ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھۆكۈمەت بىناسى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى بايقالدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-06 16:41:49 جەمئى 2839 قېتىم ئوقۇلغان.

ھۆكۈمەت بىناسى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى بايقالدى

ھۆكۈمەت بىناسى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكى بايقالدى
5- ئاۋغۇست دوۋى خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، شىخۇ شەھىرىدىكى پارتىيە مەكتىپى « تەبىيىلەش لاگېرى» قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخۇ شەھىرىدە ھازىر تەسس قىلغان ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى» غا ئادەم سىغمىغانلىق سەۋەبىدىن شىخۇ شەھىرىدىكى پارتىيە مەكتەپ بىناسىنى لاگېر قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، ئىلگىرىكى مەھبۇسلارغا كارىۋات يېتىشمىگەنلىكتىن كامېر ئىچىدىكى بىر قانچە مەھبۇس ئۇخلىسا، بىر قانچە مەھبۇس ئۆگىنىش قىلغانلىقى، مەھبۇسلار ئۆز- ئارا ئورۇن ئالمىشىپ ئۇخلايدىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خەۋەردە يەنە ۋۇسۇ شەھىرىدە ئاتالمىش«تەربىيىلەش لاگېرى»غا تۇتقۇن قىلىنغانلار قويۇپ بېرىلمەستىن تۇتۇپ قاماش داۋاملىق ئىلىپ بېرىلغانلىق سەۋەبىدىن ۋۇسۇ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ « تەربىيىلەش لاگېرى» قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكى، شىخۇ شەھىرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۇتقۇن قىلىپ قامىغان كىشىلەر سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بارغانلىقى، لاگېردىكى روھى بېسىمدا ئەقلىدىن ئاداشقانلار ياكى كېسەل بولۇپ قالغانلار شىخۇ شەھەرلىك تىببى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، بىنانىڭ بىر قەۋىتىگە كېسەل مەھبۇسلارنى قامىغانلىقى، ئەگەر مەھبۇسلار ھاياتىدىن ئايرىلسا دوختۇرخانا مەھبۇسلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلىشقا روخسەت قىلىنمايدىغانلىقى، ساقچىلار مەھبۇسنىڭ جەسىدىنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.
ئسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىزمەتچى خىتاينىڭ لاگېردا زاۋۇت قۇرۇپ مەھبۇسلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ