ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھەقىقەت يولىدا ھارماس چېچەك ئەلنىڭ قىزى گۈلچېھرە (2)

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-10-14 21:51:59 جەمئى 12861 قېتىم ئوقۇلغان.

ھەقىقەت يولىدا ھارماس چېچەك ئەلنىڭ قىزى گۈلچېھرە (2)

داۋامى...

گۈلچېھرەنىڭ ۋەتەن سېغنىشىمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن ۋەتەن دەپ ئايرىلىپ، ھىجىران ئازابىنى يات ئەللەردە يېتكۈچە تارتىۋاتقان ھەرقاندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىر ئازاب ئىدى.

ئۇ تالاي - تالاي كېچىلەرنى ئەنە شۇ چەكسىز سېغنىشلار بىلەن، ئاچچىق ھىجرانننىڭ گۈلخانىدا كۈيۈشلەر بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۆزىنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتىنىدە ئىززەت بىلەن ئەركىن ياشاشتىن مەھرۇم بولغان ھەرقاندا بىر كىشى بۇ ئازابلارنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىغىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھىچ بىر ئۈمۈدسىزلەنمىدى، كېلىچەككە بولغان ئۈمۈد، ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت گۈلىمىزنى تېخىمۇ جاسارەتلىك قىلىپ تاۋلىدى. قەلەم تۇتقان چىۋەر قوللىرىدا شەرەپلىك كۆك بايرىقىمىزنى تۇتۇپ لەپىلدەتتى…
ئۇيغۇر ۋەتىنىدە گۈلچېھرەنىڭ سىماسى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان قەلىبلەرنىڭ ئۇنتۇلماس ھايات خاتىرىسى بولۇپ قالغان ئىدى. جۈملىدىن ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان، كىچىك چاغلىرىدا تېلېۋۇزۇر ئېكرانىدىن گۈلچېھرە ئېيتقان چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ۋە شۇ چۆچەكلەردىن ئىلھام ئېلىپ قەلەم ئالغان، بۈگۈنكى كۈندە شېئىرىيەتتە يېتىلىش ئۇچۇن تىرشىپ كېلىۋاتقان ئىنىمىز ئەنقەر ئەيسا ھددىسىگە ئاتاپ تۆۋەندىكى شېئىرىنى يازىدۇ:

گۈل مۇھاجىرەتتىكى كەچمىشلىك ھاياتىدا ئۆزىنىڭ قەدىردان ھەمراھى ۋە سۆيۈملۈك بالىلىرى بىلەن بىللە قۇرۇپ چىققان كىچىككىنە بىر ۋەتىنى-ئائىلىسى ئارقىلىق قەلب يارىلىرىغا تەمكىنلىك تاپىدۇ. ئۇ بۇ كىچىك تېرىتوتىيسىدە ئانا ۋەتەننىڭ ئىخچام مودېلىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ بالىلىق ھاياتىنى، مەھەللىسىنى، تونۇش كىشىلەرنى، بوۋا - مومىلىرىنى، ۋەتەن تۇپراقلىرىنى ھەتتا ئوينىغان ئويۇنلىرىدىن يىگەن تاماق، تېتىغان مېۋىلىرىگىچە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم «چوقۇم بىر كۈنى سىلەرنى ئېلىپ ۋەتەنگە كېتىمىز…» دېگەننى تەكرارلايدۇ. بالىلارمۇ ۋەتەننىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن… ئىنسان ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ رولى ئاجايىپ زور. ئۈمىد ئىنساننى ھەر بىر كۈننى ھاياجان بىلەن خوشال كۈتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ .
ھەتتا ئۇنىڭ خەلقى ئۇچۇن مېھنەت تۆكىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى ئىخشانىسىمۇ بىر كىچىك ۋەتەنىگە ئوخشايدۇ، ئۇ يەردە پۈتۈنلەي تونۇش ئادەملەر، ئۇيغۇرنىڭ چىرايى، ئۇيغۇرنىڭ تىلى. قىلىقلارمۇ ئۇيغۇرچە... ئۇ يەردە ھەممە ئىش ئۇيغۇرچە. كۈندە يېڭى تۇيغۇ، يېڭى خەۋەر، يېڭى روھ، گاھ خەلق غېمىگە تەڭ يىغلاشسا، گاھ ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلىشىدۇ... ئازابمۇ بار، بەختمۇ بار. ئۇنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغىنى، گەرچە ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، زىيارەت ئېھتىياجى بىلەن ۋەتەنگە تېلېفون قىلغىنىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇۋېلىشى. دىمەك، ئۇ شۇنى ھېس قىلدىكى، گۈلنى خەلقى ئۇنتۇماپتۇ. ئەل ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان ئەل قىزىنى ئەل ھەردەم ياد ئېتىپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر كاتتا مۇكاپات بولامدۇ؟ كىشىگە ئۆز خەلقى تەرپىدىن ھەر ۋاقىت سۆيۈلۈپ تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولامدۇ؟! ئۇ دائىم دادىسىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەيدۇ: « ـ بالام ئىنسانلار ئۇچ خىل بولىدۇ. بىرى - پەقەت ئۆزى، ئۆز ئارزۇلىرى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار؛ يەنە بىرلىرى بولىدۇ- بىر قەۋم ياكى بىر توپلۇق ئۈچۈن ياشايدىغانلار؛ ئەڭ ئىلغارلىرى بولسا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياشايدىغانلار. ئاللاھقا شۈكرى، بىز گەرچە ئۇچۇنچىسى بولالمىغان بولساقمۇ، بىرىنچىسىدىن سىدىن ئەمەسمىز ...». گۈلمۇ دادىسىدەك، بوۋىلىرىدەك ياشاشقا تىرىشىپ كەلدى، شۇنىسى ئېنىقكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى خىل ھاياتنى باشلاپ بولدى. ئەمدى ئۇ ئۈچىنچى خىل ئىنسانلاردىن بولۇش يولىدا قەدەم تاشلىماقتا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ