ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھېيتگاھ جامەسىدا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا 1000 يىلغا يېقىن بولدى

 

قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ھېيتگاھ جامەسى 16 مىڭ 820 كۋادرات مېتىر ھەجىمگە ئىگە بۇ جامەدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار كۈندە 5 ۋاق ناماز ئوقۇغاندىن باشقا، ئادەت بويىچە ھەر جۈمە كۈنى 30 مىڭ مۇسۇلمان ئامما جۈمە نامىزىنى، ھەر يىلى روزى ھېيت، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە 60 مىڭدىن 80 مىڭ مۇسۇلمان ئامما بۇ 2 ھېيت نامىزىنى ئۆتەيدۇ. بۇ جايدا بۇ خىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا 1000 يىلغا يېقىن بولدى. ئەمما، ھېيتگاھ جامەسىدىكى بۇ خىل دىنىي پائالىيەت تىپتىنچ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگىنى يوق. ھېيتگاھ جامەسى بىنا بولغاندىن تارتىپ يېقىنقى زامانغىچە بولغان ئارىلىقتا قانچە قېتىم تاقىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا ئېنىق مەلۇمات يوق. ئەمما، 19 - ئەسىردىن بۇيانقى تارىخنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە ئىشغالچى خىتايلار بىر قانچە قېتىم بۇ ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىشقان ئورۇنغان ۋە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ 5 قېتىم تاقىلىپ قېلىپ، بۇ جايدىكى دىنىي پائالىيەتنىڭ 5 قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلىمىز.

بىرىنچى قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1878 - يىل 3 - ئايدا بولغان، بۇ چاغ ليۇجىنتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، قەشقەرنى مەركەز قىلغان ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، قەشقەرنى ئىشغال قىلغىنىغا بىر يېرىم ئاي بولغان مەزگىل ئىدى.

شۇ يىلى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ليۇجىنتاڭ باشچىلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، ياقۇببەگنىڭ 14 يىللىق ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بەرگەندىن كېيىن، ياقۇببەگنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى، جۈملىدىن قەشقەردىكى تەسىرىنى يوقىتىشقا جىددىي كىرىشكەن. سىياسىي جەھەتتە ياقۇببەگ بىلەن مۇناسىۋىتى بار، ياقۇببەگ ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى ئېنىقلاپچى دەپ تۇتۇپ، بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي جەھەتتىكى تەسىرنىمۇ يوقىتىشقا تۇتۇش قىلغان. بىراق، خەلق ھېيتگاھ جامەسىنى چېقىشقا تۇتۇش قىلىنىۋاتقاندا، قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ تۇرۇۋالغانلىقتىن، چېقىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان. شۇڭا ليۇجىنتاڭ چيەنلۇڭخاننىڭ: «بىر بۇتخانا سېلىش −− 200 مىڭ ئەسكىرىي كۈچكە باراۋەر» دېگەن سۆزىگە ئەمەل قىلىپ، ھېيتگاھ جامەسىنى مياۋ بۇتخانىسىغا ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇق قىلغان، بۇيرۇققا بىنائەن بىر ئالتۇن باشلىق بۇت ھەيكىلى جامەنىڭ كايىۋانىدىكى مېھراب ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ھەمدە دەرۋازىلارغا قۇلۇپ سېلىۋېلىپ، جامەنىڭ ئالدى چوڭ دەرۋازىسىغا ھېيتگاھ جامەنى بۇتخانىغا ئۆزگەرتكەنلىك ھەققىدىكى فىڭتيونى (پەرمان خېتىنى) چاپلاپ قويغان. 15 كۈنگىچە جامەمۇ ئېچىلمىغان، بۇ ئىشقا قەشقەر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قاتتىق ئىچى پۇشۇپ، بەكمۇ غەزەپلەنگەن. شۇ چاغدىكى قەشقەرنىڭ چوڭ مۆتىۋەر مۇقتىداسى، شەرئى مەھكىمىنىڭ قازىكالانى ئابدۇقادىر قازىكالان بىر جۈمە كۈنى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۈستىگە ئاق كىپەن كىيىپ، قولىغا پالتا ئېلىپ، دەرۋازىلاردىكى قۇلۇپلارنى چېقىپ تاشلاپ، چوڭ دەرۋازىدىكى فىڭتيونى يىرتىپ تاشلايدۇ. كايىۋاندىكى ئالتۇن باشلىق بۇتىنىمۇ چېقىپ، پارە - پارە قىلىۋەتكەن. ئەزان ئېيتىش مۇنارىغا چىقىپ، جۈمە نامىزىغا ئەزان چىللىغان. شۇنىڭ بىلەن يېقىن - يىراقتىكى ئېتىقادچى ئاممىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھېيتگاھقا يىغىلىپ، ئابدۇقادىر قازىكالاننىڭ باشچىلىقىدا جۈمە نامىزىنى ئوقۇغان. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ليۇجىنتاڭ تېخى كىشىلەر جۈمە نامىزىدىن تارقىلىپ بولماستىن ئىلگىرىلا 2000 چىرىكنى يېڭىشەھەردىن كىرگۈزۈپ، ئابدۇقادىر قازىكالاننى تۇتقۇزۇپ، يېڭىشەھەرگە ئېلىپ كەتكەن. جامەگىمۇ قايتا قۇلۇپ سالدۇرۇۋالغان. ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ ھېيتگاھ جامەنىڭ ئېچىلىشىدىن دېرەك بولمىغان. ليۇجىنتاڭنىڭ تەرجىمانى ئابدۇرېھىمبەگ ھاجىنىڭ مەسلىھەتىگە بىنائەن قەشقەردىكى چوڭ بايلار، سودىگەرلەر، موللا، ئۆلىمالار، ھۈنەرۋەن، كاسىپلار پۇل يىغىش قىلىپ، نوۋېشى مەھەللىسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېپىل تۈۋىگە سېلىنغان قوقان خانلىقىنىڭ سودا ۋاكالەتخانىسىنى (ھازىرقى نوۋېشى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئورنىنى) سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنى بۇتخانا قىلىش ئۈچۈن ليۇجىنتاڭغا تەقدىم قىلغان. ليۇجىنتاڭ بۇ جاينىڭ بەدىلىگە ھېيتگاھ جامەنى ئېچىپ بەرگەن.   ھېيتگاھ جامەنىڭ 2 - قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1912 - يىل 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى شەنبىدە يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە قەشقەردىكى گىلاۋخۇيچىلار 8 ئاي ئىلگىرى باستۇرۇلغان ئۆز قېرىنداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن شيەن يامۇلى (ھازىر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئاق ئوردىدىكى ئائىلە قورۇسى) ئارقىسىدىكى فاڭشىڭمياۋ بۇتخانىسىغا يىغىلىپ، داقا - دۇمباق چېلىشىپ، جاڭ ئۇرۇپ، قەغەز كۆيدۈرۈشكەن. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ جەنۇبىدا «قوناق سارىيى»  قوناق سارىيى −− بۇغداي، قوناق، ئاشلىق ساتىدىغان ساراي بولماستىن، بەلكى ئادەملەر قونۇپ ئۆتىدىغان دەڭ ساراي ئىدى. 

(ھازىرقى جانان كوچىسىنىڭ شىمال تەرەپ ئېغىزىنىڭ غەربىدە بولۇپ، ئىزى ئۆچكەن) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساراي بولۇپ، بۇ جايدا 30 غا يېقىن جوھۇت ئولتۇراقلىشىپ، سودا - تىجارەت، جازانىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇلارنىڭ سودا - تىجارەت، جازانىخورلۇقىنى چاررۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى قوللايتتى ۋە قوغدايتتى. قوناق سارىيى بىلەن فاڭشىڭمياۋ بۇتخانىسىنىڭ ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، بۇددا دىنىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈش قائىدىسىنى بىلمىگەن سارايدىكى جوھۇتلار جاراڭ- جۇرۇڭ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئۆگزىگە چىقىدۇ ۋە كېچە قاراڭغۇسىدا كۆيدۈرۈلگەن قەغەزدىن چىققان، ئاسمانغا تاقاشقان ھەيۋەتلىك ئوت يالقۇنىنى كۆرىدۇ - دە، «ئۇلار ساراينى كۆيدۈرىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ خاتا ئويلاپ، ئەھۋالنى دەرھال چاررۇسىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى سوكوۋغا دوكلات قىلىدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنى ۋە مال - مۈلۈكلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوكوۋ ئەھۋالنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن 4 سولدات بىلەن بىر پاژارنى ماشىنىنى كىرگۈزىدۇ. سولداتلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارمۇ جوھۇتلار ئويلىغاندەك ئويلاپ، دەرھال ھېيتگاھ جامەسىنىڭ قۇلۇپىنى چېقىپ كىرىپ، جامە ئىچىدىكى كۆلدىن ماشىنىغا سۇ قاچىلايدۇ - دە، مۇنارغا يامىشىپ چىقىپ، بۇ جايدىن بۇتخانا ئىچىگە سۇ چاچىدۇ. ئوتلار ئۆچۈشكە باشلايدۇ. سۇ ئىچىدە قالغان تەزىيىچىلەرنىڭمۇ داقا - دۇمباق ئاۋازى بېسىلىدۇ. گىلاۋخۇيچىلار بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە سىرتقا ئادەم چىقىرىدۇ. گىلاۋخۇيچىلارنىڭ ئادەملىرى ئەھۋالنى ئۇقۇپ، گىلاۋخۇيچىلارغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، گىلاۋخۇيچىلار دەرھال قىلىچ، چەيدولىرىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقىپ، رۇس سولداتلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ. نەتىجىدە گىلاۋخۇيچىلاردىن 6 ئادەم، رۇسلاردىن 2 ئادەم ئېغىر يارىلانغان. سولداتلار قېچىپ چىقىپ، ئەھۋالنى سوكوۋغا دوكلات قىلىدۇ. سوكوۋ سەمەن ئاقتامدا تۇرۇشلۇق قوشۇنىدىن 400 ئاتلىق سولداتنى ئاجرىتىپ، ھېيتگاھقا ئاتلاندۇرغان. رۇس سولداتلىرى شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە كېچە سائەت 3 بولۇپ، دەرۋازىلار ئاللىقاچان تاقىلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار ياۋاغ دەرۋازىسىنى توپ بىلەن پارتلىتىپ، شەھەرگە بېسىپ كىرگەن. بىراق، ئۇلار ھېيتگاھقا كەلگەندە پائالىيەت ئاياغلىشىپ، گىلاۋخۇيچىلارمۇ تاراپ كەتكەن. ئۇلار ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، ئاخىرى ھېيتگاھ جامە ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئاتلىرىنى پېشايۋان، كايىۋانغا باغلاپ، سىيدۈرۈپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ دىنىي ھېسسىياتىغا ئېغىر زەربە بەرگەندىن تاشقىرى ئۆزلىرى كوچىمۇكوچا چارلاپ ئادەم تۇتىدۇ. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندىمۇ ئۇلار ھېيتگاھ جامەنى بوشاتماي داۋاملىق ئىگىلىۋالغانلىقتىن، ئەتىگەنلىك بامدات نامىزى ئوقۇلمىغان. قەشقەر دوتىيى جاۋ بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، كونسۇل سوكوۋغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن سائەت 10 بولغاندا چاررۇسىيە سولداتلىرى ھېيتگاھ جامەنى بوشىتىپ، ئېتىقادچى ئاممىغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ 3 - قېتىم تاقىلىشى 1934 - يىل 2 - ئايدا بولغان. شۇ يىلى 1- ئايدا ماجۇڭيىڭ قوشۇنى تەركىبىدىكى مافۇيەن ۋە ماجەنساڭ («مازىخۇي»، «چولاق زىخۇي» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قىسىملىرى بىلەن خوجىنىيازھاجى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قەشقەر شەھىرىنى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، خوجىنىيازھاجى قىسىملىرى يېڭىلگەن ۋە بەشكېرەم، ئاتۇش يولى ئارقىلىق مارالبېشىغا چېكىنگەن. مافۇيەن بىلەن ماجەنساڭ قىسىملىرى خوجىنىيازھاجىنىڭ چېكىنگەن قوشۇنلىرىنى قوغلاپ، بەشكېرەمگە يەتكەندە، ئارىدىن پايدىلانغان يۈسۈپجاننىڭ ئۆزبېك قوشۇنلىرى قەشقەر شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان مافۇيەن، ماجەنساڭ قىسىملىرى خوجىنىيازھاجىنىڭ قوشۇنلىرىنى قوغلاشنى توختىتىپ، قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كىرگەن. يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ قىسىملىرىنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، ھېيتگاھ جامەنى ئىگىلىۋېلىپ چۈشكۈنخانا قىلىۋالغان ھەمدە قەشقەر خەلقىنىڭ يۈسۈپجان قۇربېشىنىڭ قىسىملىرىنى قارشى ئالغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش يۈزىسىدىن شۇ يىلى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە شەھەر ئىچىدە قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، بىگۇناھ پۇقرالاردىن 4000 نى قىرىپ تاشلىغان. بۇ قەتلىئامدىن چەت ئەللەرنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىمۇ ئامان قالمىغان. ئافغانىستاننىڭ قەشقەردىكى ۋاكالەتخانىسىنىڭ باش ۋاكالەتچىسى مۇھەممەت شېرىپخان، ھىندىستاننىڭ قەشقەردىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ 2 نەپەر خادىمى شىھىد قىلىنغان. ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ باش كونسۇلىنىڭ ئايالى ئېغىر يارىلانغان. بۇ قىرغىنچىلىقتىن قاتتىق چۆچىگەن ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ۋە ھىندىستاننىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق چەت ئەل خارجى ئورۇنلىرى بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئۇزاققا داۋاملىشىپ كېتىشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشى خەۋپنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ، خانلىق مەدرىسكە ئادەم كىرگۈزگەن ۋە ئۆلىمالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇشىنى جىددىي مۇراجىئەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئەپەندى مەخسۇم، موللا ئىسلام داموللام، جامال ئاخۇن خەلپىتىم، مامۇت ئاخۇن داموللام، ھامىد ئاخۇن داموللام قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق ئۆلىمالار بېشىنىڭ كېتىشىدىن قورقماي، مەدرىستىن ئاتلىنىپ چىقىپ ھېيتگاھقا بارىدۇ. ئۆستەڭبوي تەرەپتىن ئاتلىق كېلىۋاتقان ماجەنساڭ موللا، ئۆلىمالارنى كۆرۈپ ئاتتىن چۈشكەن. موللا، ئۆلىمالار ماجەنساڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ماجەنساڭ بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلارنىڭ يۈسۈپجان قاتارلىق ئايرىم كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، شەھەر پۇقرالىرىدا گۇناھ يوقلۇقىنى، شۇڭا پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەتلىئامنى دەرھال توختىتىپ، مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئورنى بولغان ھېيتگاھ جامەسىنى دەرھال بوشىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى شەيخۇلئىسلامى بولغان ئەپەندى مەخسۇم بارلىق موللا، ئۆلىمالارغا ۋاكالىتەن شەھەر خەلقىدىن يىغقان ئالتۇن، كۈمۈش، ماللارنى نەق مەيداندىلا ماجەنساڭغا تەقدىم قىلغان. ماجەنساڭ موللا، ئۆلىمالارغا سۆز قىلىپ «سىلەرنىڭ بېشىڭلاردىكى سەللەڭلار مېنىڭ بىر تۇەن ئاتلىق ئەسكىرىمنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن كەلدى. پۇقرالارغا ئېيتىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن بىز بىلەن قارشىلىشىدىغان ئىشلار قايتا يۈز بەرمىسۇن» دېگەن ھەمدە 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن باشلاپ، قىرغىنچىلىقنى توختىتىپ، ھېيتگاھ جامەسىنى ئېتىقادچى ئاممىغا بوشىتىپ بەرگەن.

 ھېيتگاھ جامەنىڭ 4 - قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1936 - يىل 5 - ئايدا بولغان. قەشقەر گارنىزون قوماندانلىق شتابى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ بىرلەشمە يىغىلىشىنى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ھېيتگاھ جامە چوڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى سۇپىغا يىغىن سەھنىسىنى راسلىغان ھەمدە جامە دەرۋازىسىغا سۇنكۇبىننىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى ئېسىپ قويغان. بۇنى كۆرگەن خەلق ئاممىسى ھېيتگاھ جامەنى يەنە تاقىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئەنسىرەپ، غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىغان، خەلق ئاممىسىنىڭ غۇلغۇلىسىنى ئاڭلىغان قەشقەر بايلىرىدىن ئۆمەرئاخۇن باي، ئىنىسى مۇھەممەترەھىم ئاخۇن بايلار يىغىن مەيدانىدىلا خەلق ئاممىسىغا ۋاكالىتەن: «مەسچىت دەرۋازىسىغا رەسىم ئېسىش جايىز (دۇرۇس) ئەمەس» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ نارازىلىقنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ چۈشەنگەن گارنىزون قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى ليۇسىلىڭ (ليۇبىڭ) نەق مەيداندىلا ئۆمەرئاخۇن باي بىلەن مۇھەممەت رەھىم ئاخۇن باينى تۇتۇپ قاماققا ئالغان ھەمدە ئۇلاردىن نۇرغۇن جەرىمانە ئېلىپ، ھېيتگاھ جامەنى ھەپتە تاقىتىپ قويغان. شەھەر بايلىرى، موللا، ئۆلىمالار خەلقتىن پۇل يىغىش قىلىپ، ليۇ سىلىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ ناماقۇللۇق بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ليۇ سىلىڭ ھېيتگاھ جامەنى ئېچىپ بەرگەن. 2 بايدىن جەرىمانە ئالغان ۋە خەلق ئاممىسىدىن يىغىۋېلىنغان پۇلغا ئۆز مەھكىمىسىنى ياسىۋالغان.

 ھېيتگاھ جامەنىڭ 5 - قېتىملىق تاقىلىپ قېلىشى مىلادىيە 1966 - يىل 8 - ئاينىڭ 23- كۈنى بولغان. شۇ كۈنى سائەت 2 دە قەشقەر شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە يىغىلىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «4 كونىنى بۇزۇش» قوشۇنى نوۋېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىككىگە بۆلۈنگەن. بىر بۆلىكى خەلقنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئاختۇرۇپ، 4 كونا دەپ قارالغانلارنىڭ ھەممىسىنى بۇلاپ چىققان. مەسچىت، مەدرىسلەرمۇ «4 كونا» دەپ قارالغانلىقتىن، بىر بۆلىكى مەسچىت، مەدرىسلەرنى چېقىشقا ئاتلانغان. نوۋېشى چوڭ يول بويىدىكى مەسچىت چېقىلغاندىن كېيىن، مەسچىت، مەدرىس چاققۇچىلار ھېيتگاھ جامەسىگە باستۇرۇپ كىرىپ، جامە ئىچىدىكى كونا كىتابلارنى، خۇتبە ئوقۇيدىغان مۇنبەرنى جامە ئالدىدىكى مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇلار جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى 2 مۇنارنى ئۆرىمەكچى بولۇپ، مۇنارغا ئارغامچا سالغاندا، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇباۋجى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكىتىنى توسۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىنى قوغداپ قالغان. ئۇ «4 كونىنى پاچاقلاپ تاشلاش» زەربىدارلار ئەترىتىگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، جامەدە ناماز ئوقۇشنى توختىتىپ، دەرۋازىلىرىغا قۇلۇپ سالدۇرۇپ قويغان. بۇ قۇلۇپلار 1967 - يىل 1 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېچىلمىغان، دىنىي پائالىيەتمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان. شۇ يىلى 1 - ئايدا «قىزىل ئېسيانچىلار» گۇرۇپپا - گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ئىچكى ئۆلكىلەرگە، قېرىنداش ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئالاقە باغلاشقا مېڭىپ كېتىش ۋە كۆز قاراشلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن تەرەپلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆزئارا ئەلەم ۋە قەلەم كۈرىشى قىلىش سەۋەبىدىن ھېيتگاھ جامە بىلەن ھېچ كىشىنىڭ كارى بولمىغان. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئېتىقادچى ئامما ھېيتگاھ جامەنى ئۆزلۈكىدىن ئېچىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى باشلىغان.

 ئاپتور: قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىنىڭ كەسپىي خادىمى   

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ