇزاقلاشتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ ياختۇرمايدىغان ھاياتلىق تۈزۈملىرىنى ئۆزلەشتۈردى. ئاللاھنىڭ تۈسى بولمىغان ھەر خىل رەڭلەر بىلەن تۈس ئالدى. ۋەھالەنكى ئاللاھ ئۇلاردىن خالىس ئىلاھىي رەڭ بىلەن تۇس ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

مانا بۇلار بۇ ئۈممەتنىڭ خىزمەت نىشانى ۋە ئوينايدىغان رولى، بۇ ئۈممەت ئىلاھىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئۇچرايدىغان قېيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئۇلارنىڭ ئادا قىلىدىغان ۋەزىپىلىرى رەھبەرلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرش ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتلىرى بولسا، ھاكىمىيتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈندۇر. شۇنداق ئىكەن ئەلۋەتتە ئاللاھقا باغلىنىپ، قانائەتلىنىشى ۋە ئىلغار قوماندانلىققا ئۆزىنى تەييارلىشى ئۈچۈن بەزى قېيىنچىلىق ۋە بالا ـ قازالارغا دۇچ كېلىشى ئىنتايىن تەبىئىي بىر ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

شۇڭا ئاللاھ تائالا مانا بۇ بارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلگىرىكى قىبلىسىنىڭ تاللىنىشىدىكى ھېكمەتنى ۋە ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىن بۇرۇلۇپ قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ ھېكمىتىنى مۇنداق بايان قىلىپ بېرىدۇ.

«وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنتَ عَلَيْهَا إِلاَّ لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَى عَقِبَيْهِ» «سەن ئىلگىرى يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى قىبلە قىلغانلىقىمىز كىمنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ يۈز ئۆرىگەنلىكىنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىدى»

مانا بۇ ئايەتتىن ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يېڭى جامائەتنى تەربىيەلەشتىكى دىنىي مېتودى ئوچۇق نامايان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ جامائەتنىڭ ئىسلام نەزىرىيەسىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ۋارىسى بولۇشىنى، جۈملىدىن ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى بولۇشىنى خالايدۇ. بۇ ئۈممەتنىڭ جاھىلىيەت تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن بولغان پۈتۈن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۆزىگە خالىس ئىخلاس بىلەن باغلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.  جاھىلىيەت دەۋرىگە تەۋە ھېس ـ تۇيغۇ، سېمۋول، كېيىم ـ كېچەلەرنى شۇنداقلا پۈتۈن مەنبەرلەرنى بىر چەتكە چۆرۈپ تاشلاپ، بىرلا مەنبەدىن بەھرىمەن بولۇشىنى ۋە پەقەتلا ئىسلامغا باغلىنشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەسلىدە كەبىگە يۈزلىنىپ ناماز قىلىش مەسلىسىدە ئىددىيىۋىي تەلپۈنۈشتىن باشقىمۇ سەۋەپلەر بار ئىدى. مەككىدىكى قۇرەيش قەبىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ ئەجدادى ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ساپ ئىسلام نەزرىيەسىگە ھەر خىل شېرىكچىلىك  ۋە خۇراپاتلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويغان بولۇپ، ھەتتا ئەرەب مىللەتچىلىك ئەسەبىيىتىمۇ سىڭدۈرۋېتىلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئەينى چاغدا كەبىنى پەقەتلا ئەرەب مىللىتىنىڭ مۇقەددەس ماكانى دەپ قارايتتى. ئەمما ئاللاھ تائالا كەبىنىڭ ئەرەبلەرگە خاس ئەمەس، بەلكى ئۆزىگىلا خاس مۇقەددەس جاي بولۇشىنى ئىرادە قىلاتتى. بۇ جاينى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىمگە تەۋە بولمىغان، خالىس ئىلاھىي سىمۋول بىر ماكانغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى. ئەمما ئەرەبلەرنىڭ كەبىگە بولغان قىممەت قارىشىغا تارىخىي ھېسسىياتلىرىمۇ ۋە مىللەتچىلىك ئېڭىمۇ سىڭىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئاللاھ تائالا قىسقىغىنە مەزگىلگىچە كەبىنى ئەمەس، بەلكى بەيتۇل مۇقەددەسنى قىبلە قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ئەرەبلەرنىڭ قەلبىدىكى تارىخىي ۋە مىللىي ئەسىبىيەتنىڭ يىلتىزىنى كېسىپ تاشلىغان شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىن كىمنىڭ پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىپ زادى كىمنىڭ ئىتائەت قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەقەتلا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولغانلىقى يۈزىدىنلا ئىتائەت قىلدىغانلار بىلەن،  ئەرەب بولغانلىقى ۋە كەبىنى قىبلە قىلغانلىقى يۈزسىدىن ئىتائەت قىلدىغانلارنى، جۈملدىن ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنمۇ مىللىي، ئىرقىي تۇيغۇلىرى ۋە كونا مۇقەددەس جايلىرىغا بولغان ھېسلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قەدىمى قىبلىلىرىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ مەنىۋىي راھىتىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولغانلارنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىپ چىققان ئىدى.

بۇ ناھايىتىمۇ ئىنچىكە نازۇك بىر نۇقتا. دېمىسىمۇ ئىسلام ئەقىدىسى (يەنى ھاياتلىق نەزرىيەسى) قەلبلەردە قىلچە شېرىكچىلىكنىڭ بولۇپ قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بىردىن بىر ئېدىيەسى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىدىن باشقا ئىددىيەلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. مەيلى چوڭ مەيلى كېچىك، مەيلى قانداقلا شەكىل ۋە قانداقلا خۇسۇسىيەتتە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر جاھىلىيەت قالدۇقلىرىغا قەتئىي ئورۇن بەرمەيدۇ. مانا بۇ ئايەتتە چۈشەندۈرۈلمەكچى بولغان نۇقتا دەل شۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.

«وَمَا جَعَلْنَا الْقِبْلَةَ الَّتِي كُنتَ عَلَيْهَا إِلاَّ لِنَعْلَمَ مَن يَتَّبِعُ الرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَى عَقِبَيْهِ»«سەن ئىلگىرى يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان تەرەپنى قىبلە قىلغانلىقىمىز كىمنىڭ پەيغەمبەرگە ئەگەشكەنلىكىنى ۋە كىمنىڭ يۈز ئۆرىگەنلىكىنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىدى»

شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى مەيدانغا كېلشتىن ئىلگىرىلا بىلىدۇ.  ئەمما ئاللاھنىڭ بولۇش ئالدىدىكى ئىشنىڭ كىشىلەرگە نامايان بولۇشىنى شۇنىڭدىن كېيىن ئاندىن ھېسابقا تارتىشنى خالايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئىنتايىن رەھىم ـ شەپقەتلىك بولغاچقا كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىلمىگە تايىنىپ كىشىلەرگە جازا بەرمەستىن، بەلكى مەيدانغا كېلىپ بولغان ئىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ.

ئاللاھ تائالا يەنە، تارىخىي ۋە مىللىي ھېس ـ تۇيغۇلاردىن بىردىنلا ۋاز كېچىش، قەلب، ئىددىيەلىرىدە مەھكەم ئورناپ، تومۇر ـ تۇمۇرلىرىگىچە سېڭىپ كەتكەن ئاڭ ۋە قاراشلارنى بىردىنلا چىقىرىپ تاشلاشنىڭ ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلگەنگە ئوخشاش بۇنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئىنساننىڭ قەلب، ئىددىيىسى ئىمانغا چۆمۈلگەن ھەمدە ئىنسان قەلبى ئاللاھنىڭ يېقىنلىقى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن جۈملىدىن ئاللاھ ئۇنى يېنىغا تارتىپ، توغرا يولغا باشلىغان چاغدىلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ.

شۇڭا ئايەتتە «وَإِن كَانَتْ لَكَبِيرَةً إِلاَّ عَلَى الَّذِينَ هَدَى اللّهُ» «بۇ ئىش اﷲ ھىدايەت قىلغانلاردىن باشقىلارغا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى» دېيىلگەن.

دەرۋەقە، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن نەپىسنىڭ ئۇ خىل تۇيغۇلاردىن پاكلىنىشى، قەلب، ئىددىيەلىرىدىن جاھىلىيەت تەسەۋۋۇرلىرىنى چىقىرىپ تاشلىيالىشى قېيىن كەلمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھىدايەتكە ئېرىشىپلا جاھىلىيەتنىڭ پۈتۈن ئالامەتلىرىنى چۆرۈپ تاشلىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭلا ئۈممىتىگە ئايلىنىپ،  خالىس ئىتائەت ئۇلارنىڭ بەلىگىسىگە ئايلاندى، ئۇلار ئاللاھ قاياققا خالىسا، شۇ ياققا بۇرۇلىدىغان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى قاياققا باشلىسا شۇ ياققا ماڭىدىغان ھالغا كەلدى. شۇڭا ئەمدىلىكتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانى ۋە نامىزى ھەققىدە قانائەت ھاسىل قىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. ئۇلارنىڭ ھەرگىزمۇ ئازغۇنلۇقتا ئەمەسلىكى، ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قىلغان ئىبادەتلىرىنىڭ زايا كەتمىگەنلىكى، ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قۇربى يەتمەيدىغان يۈكلەرنى ئارتمايدىغانلىقى، بەلكى ئىمان بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغانلىقى ئېيىتىپ بېرىلمەكتە.

«وَمَا كَانَ اللّهُ لِيُضِيعَ إِيمَانَكُمْ إِنَّ اللّهَ بِالنَّاسِ لَرَؤُوفٌ رَّحِيمٌ»   «اﷲ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. شۇبھىسىزكى، اﷲ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر»

دەرھەقىقەت، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ چەكلىك كۈچ ـ قۇدرىتىنى ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارغا كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنى بۇيرىمايدۇ. ئىنسانلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. ئەگەر ئىنساننىڭ نىيىتى ياخشى بولۇپ، ئىرداسىمۇ پوختا بولسا، ئاللاھ ھەر بىر ئىمتېھاندا ئۇنىڭ ئۇتۇققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۆزى ياردەم قىلىدۇ. دېمەك سىناق ۋە ئىمتېھان ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بولغانغا ئوخشاش، ئېمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈشمۇ ئللاھنىڭ پەزىل ـ رەھمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«إِنَّ اللّهَ بِالنَّاسِ لَرَؤُوفٌ رَّحِيمٌ»   «شۇبھىسىزكى، اﷲ كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر»

مانا شۇنداق قىلىپ ئاللاھنىڭ بۇ ئايىتى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە قانائەت ۋە تەسكىنلىكنىڭ ئابى ھاياتىنى قويىدۇ. قەلبلەردىكى قايغۇ ـ ئەندىشىلەرنى يوق قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا بولغان مۇستەھكەم تونۇش ۋە ئىشەنچ بىلەن لىق تولدۇرىدۇ.

 

ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار! يۇقىرىدا سۈرە بەقەرەنىڭ 142 ـ ۋە 143 ـ ئايەتلىرىنىڭ رەپسىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنكى دەرسمىز مۇشۇ يەردە توختايدۇ،  ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ ۋە بىردىن بىر ھاياتلىق دەستۇرىمىز بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ رۇھىغا ئۇيغۇن مۆئمىن مۇجاھىدلاردىن بولۇشقا مۇيەسسەر قىلغاي ئامىن!  كېلەر  ھەپتىلىك دەرسىمىزدە قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەير خوش!

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ