ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن تەلپۈنگەن دىلشات جۇماخۇن ئاكىمىز ۋاپات بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-27 17:14:55 جەمئى 5179 قېتىم ئوقۇلغان.

ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن تەلپۈنگەن دىلشات جۇماخۇن ئاكىمىز ۋاپات بولدى

ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن تەلپۈنگەن دىلشات جۇماخۇن ئاكىمىز ۋاپات بولدى

 ۋەتەن مىللەتكە سادىق، ھۆرلۈك ئۈچۈن تەلپۈنگەن، بايرىقىمىز ئالدىدا يۈرىكىدىن چىقىرىپ ياش تۆككەن بۇ كېشىنىڭ ئىسمى دىلشات جۇماخۇن بولۇپ، ئۆزى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجىدىن. دىلشات ئاكىمىز ۋەتەندىكى ۋاقتتا ھالال تىجارەت بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان، موھتاجلارغا ۋە مائارىپقا ھەر دائىم ياردەم قىلىدىغان، مىجەزى ئۇچۇق - يۇرۇق كىشى بولۇپ، نامازغا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى. مەرھۇم ئاكىمىز ھىجرەت يولىغا ئاتلانغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن. مۇھاجىرەت ھاياتىدا ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماستىن ھەر دائىم ۋەتەن دەۋاسىغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئاكىمىز باشقا دۆلەتكە كېتىش ئۈچۈن سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداقتا ساقلاۋاتقان بولۇپ، تۆنۈگۈن 2018- يىلى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن كېسەللىك سەۋەبى بىلەن دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى. مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزى بۈگۈن 2018/08/27 كۈنى دۈشەنبە پىشىن نامىزدىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى زەيتىنبۇرنۇ ئەمىنە ئىنانچ جامىسىدە چۈشۈرۈلدى. ئاللاھتىن مەرھۇمغا رەھمەت ۋە مەغپىرەت قىلىپ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىنى ۋە ئاخىرەتتىكى مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىشىنى سورايمىز!


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ