ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ھىندىنوزىيە مۇسۇلمانلىرى :شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايمىز

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-09 17:56:19 جەمئى 632 قېتىم ئوقۇلغان.

ھىندىنوزىيە مۇسۇلمانلىرى :شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايمىز

ھىندىنوزىيە مۇسۇلمانلىرى :شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايمىز
9- يانۋار KIBLAT.NET خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھىندونېزىيىنىڭ بالىق پاپان شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشنى ھىندىنوزىيە ئۆلىمالار ھەيئىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا بالىق پاپان شەھىرىدىكى مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى، ئسلام ھىمايىچىسى قاتارلىق 28 تەشكىلات ۋە جەمئىيەت ئەزالىرىدىن بولۇپ 100 لەرچە كىشى قاتناشقان.
نامايىشچىلار بالىق پاپان شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىشخانىسى ئالىدىغا يېغىلىپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى جىنايىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ يۈرۈش قىلغان. نامايىشتا، بالىق پاپان شەھىرى ئىسلام بىرلىكى رەئىسى Fadjar Sidik ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىنوزىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بېسىم قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا چاقىرىق قىلغان. Fadjar Sidik ئەپەندى باياناتىدا يەنە، ھىندىنوزىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىقىنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ