ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇروغا قىلماقچى بولغان قەست ئەمەلگە ئاشمىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-06 12:30:38 جەمئى 2752 قېتىم ئوقۇلغان.

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇروغا قىلماقچى بولغان قەست ئەمەلگە ئاشمىدى

ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇروغا قىلماقچى بولغان قەست ئەمەلگە ئاشمىدى
6- ئاۋغۇست يېنى ئاكت گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋېنېزۇئېلا دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا قىلىنغان ھۇجۇم ئەمەلگە ئاشمىغان.
خەۋەدە بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپاراتى ئىشلىتىلگەن بۇ ھۇجۇمغا چېتىشلىق ئالتە كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقى، ۋېنېزۇئېلا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نېستور رېۋېرول قەست قىلىشتا ئىشلەتمەكچى بولغان ئاپاراتقا بىر كېلوگىرام پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغانلىقى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىدىن بىرسىنىڭ يىغىلىش بولىۋاتقان سەھنىگە قاراپ كېتىۋاتقان پەيتتە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ، قالغانلىرىنىڭ يېقىندىكى بىر بىناغا سوقۇلۇپ پارتلىغانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نېستور رېۋېرول بۇ ھەقتە توختۇلۇپ، ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپاراتىنى ئىشلەتكەنلىكىدىن گۇمان قىلىنغان ئالتە كىشىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، مۇشۇ بىر قانچە سائەت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، مادۇرو ھۇجۇمدىن ساق قۇتۇلۇپ قالغانلىقى، بىراق يەتتە ئەسكەرنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
نىكولاس مادۇرو ۋەقەدىن كېيىن باياناي بېرىپ، «بۇ مېنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئىدى. بۈگۈن ماڭا سۈيقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ،ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ۋېنېزۇئېللالىق ئۆكتىچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە، ئۆزلىرىنى «مايكىلىق ئەسكەرلەر» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تىۋىتتېردا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، ھۇجۇمنىڭ جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ