ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا ئىگە چىقىشى تەشەببۇس قىلىنىپ"ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا ئوچۇق مەكتۇب!" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

 

ھۆرمەتلىك ئەردوغانغا ئوچۇق مەكتۇپ!

4- سىنتەبىر تۈركىيىنىڭ ئورتاق ئاۋازى تورىنىڭ يازغۇچىسى ئورخان شەن ئىمزاسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا ئىگە چىقىشى تەشەببۇس قىلىنىپھۆرمەتلىك ئەردوغانغا ئوچۇق مەكتۇب! ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى:

ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى؛

قىرغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈرك كېڭىشى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا پەلەستىن تۈرك دۇنياسىنىڭ سىرتىدا ئەمەس دەپ سىز داۋاملىق ئارقىسىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان پەلەستىن داۋاسىنى تۈرك كېڭىشىگە ئېلىپ كەپسىز...

ھۆرمەتلىك ئەردوغان سىزدىن سوراپ باقاي:

تۈرك كېڭىشىدە سىز ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ قويمىغان شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىچىدىمۇ؟ تېشىدىمۇ؟ ياكى قەيەردە؟

ھازىر خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىچىدە، مەركىزىدە، بەلكى دەل ئوتتۇرىسىدا بولغان قەدىم تۈرك يۇرتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنى نەدە؟

شەرقىي تۈركسىتانلىقلار ئىنسان ئەمەسمۇ؟

 شەرقىي تۈركسىتانلىقلار تۈرك ئەمەسمۇ؟

شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟

بەلكى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن دەي.

تۈرك تارىخىدا ھون ۋە كۆكتۈرك دۆلەتلىرىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئۈچىنچى تۈرك دۆلىتى ئۇيغۇر دۆلىتىدۇر.

جۇمھۇر رەئىسلىك گىربىدا يەر ئالغان 16 يۇلتۇزنىڭ بىرى تارىختىكى ئۇيغۇر دۆلىتىنى تەمسىل قىلىدۇ.

تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتى بولغان قاراخانلىلار دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا قۇرۇلۇپ، تۈركىستاندا ئىسلامىيەتنىڭ يېيىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

تۈركلەرنىڭ تۇنجى يازما لۇغىتى قەشقەردە يەنى بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ماھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلدى.

تۈركلەرنىڭ تۇنجى پەلسەپە ۋە قانۇن كىتابى قۇتاغۇبىلىك قەشقەردە يېزىلغان. كىتابنىڭ يازغۇچىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مازىرى قەشقەردىدۇر.

1863 – يىل قۇرۇلغان شەرقىي تۈركسىتان (قەشقەرىيە) دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى ياقۇپخان ئوسمانلى دۆلىتىگە بەيئەت قىلىپ سۇلتان ئابدۇلئەزىز نامىغا خۇتبە ئوقۇتقان ۋە پۇل باستۇرغان.

ھۆرمەتلىك ئەردوغان؛

شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 35 مىليون ئۇيغۇر ۋە قازاق تۈركلىرى ئاسمىلاتسىيە بولماسلىق، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەت مۇجادىلە قىلىۋاتىدۇ.

مىليونلاچە ئىرقداشلىرىمىز نازى لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان جازا لاگىرلىرىدا ئىدېئولوگىيە تەربىيىسى ئىسمى بىلەن پىسخولوگىيىلىك ۋە فېزىكىلىق قېيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دىنىي پائالىيەتلىرىنى قىلالمايۋاتىدۇ.

روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ۋە باشقا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاش چەكلەنگەندۇر.

بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار تېرورچى ئېلان قىلىنىپ ئوققا تۇتۇلماقتا.

ئەرلىرى جازا لاگىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە مەجبۇرى ھالدا خىتاي ئەرلەرنى يەرلەشتۈرۈپ ھەمشىرىلىرىمىز ئۇلار بىلەن بىللە ياشاشقا مەجبۇرلانماقتا.

ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلىرى خىتايلار بىلەن مەجبۇرى توي قىلدۇرۇلماقتا.

ئاتا-ئانىسى جازا لاگىرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن پەرزەنتلەرنى پەرىشتىلەر لاگىرى ئىسمى بىلەن قۇرۇلغان لاگىرلارغا يىغىپ خىتايلاشتۇرۇلماقتا.

خىتايلارغا ئۈچىنچى بالا كۆرۈش رۇخسەت بېرىلگەن تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئۈچىنچى پەرزەنت كۆرۈش چەكلەنگەن. تۇتۇلۇپ قالسا ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ ۋە بالىسى مەجبۇرى چۈشۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

بۇنىڭدەك ئۆرنەكلەرنى تېخىمۇ كۆپ مىسالغا ئالالايمىز.

ھۆرمەتلىك ئەردوغان:

سىز ۋە باشقا تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ رەئىسلىرى خىتاي بىلەن زىتلىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقداشلىرىمىز ياشاۋاتقان زۇلۇملارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئويۇن ئوينىماڭلار.

ۋە بولۇپمۇ سىز پەلەستىن داۋاسىغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدىن قىسىپ قويماڭ.

شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىز 5000 يىللىق كەچمىشكە ئىگە دۆلەت قائىدىسى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى.

                                                                              -ئورھان شەن


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ