ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ۋاندا ۋە باغچىئەۋلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ...

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-11 15:05:11 جەمئى 2176 قېتىم ئوقۇلغان.

ۋاندا ۋە باغچىئەۋلەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ...

ۋاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى
10-فېۋرال تۈركىيەنىڭ ۋان ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. پائالىيەتنى ئىنسان ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى تەشكىللىگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسدا توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە ئېتىقادىنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش سىياسىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ئالاقە ئىشلىرىنى چەكلەپ، شەرقىي تۈركىستاندا قالغان تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان 11- ڧېۋارال يەنە، ئىنسانى ياردەم ۋەقڧى( İHH ) نىڭ  باچىئەۋلەر شۆبىسى تەشكىللىگەن يىغىلىشقا تەكىلىپ بىلەن ئشىتراك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى تونۇشتۇردى.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ