ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھەقىقى دوست

ھەقىقى دوست

(تەرجىمە ئەسەر) 

    ياش يىگىت دادىسىنىڭ سۆزىنى رەد قىلىپ دېدى: دادا، مېنىڭمۇ دوستلۇرۇم بار!     دادىسى: دوستلىرىڭنىڭ بارلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن ئەمما ھەقىقى دوستنى تېپىش بەكمۇ قىيىن. ياش يېگىت ئۆز گىپىدە چىڭ تۇردى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق بىلگەنلىرى بارئىدى. ھەتتا بەزى ئىشلارنى دادىسىدىنمۇ بەكرەك ياخشى بىلەتتى

    - مېنىڭ شۇنداق دوستلىرىم باركى، ھەتتا مېنىڭ ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدۇ!

    بۇ ئېيتىلىشقا بەكمۇ ئاسان سۆز ئىدى. دادا ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلەتتى.

    - دېمەك دوستلىرىڭغا بۇ قەدەر ئىشىنىسەن- ھە، شۇنداقمۇ؟ دادا ئوغلىغا سۇئال قويدى.

ئوغلىنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ھالىتى ئادەمنى بىزار قىلاتتى. لېكىن دادا ئوغلىغا چاندۇرمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلىنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن بۇ قىياپىتىگە مەسلىكى كەلدى. چۈنكى دادا بۇ يېشىدا دادىسى ئالدىدىمۇ بۇنداق قەتئى بولالمىغان ئىدى. ئەلۋەتتە ئوغلىمۇ ئاستا- ئاستا چوڭ بۇلاتتى. ئەمما ئۇ ۋاقىتقىچە دادىنىڭمۇ بىر مەجبۇرىيىتى بار ئىدى، ئوغلىنى تەربىيىلىشى كېرەك ئىدى.

    - سەن نىمە دەيسەن دېدى دادا، دوستلىرىڭ سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرۈدۇ سىناپ باقايلىمۇ؟ ياش يىگىت دادىسىدىن قېلىشنى خالىمىدى. چۈنكى ئۇ دوستلىرىغا قەتئى ئىشىنەتتى ئەمما راستىنى ئېيتقاندا دادىسىنىڭ بۇ گېپىگە بىر ئاز قىزىقىپ قالدى.

    - ماقۇل دېدى يىگىت، ئەمما قانداق قىلىپ سىناپ باقىمىز؟ دادا مىھرى بىلەن ئوغلىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. - سەن يوغان بىر تاغار تېپىپ كەل، قالغىنىنى ماڭا قوي.

    دادا بېرىپ ئېغىلدىن يوغان قويدىن بىرنى تۇتۇپ چىقىپ بېغىغا ئەكىرىپ ئۆلتۈردى. ئوغلى ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. دادا قوينى تاغارغا تىقتى ۋە ئوغلىغا بېرىپ:- ئەمدى سەن ئەڭ ئىشەنگەن دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم دېگىن، قېنى

قانداق قىلىدىكىن، دېدى.

    ياش يىگىت قان يۇقى تاغارنى كۆتۈرۈپ كېچە قاراڭغۇلىقىدا ئارقا كوچىلارغا كىرىپ دوستلىرىنىڭ ئۈيىگە قاراپ يول ئالدى. يىگىت ئۈچۈن بۇ ئىش ئاساندەك تۇيۇلدى. چۈنكى بارىدىغان شۇنداق جىق دوستلىرى بار ئىدىكى... قارىسىغا بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. تاغاردىن سىرغىپ چىققان قان يىگىتنىڭ قۇلاق، بويۇنلىرىنى، قوللىرىنى قىپ- قىزىل قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئاخىرى دوستىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بىر قۇلى بىلەن تاغارنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ يەنە بىر قولى بىلەن ئىشىكنى ئۇردى. دوستى چىقتى ۋە چۆچۈگەن ھالدا دوستىنىڭ قانغا بويۇلۇپ كەتكەن يۈز- قوللىرىغا قارىدى. نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىشكە قىزىقاتتى. تاغارنى كۆرگەندىن كېيىن يۇشۇرغىلى بولمايدىغان بىر ئەندىشە بىلەن سورىدى:

    - خوش، نىمە بۇ؟

    ياش يىگىت:

    - بىرسىنى ئۆلتۈردۈم دىدى... - يۇ تېخى سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ ئىشىك يۈزىگە يېپىلدى.

    ياش يىگىت نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي چۆچۈپ كەتتى. ئۇ قولىدا قانلىق تاغار بىلەن ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇرۇپلا قالدى. ئىشىككە تەكرار قول ئۇزاتتى لېكىن ۋاز كەچتى. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنە نۇرغۇن ھەقىقى دوستلىرى بار ئىدى. يىگىت يولىغا ماڭدى خېلە ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن قايرىلىپ دوستىنىڭ ئۆيىگە قارىدى. قايرىلغان پەردىنىڭ بۇرجىكىدىن ئۇنى بىرسى كۈزىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قارىغىنىنى كۆرۈپلا پەردە بىردىنلا يېپىلدى. ئۆينىڭ چىرىقىمۇ ئۆچتى.

    كېتىۋېتىپ يىگىتنىڭ ئەقلىگە شۇنچە جانى- جان، ھەقىقى دوستلىرى، ئۇلار بىلەن قىلىشقان

ۋەدىلەر، قەسەملەر كەلدى. ئەجىبا دادامنىڭ سۆزلىرى توغرىمۇ- يا؟. ئۇ شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئىشەنچلىك يەنە بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. يىگىت بۇ قېتىم دوستىغا قەتئى ئىشىنەتتى. ئەمما نەتىجە يەنىلا ئوخشاش بولدى. يەنە بىر دوستىنىڭ ئىشىكىنى ئۇردى. كېيىن يەنە بىر

دوستىنىڭ.....

    يىگىت قانلىق تاغار بىلەن يېرىم كېچىگىچە ئايلاندى. ھېرىپ ھىچ ھالى قالمىغان ئىدى. ئۇ غەزەپتىن تىترەپ كېتىۋاتاتتى. يىگىت ئامالسىز ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ ئەمدى دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراشتىن نومۇس قىلاتتى. تاغارنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ دادىسىغا قارىدى.

    دادا، سەن توغرا ئېيتىپسەن، دۇنيادا ھەقىقى دوست يوق ئىكەن.

    بەلكىم دېدى دادا كۈلۈپ كېتىپ، بەلكىم ھەقىقى دوست باردۇر. سەن ئەمدى مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭكىگە بارىسەن. سەن ئۇنىڭغا- مەن پالانچىنىڭ بالىسى بىر ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم دېگىن. قېنى نېمە دەيدىكىن؟

    ياش يىگىت دادىسىنىڭ ئالدىدىكى بۇ خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆڭلىدە بىر چىقىش يۇلى ئىزدەۋاتاتتى. بۇ گەپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. بەلكىم دادىسىنىڭ دوستىمۇ شۇنداق قىلار. ياكى يىگىت شۇنداق قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

    يىگىت كېچە قاراڭغۇلىقىدا غايىپ بولدى. كوچىلارنى ئارلاپ يۈرۈپ دادىسى ئېيتىپ بەرگەن ئۇ ئۆينى ئىزدەپ تاپتى. تاغارنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ بىردەم ئارام ئالدى. ئەتىراپقا قارىدى. بۇ ئەتىراپى باغ بىلەن ئورالغان چوڭ بىر ئۆي ئىدى. ئىشىكنى ئۇردى، تاغارنى مۆرىسىگە ئېلىپ ساقلاشقا باشلىدى. 45- 50 ياشلاردا كۆزلىرى چوڭ-چوڭ، سەل سېمىزرەك، چاچلىرىغا ئازىراق ئاق ئارىلاشقان بىر كىشى ئىشىكنى ئاچتى. يىگىتكە قارىدى. يىگىتنىڭ ھالىدىن بىر ئىشنى سەزگەندەك قىلدى.

    خوش بالام، سەن كىم بولىسەن؟

    يىگىت ئۈزىنى تونۇتۇپ بولۇپ بولغان ئەھۋالنى دېيىشىگە، ئۇ ئادەم قولىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ:

    - گەپقىلما، بىرسى ئاڭلاپ قالمىسۇن! كەل، ئالدى بىلەن ئۆيگە كىر. ئۇ كىشى دەرھال بىر كۈرەك تېپىپ كەلدى. ناھايىتى تىزلىكتە ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى لالە گۈللىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر ئورەك كولىدى. كېچە قاراڭغۇلىقىدا تاغارنى تىزلىك بىلەن كۆمدى ۋە يېڭى توپىنىڭ ئۈستىگە ئەتراپتىن لالە گۈلنىڭ كۆچەتلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ تىكتى. بالىنىڭ يۈز- قوللىرىنى پاكىز يۇيۇپ ياتىدىغان يەر ھازىرلىدى.

    - بۇ كېچە بىزنىڭكىدە قۇنۇپ قال. نىمە بولىدۇ- بولمايدۇ ئېنىق ئەمەس. ئەتتىگەنلىككە كېتەرسەن...

    بۇ جەرياندا ياش يىگىت ئۇ كىشىگە ھەيرانلىق ئىچىدە قاراپلا قالغان ئىدى. ئۆز دوستلىرىنى بىرمۇ- بىر كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزدى . يىگىت ئۆز ئۆزىگە- «مانا بۇ ھەقىقى دوست» دېدى پىچىرلاپ.

    ئۇ كىشى تەكلىۋىدە شۇنچە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ يىگىت تەكلىپنى سىلىق- سىپايىلىك بىلەن رەت قىلىپ كېتىشىگە ماقۇل قىلدى. چۈنكى يىگىت بالدۇرراق بېرىپ دادىسىغا دادا! سەن توغرا ئېيتىپسەن دېيىشكە ئالدىرايتتى.

    يىگىت ھارغىن ئىدى. مۆرىسىدە تاغار يوق ئىدى ئەمما يەنىلا ھارغىن ئىدى. ياش يىگىت بۇ بىر كېچىدە بارلىق دوستلىرىنى بىلىۋالغان ئىدى. ئۇ كېتىۋاتاتتى. گويا بۇ بىر كېچىدە بىرقانچە ياش قۇشۇلۇپ، ئۆزىنى خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. يىراقتىن ئۆيىنىڭ چىراقلىرى كۆرۈندى. يىگىت پەنجىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆلەڭگىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن يۈگۈرگىنىچە بېرىپ قولىغا ئېسىلدى.

    - دادا، سەن توغرا ئەيتىپسەن، سەن ھەقلىق ئىكەنسەن. ھەقىقى دوست دېگەن باشقا بىر نەرسە ئىكەن...

    دادا بالىسىدىن بولغان ئەھۋالنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئاڭلىدى.

    - ئالدىرما دېدى دادا، ئالدى بىلەن تاڭ ئاتسۇن...

    چۈش ۋاقتى بىلەن دادا دوستىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى. يىگىت بەكمۇ خىجىل ئىدى. ئەمدى قانداق بۇلار؟ دادام نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايتتى ئىچىدە. ھەرقانچە قىلىپمۇ دادىسىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنەلمىدى.

    ئۇ ھېلىقى ئۆي بار كوچىغا كەلگەندە ئىشنىڭ بىر ئاز خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. بىردىنلا يۈزى قىزاردى. مەسچىتتىن ئۆتكەن ۋاقىتتا مەسچىتنىڭ ھويلىسىدا بىرقانچە كىشىنىڭ بارلىغىنى كۆردى. دادىسىنىڭ دوستى بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بولۇدىغان ئىشلاردىن خەۋەرسىز دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشقاچ ئەزاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.

    دادا ئۇ كىشىلەرگە قاراپ ماڭدى. يىگىت يۈزلىرىنىڭ قۇلاقلىرى بىلەن قوشۇلۇپ قىزىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى. دادا كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قاراشلىرى ئىچىدە دوستىنى مۇش بىلەن بىرنى قويدى. ئەمما دوستى قارشىلىق قىلمايلا قالماستىن بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يىگىت يەنە بىر قېتىم ئۆزىدىن نومۇس قىلدى. ئەمما تېخى ئىش تۈگۈمىگەن ئىدى. دادا دوستىنى سۆرەپ يۈرۈپ يەنە بىر مۇش ئۇردى. دوستى گويا بىر ئىشنى

سەزگەندەك ئىدى. يىگىتنى تارتىپ ئەكىلىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى:

    - بالام، ماڭ داداڭغا بېرىپ سالام ئېيت. بىز ئۇنداق بىر قانچە مۇشقا بېرىپ لالە باغچىسىنى

بۇزىدىغانلاردىن ئەمەس...

 

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

http://forum.islamiyet.gen.tr/dini-hikayeler/55221-gercek-dosttharika-bi-hikaye.htm

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ